بالاجان يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 10:31 AM
ھۆرمەتلىك باشقۇرغۇچىلار ، سەل مەسئۇلىيەتچان بولساڭلا ...
ئىنكاس يازغانلارنى بىر نىمىگە ئوخشىتىپ تىللىماڭ. ئالدى بىلەن ھىچكىمنىڭ بۇ مۇنبەرگە تېما يوللاش ۋەزىپىسى يوق، قىزغىنلىقىڭىزدىن سۆيۈندۇق. لىكىن ئۆزىڭىز يوللىغان تېمىنى ئالدى بىلەن ئۆزىڭىز بىر ئوقۇپ بېقىڭ، كاللىڭىزدىن ئۆتەمدۇ؟ ئۆتسە ئاندىن يوللاڭ.
تارىختىكى نۇرغۇن شەخىسلەرنىڭ ئىجابىي ۋە سەلبىي تەرەپلىرى بولغان، ئىجابىي ۋە سەلبىي تەسىرلىرىنى سېلىشتۇرۇشمۇ نورمال بولغان بىر تەھلىل ئۇسۇلى. ئەمما بۇنداق تەھلىلنىڭ بىر قانچە پىرىنسىپلىرى بار، ئالدى بىلەن ئىجابىي ۋە سەلبىي ئىككىلا تەرەپ شەخىسنىڭ ئۆزىنىڭ سوبىكتىپ خاھىشى بويىچە بولغان بولۇشى كىرەك، ئىجابىي تەرەپ سەلبىي خاھىش ئۈچۈن خىزمەت قىلغان بولسا، ئۇ ئىجابىي تەرەپ ھىساپلانمايدۇ، بۇ ئىسلام دىنىدىكى «ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق» دىگەن پېرىنسىپقا ئوخشاپ كېتىدۇ. ئىككىنچىدىن، ئىجابىي ۋە سەلبىي ئىككىلا تەرەپنىڭ مۇئەييەن قىممىتى، سېلىشتۇرۇشچانلىقى بولۇشى كىرەك. شېڭ شىسەينىڭ سەلبىي تەرەپلىرىنى تىلغا ئالغاندا ئۇنىڭ ئىجابىي تەرەپلىرى كۆرۈنمەي قالىدۇ. ئۈچىنچىدىن، ئىجابىي ۋە سەلبىي تەرەپلەر پەقەت باھالانغۇچى شەخىسنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇشى، ئۇنىڭ ئالغان رولىنى باشقىلار ئالالمايدىغان بولۇشى كىرەك، تارىختا شېڭ شىسەي بولماي، باشقا بىرى بولغان بولسىمۇ، شېڭ شىسەي پەيدا قىلغان ئىجابىي تەسىرلەرنى پەيدا قىلالايتى، ئەمما ئۇنىڭدەك قانخور، جاللات شەخىسنىڭ چىقىشى ئانچە كۆپ ئۇچرىمايتتى. ئەگەر ئۇنىڭ ئۆزىگىلا خاس سۈپىتىنى باھالاش توغرا كەلسە، يەنىلا قانخورلۇق بولىدۇ، بۇ جەھەتتە ئۇ شىنجاڭ تارىخىدا يىگانە.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەھزۇن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-20 11:58 AM