uyghuray~25 يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 01:07 PM
شىفوسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تامىقى ئوخشايدىكەن.بىراق تاللا ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،سىز ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرمىز تۇغرىسىدا بەك يۈزەكى سۆزلەپ خاتا كۆزقاراش پەيدا قىلىش بىلەن بىرگە يەنە غەيۋەت قىلىپ قېرىنداشلىرمىزنى چۈشرۈپسىز ،خاتانى كۆرسىتىش توغرا لېكىن ئۇنى توردا يېيىپ غەيۋەت قىلىپ ئۇيەردىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ۋە ئۈزىمىزنىڭ ئۇبرازىنى خۈنۈكلەشتۈرۈپ نىمىگە ئىرىشمەكچىسىز ۋە نىمىگە ئرىشتىڭىز…?
ئىرىشكىنىڭىز لەنەت ۋە باش چايقاشلاربىلەن ئۆزىمىزنىڭ پۇتىغا پالتا چېپىش،پاكىت بۇرمىلاپ خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىش،يەنە تېخى قىيامەتتىكى جاۋاپكارلىق …… ۋاھ نىمدىگەن نەتىجىلەرگە ئىرىشتىڭىز ھە،، ? سۆزلىرىڭىزنىڭ ئۇيەردىكى قېرىنداشلىرىمىزغا ئېغىر زەربە ۋە ھاقارەت بۇلىدىغانلىقىنى ئويلاپ يىتەلمەپسىز ۋە يىتەلمەيسىز
،
ياتلار بىلەن بىر بۇلۇپ
تازا ئوبدان بىرلەشلە،
سېسىتىشقا مىللەتنى
قانچە پۇلغا گەپلەشلە،
سىزگە دەيدىغىنىم سىزدىگەن دۇكان ۋە ئەھۋاللارنى ماڭا دەپ بەرسىڭىز مەن شۇلار بىلەن ئالاقىلىشىپ تۈزۈتىشكە ياردەملىشىمەن ـ ئالاقىلىشىش ئادرىس dartman1211@gmail.com
تورداشلارغا دەيدىغىنىم بۇ تورداشنىڭ پىكرى بەكلا يۈزەكى ۋە بىرتەرەپلىمە ئۇمۇميۈزلۈك ئەھۋال ئەمەس ئۇ يەردىكى قىرىنداشلاردا ئۇ ئەھۋال ئاساسەن يوق بار دىيىلسىمۇ ئىنتايىن ئازبۇلۇپ يوق دىيەرلىك .بۇ ئىنكاسقا ئىشىنىپ ئىدىيەڭلاردا قەتئى خاتا چۈشەنچە پەيدا بۇلمىسۇن ،شارائىتى يار بەرگەنلەر بىر چىقىپ كۈرۈشكە ئەرزىگۈدەك جاي ئۇ ،ئىنشا ئاللاھ ئۇنداق ئەھۋاللار نى ئۇچراتمايلا قالماستىن بەلكى نۇرغۇن ياخشى تەرەپلىرىنى باي قايسىلەر .
شۇ جايدا ياشاۋاتقان، تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان مەيلى تاشچىلىق بۇلسۇن ياكى باشقا يىمەك ئىچمەك تىجارىتى بۇلسۇن چوڭ بۇلسۇن كىچىك بۇلسۇن تىجارەت قىلىۋاتقان ،ۋە يەنە كۆپلىگەن ياخشى ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئەر -ئايال قېرىنداشلىرىم سىلەرگە ئاللاھنىڭ سالامى ۋە ئامانلىقى بۇلسۇن ،ئىشلىرىڭلارغا ياخشى ئاقبەتلەر بۇلسۇن .نادانلىقىمىز تۈپەيلى يېزىلىپ قالغان بۇنداق پارچە-پۇرات ئىنكاسلارغا قاراپ كۆڭلۈڭلار يېرىم بۇلمىسۇن ،ياخشى نەتىجە تىرىشىپ ئىزدەنگەنلەرگە مەنسۇپتۇر.
ئاخىردا خاتا كەتكەن يەرلىرىمگە تەنقىدى تەكلىپ-پىكىر ۋە ئەپۇ سۇراپ قىرىندىشىڭلار dartman211