خۇش يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 04:47 PM
ئاللاھ خالىسا كىيىنچە سۈرەتكە تارىتقان چىغىڭىزدا دۆڭ ...
دۆڭنەن ئەمەس ، دۆڭنو دەڭە ...خەنزۇچە دەۋاتامسىز يا ؟
سىز دەۋاتقان ھورۇنلار باغچىسى ئەتراپىدىكى مەسىچىت تىمىدا تىلغا ئېلىنقىنى شۇغۇ ...بىلمەپسىزدە ...باغچا ئالدىدىن چاسا باشلانغۇچ تەرەپكە 300 مىتىر ئەتراپىدا مېڭىپ ئوڭ تەرەپكە قارىسىڭىز ئۇ مەسچىتنىڭ گۈمبەزلىرى كۆزىڭىزگە چېلىقىدۇ .
ئۇ مەسچىتنىڭ مەشھۇر بولىشى بىنا قىلىنغان تارىخىنىڭ ۇزاق بولىشىدىن باشقا ھىچقانداق ياغاچ ۋە بىتون قۇرۇلمىسى ئىشلىتىلمەي گۈمبەزسىمان شەكىلدە كىسەك بىلەنلا پۈتۈپ چىىلغانلىقىدا ...
ئەمما ئاەەمنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىپ ئۇ مەسچىتنىڭ بېقىنىغا بىر ئامىۋى خالا ياساپ قويۇپتىكەن ( يەرلىك ئۇسۇلدا ) ياز كۈنى بولسا مەسچىتنىڭ ئالدا ۋە ئۇ خالا بەتبوي پۇراپ كىتدىىكەن . تام تورۇس ۋە ئەتراپىنى رىمونت قىلىپ ، پاكىزلاپ قويغۇدەك ئادەم چىقمىغان ئوخشايدۇ .
ھە دىسىلا شەھەر ئىچىگە قىممەت باھالىق تۇتمىغان قارىغايلارنى پاتۇرۇپ ، تىكىۋەرگىچە ئاشۇنداق خىراجەتنىڭ ئازراقلا بىر قىسمىنى مۇشۇنداق قوغداش خارەكتىرلىك قەدىمىي قۇرۇلۇش ، ئورۇنلارغا ئىشلەتسە بولمامدۇ دەيمەن .