monix يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 01:52 PM
سىزنىڭ دىگەنلىرىڭىزمۇ ھەقلىق ئەمما ، سىزمۇ ،مەنمۇ ھە ...
بۇ دېلودا سۇغۇرتا شىركىتى بېجىرگەن سۇغۇرتا قاتناش ھادىسىسى مەجبۇرىي سۇغۇرتىسى بولۇپ، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ھەرقانداق ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى چوقۇم بېجىرىشكە تېگىشلىك سۇغۇرتا ھېسابلىنىدۇ. بۇ سۇغۇرتىنىڭ مەقسىدى سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ مەنپەتىنى قوغداش ئەمەس، ياكى ھادىسە تۇغدۇرغۇچىنى تۆلەم ئارقىلىق جازالاش ئەمەس، بەلكى زىيانلانغۇچىنىڭ زىيىنىنى تولۇقلاشنى مەقسەت قىلغان. شۇ سەۋەبتىن يېڭىدىن ئېلان قىلىنغان ئەدلىيىلىك ئىزاھاتتا ھادىسە چىقارغۇچى مەست بولغان تەقدىردىمۇ، پىراۋىسى يوق بولغان تەقدىردىمۇ ، سۇغۇرتا شىركىتى زىيانلانغۇچىنىڭ زىيىنىنى مەجبۇرىي سۇغۇرتا تۆلەم دائىرىدە ئاۋال تۆلەش، ئاندىن ھادىسە پەيدا قىلغۇچىدىن تۆلىتىۋېلىش بەلگىلەنگەن.
بۇ بەلگىلىمە زىيانلانغۇچىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئەپسۇس يېڭى بەلگىلىمە ئېلان قىلىنغىلى بىر نەچچە ئاي بولغان بولسىمۇ، كۆپلىگەن دەۋالاشقۇچىلار، ھەتتا بەزى ئادۋۇكاتلار ، سودىيەلەرمۇ بۇ بەلگىلىمىدىن خەۋەردار بولالمىغان. موشۇ تەرەپلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ دېلو مىسالىنى يوللاپ قويدۇق.