sabak يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 12:49 AM
دوپپىنى 5.5 تە بىر كىيۋېلىپ خەقنىڭ كۆزىگە چىرايلىق كۆر ...
مېنىڭ ئۇ يەردە 5.5 يېزىپ قويۇشۇم بايرام كۈنىنى ئەسكەرتكىنىم.
بايرام كەلمەي ھەممە يەردە ۋە چەتئەللەردە مۇشۇنداق ياخشى پائالىيەتلەر بولغىنىغا خوش بولغىنىم.
بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر دوپپىمىزنى، ئۇيغۇرنى تېخىمۇ كەڭ تەشۋىق ياخشى ئىش ئەمەسمۇ.
سىز بۇ يەردە ئىسىت دەپ كەتكىدەك گەپ يوق، كۈندە كىيىۋاتقانلارمۇ بار.
ئەڭ مۇھىمى شۇ دوپپىنى چىن دىلىدىن قەدىرلەيدىغان يۈرەك بولۇشلار!
سىزنىڭ بۇنداق ئىسىت دەپ كېتىشىڭىز، دوپپىنى قەدىرلىگىنىڭىزنى بىلدۈرمەيدۇ،
بەلكى گۇمانلىنىشنى كۆرسىتىدۇ، شۇڭا 5-ئاينىڭ 5-كۈنى كەلمەي تۇرۇپ، بىر ئاي بۇرۇن بۇ پائالىيەتنى باشلىدى، دىمەك، مەيلى شۇ كۈنى بولسۇن ياكى باشقا كۈنى بولسۇن شۇ دوپپىنى قەدىرلەۋاتىدۇ
شۇڭا سىز باشقا گەپ قىلماي، بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىڭ، ياكى قوللاپ قويۇڭ، ئۇنىڭدىن باشقىسى ئارتۇقچە.
ئەمدى ئىنكاسىمنى نەقىل ئالماي، بۇندىن كېيىنمۇ تېمىغاقارىتالا ئۆز كۆز قارىشىڭىزنى ئېنىق ئېنىق يېزىپ يېزىڭە،
ئىنكاس يېزىشتىكى مەقسەت تېمىغا قارىتا ئۆز پىكرىنى ئېنىق يېزىشلا بولسۇن. خەير سۆزۈم تامام.