$$$xair$$$ يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 10:16 PM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم باھارلىق مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇسىزل ...
چانايمەن ،،،دىگەن تىمىغا مەن مۇنداق ئىنكاس قالدۇرغان ئىدىم .
~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~
ھاي ھاي ، يۇقارقى تورداشلار ئۆپكەڭلارنى بېسىۋىلىڭلار ھەم تۆۋەندىكى تورداشلارمۇ لايىقىدا ئىنكاس يېزىڭلار !
تىللاپلا چۈشۈپ كەتكىنىڭلار نىمىسى ، ناخشىنى ئۆزھال ئوقىغان بىلەن تىكىستنى باشقا بىرسى يېزىپتۇ .
تىكىسىت مەزمۇنى سەل قوپال ، ئەدەبىي تىلدىن يىراقراق بولسىمۇ ئەمما مەزمۇندا مەلۇم دەرىجىدە مەقسەت بار ، يەنى مۇھەببەتكە ، قىزغا بولغان ئوتتەك قىزغىنلىق ، مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە ئوغۇل بالا ، ئەركىشىدە بولۇشقا تىگىشلىك جاسارەت ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن .
نى - نى چاكىنا ، ئەخلەت ناخشىلارنى قوبۇل قىلدۇقيۇ ئەجىبا بۇ تىكىستنى قوبۇل قىلالمامدۇق ؟
بەزىدە ئۆزىمىزمۇ چۈشەنمەيدىغان ، بىزنى تىللاۋاتامدۇ يا كۈيلەۋاتامدۇ ئۇقماي تۇرۇپ مودا ، مەستانە بولۇپ كەتكەن چەتئەل ناخشىلىرى بارغۇ ، مەنچە بۇ ناخشىنىڭ تىللىغۇدەك يېرى يوق ئىكەن .
تەكلىپ بىرىشكە بولىدۇ ئەمما تىلاشقا بولمايدۇ ، مانا بۇ ئۆزئارا ئىتىپاقلىق ، ئىناقلىق !....
~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~
بۇمۇ ياخشى بوپتۇ ،. مۇشۇ باھانىدا مۇشۇ مۇنبەرنىڭ ئەزاسى بولۇپ قالسىڭىز ئەجەپ ئەمەس .
مۇنبەردە كۆرۈڭمۇ كۆرۈم دەپلا تەپەككۇرىن يىراق ، ئىشنىڭ ئالدى كىينىنى ئويلىيالمايدىغانلار بەك كۆپ ، بىراق ئۇنداق ئەمەسلەرمۇ خىلى بار ....