qutbeg يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 05:35 PM
ئەسسالامۇ .ئەلەيكۇم دوسلار ئۇلار قانداق كىيىنسە ئۆزنى ...
بىزگە بۇنداق كۆزلىرىنى چاپاق، دىللىرىنى چاڭ -توزان باسقان،
ئۆز ئەسلىدىن يىراقلاشقان، پىت بازىرىدا پىتلاپ يۈرگەن ‹‹شاپاق››
<چولپان>لار ئەمەس، بەلكى ئۆز ئەسلىنىڭ كىملىكىنى بىلىدىغان ۋە
شۇنىڭغا سادىق بولالايدىغان، ئۆزىنىڭ ‹‹شاپاق›› لىقى بىلەن ئەمەس،
بەلكى ھەقىقى ئىنسانىلىقى بىلەن ئۇيغۇر نامىنى جۇلالاندۇرالايدىغان
ھەقىقى ئۇيغۇر ‹‹چولپان ›› لار كېرەك!!!
كىيىمنىڭ رولىنى سەل چاغلىماڭ! كىيىم سىزنى ئەڭ ئەقەللىسى
ھايۋاندىن پەرىقلەندۈرۈپ تۇرىدۇ.... ئۇ سىزنىڭ كىملىكىڭىزنى ، يەنى،
قايسى تائىپە ياكى قايسى ئىجتىمائى توپقا تەۋە ئىكەنلىكىڭىزنى، ئەر ياكى
ئاياللىقىڭىزنى، ئېتىقادلىق ئىنسان ياكى ئېتىقاتسىز مەخلۇق ئىكەنلىكىڭىزنى،
قىممەت قارىشىڭىزنى، تەپەككۇرىڭىزنى.... سىز بىلمەيدىغان ئاۋازسىز ،
يېزىقسىز بىر تىلدا باشقىلارغا سۆزلەپ بېرەلەيدۇ...
شۇڭا «قانداق كەيسە ئۆزىنىڭ ئىشى، ئۆزىنىڭ خاھىشى »بولىۋەرسە بولمايدۇ.
بەزىلەرنى ‹‹چولپان›› دىيىشتىن بۇرۇن، ئۇ كىمنىڭ چولپىنى؟
ئۇيغۇرنىڭ ‹‹چولپىنى›› بولسا، بۇلار ئۇيغۇر ئاسمىنىنى نۇرلاندۇرالامدۇ؟
يورۇقلۇق ئىزدىگەنلەرگە بىرەر تال سەرەڭگە دېنىنىڭ يورۇقىچىلىكمۇ
بولسا، يورۇقلۇق ئاتا قىلالامدۇ؟ دىگەنلەرنى چوقۇم ئويلىشىش كېرەك....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا NurlanKelbim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-21 03:00 AM