muhlisa55 يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 10:52 PM
سوراپ باقسام.سىز دىگەن كونا تۈزۈم نىمىگە قارىتىلغان؟ ...
قۇرئان-كەرىم بىلەن زامانىۋىيلىقنىڭ زىت يىرى يوق، ھەم قۇرئان كەرىمنىڭ ئەقىدە-پەرمانلىرى،قانۇنى قىممەت-قاراشلىرى كونىراپ قالىدىغان نەرسە ئەمەس. ھەم يىڭىلىنىپ ئۆزگەرتىلىدىغان نەرسىمۇ ئەمەس. ئەمما، مەسىلە بۇ ئەمەس بەلكى قۇرئان-كەرىمنىڭ يول-يۇرۇقلىرىنى شەرھلەش ۋە نىمىگە؟ قانداق يۇسۇندا خىزمەت قىلىش مەسىلىسى. سەئۇدىلىق موللا بىلەن ئىرانلىق موللىنىڭ كۆز-قارىشىدا پەرق بار.
ئۇيغۇرلارغا ئىسلام دىنى بار-يوق بىر ئادەم-سولتان سۇتۇق بۇغراخان بىلەن تارقالغان. ئەمما، ھازىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ئەمەس مۇشۇ مۇنبەر، مۇشۇ تىمىغا قارىسىڭىز دىنى ئوخشاش، كىتابى ئوخشاش بىرقانچە ئۇيغۇر ئىككى سەپكە ئايرىلىپ قارشى تەرەپنىڭ پىكرىنى پۈچەك گەپكە چىقىرىش بىلەن ئاۋارە...
تارىختىن-ھازىرغىچە قۇرئان-كەرىمنى چۈشەندۈرۈش ۋە ئەمىر-پەرمان، قانۇنلىرى ئىجرا قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان كىشىلەرنىڭ ۋاستىسى بىلەن نۇرغۇن سىياسىي، ئىقتسىادى، كىشىلىك مۇناسىۋەت ئادەت-تۈزۈملىرى بارلىققا كەلگەن. زامانىۋىيلىشىش-تەرەققىيات تەبىئىيلا بەزى ئادەت-تۈزۈملەرنى ئۆزگەرتىش ئورنىغا قۇرۇلىدۇ ياكى بىلىپ-بىلمەي ئۆزگىرەپ كىتىدۇ. بۇ نۆۋىتىدە نۇرغۇن تالاش-تارتىش، تۇقۇنۇشلارنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش، مۇسۇلمانلارنىڭ پارچىلىنىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن سوغۇققان ئىدراك، كۆپ تەرەپلىك بىلىم، نوۋىتىدە ئىسىل ئەخلاق-پەزىلەتمۇ بۇلۇش كىرەك. ئەمما، نۇرغۇن كىشىلەردە بۇلار كەمچىل...شۇڭا سىرتقا چىقسا بىر تالاي جىدەل...ئاران بىر تورغا كىرسە ئاتالمىش دىنچى-مىللەتچى بۇلىۋېلىپ زەھەر چېچىشلار....
بۇيەردە پەقەت ۋە پەقەت بىر مەسىلە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ؛كىشىلەر دىن بىلەن زامانىۋىيلىقنى جىپسىلاشتۇردىمۇ ياكى ئارىسىدا ھاڭ پەيدا قىلدىمۇ؟ كىشىلەر قايسىسى ئۈستىدە بەكرەك كۈچىدى ۋە ئىزدەندى؟