ساقچى يولداشلار كۆپ جاپا تارتىپ، مۇشۇنىڭدەك ئادەم بىدىكلىرىنى تۇتۇپ
قانۇن تورىغا چۈشۈرۈپ، چوڭ تۆھپە كۆرسىتىپتۇ... بۇ ئادەمنى خوش قىلىدۇ!
چۈنكى كىم بۇنداق قەبىھ جىنايەتنى ئۆتكۈزىدىكەن، ئۇ چوقۇم جازاغا لايىق!!!
لېكىن مەقسەت جىنايەتچىنى تۇتۇش ۋە مال مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىشلا بولۇپ
قالماسلىقى كېرەك!
ھۆرمەتلىك ساقچى يولداشلار! قالغان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان، ئۇچراۋاتقان
بىگۇناھ نارىسىدە بالىلارنى قاچان قۇتقۇزىسىلەر؟؟؟ ئىچكىرىدە قاچان بۇنداق
بالىلار يوق بولىدۇ؟؟؟ شۇنداق كۈنلەر قاچان كېلىدۇ؟؟؟
بۇنداق كۈنلەر زادى كېلەمدۇ؟؟؟
ئىچكىرىدە يەنە نەچچە مىڭلىغان باللىرىمىز سەرسان- سەرگەردان بولۇپ،
ھۆكۈمەتنىڭ، ساقچىلارنىڭ، ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە ئىگە
چىقىشىنى كۈتمەكتە.... ئۇلارنىڭ ئارزۇسى قاچان ئەمەلگە ئاشىدۇ؟؟؟
ئۇلارنى زادى كىم قوغدايدۇ؟؟؟؟
نىمە ئۈچۈن قانۇن بىلەن دۆلەت باشقۇرۇش كۈندىن كۈنگە تەكىتلىنىۋاتقان
بۈگۈنكىدەك كۈندىمۇ، ئاشۇ بالىلار ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ كوچىلىرىدىن
قانۇننىڭ كۈچى بىلەن تەل تۆكۈس تازىلانمايدۇ؟؟؟ ئەجىبا دۆلىتىمىزنىڭ
قانۇنىنىڭ ئاشۇ جىنايەت شايكىلىرىنى يىلتىزىدىن تەل -تۆكۈس
قۇرۇتۇشقا قۇربى يەتمەمدۇ؟؟؟
مەيلى كىم ئىچكىرىنىڭ كوچىلىرىدا شىنجاڭلىق ، يەنى جۇڭخۇا
خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنلۇق پۇخراسى بولغان ئۇيغۇر ئۆسمۈر بالىنى،
(مەيلى قىز مەيلى ئوغۇل بولسۇن) ئۇچراتسا، ئۇچراتقان ھامان دەرھال
ساقچىغا مەلۇم قىلسا، ساقچىلار ئۇلارنى قوغداپ، شىنجاڭغا ئەكىلىپ،
ئاتا ئانىسىنى تېپىشىغا ياردەم قىلسا، ئاشۇلارنى ئالداپ ئاپارغان، ساتقان،
جىنايەتكە زورلىغان ئىپلاسلارنى قانۇن بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلسا...
....بۇ، ھەممىمىزنىڭ ، نۇرغۇن ئاتا ئانىلارنىڭ ئارزۇسىغۇ....
ئەگەر پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت مۇشۇ شىنجاڭلىق بالىلارنىڭ ئىشىغا
قايتىدىن بىر قاراپ چىقىپ، قاتتىق قوللۇق بىلەن ئاشۇ ئادەم بىدىكلىرىنى ،
جىنايەتچىلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرىۋالغان مەسئۇلىيەتسىز ساقچىلارنى جازالاپ،
ئەشۇ ئەسلىدىن بىگۇناھ ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بالىلارنى پارتىيەنىڭ
غەمخورلىقىدىن بەھرىمان قىلغان بولسا، پۈتكۈل ئۇيغۇر
تېخىمۇ سۆيۈنگەن بولاتتى، شۇنداققۇ؟؟؟....
شۇڭا سىلەردىن ئۈمۈدىمىز،
ئاشۇ زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان ، ئۇچرىغان بالىلارنى تەل -تۆكۈس
قۇتقۇزۇپ چىقىشقا، مۇشۇ خىل جىنايەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارغا
قەتئى پۇرسەت بەرمەسلىككە كۈچىسەڭلار! ئەگەر يۇقۇرىدىن
بۇ ھەقتە بۇيرۇق چۈشمىسە، تەكلىپ بەرسەڭلار!
قىسقىسى، قانۇننىڭ كۈچىنى ھەقىقى نامايەن قىلىپ،
خەلقنى رازى قىلساڭلار!!!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا NurlanKelbim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-21 04:52 PM