danixman1 يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 03:32 PM
سىز ئەنىۋەر ئەمەت (ئەزىز) ئەپەندىمغۇ ؟ ھېلىقى چانايم ...
نەق ۋاختىدا ياخشى يوللاپسىز، مەن دەل ئاشۇ ئاپتور ئەنىۋەر ئەمەت ئەزىزى بولىمەن. ئەزىزى جەمەتىدىن... قارىسام مۇنبەرلەر خۇددى يەكشەنبە بازارلىرىدىكى ۋاراڭ-چۇرۇڭدەك، كىنوخانىدىكى ئىسقىرىق ئاۋازلىرىدەك قۇسۇرچىلارنىڭ قالايمىقانچىلىقى بىلەن توشۇپ كېتىپتۇ، ھەربىر ياخشى تېمىدا نۇرغۇنلىغان قۇسۇر چىقىۋاتقان... لېكىن كۆرۈپ ھوزۇرلىناي دىسە ئاشۇ قۇسۇرچىلارنىڭ تايىنى يوق خەۋەر يوللىغاندىن باشقا يېڭى ئەسەرلىرى ئىجادىيەتلىرى يوق. شۇڭا بۇ ئىش ھەرقايسى مۇنبەرلەردىكى ئەڭ مۇھىم بىر تارقىلشچان قۇش زۇكىمى N9H7 كېسەللىكى بوپتۇ. تېزدىن ئالدىنى ئالمىسا پارازىت قۇرۇتلاردەك. پۈتكۈل مۇنبەر ئەھلى ۋە نۇرغۇنلىغان ئىلمى ھۆكىمالار، ئالىم پىرافېسسۇر قاتارلىقلارنى ناھايتى ئوڭايلا مۇنبەردىن زېرىكتۈرۈپ، ئىككىنچى مۇنبەرگە دەسسىمەس قىلىۋىتىدۇ. ئەگەر ئاشۇلارنىڭ بەك تەكلىپ بەرگۈسى كېلىپ كەتسە، ئاپتورغا ياكى يوللىغۇچىغا ئايرىم ئۇچۇر يوللاپ ئىچ-باغرىدىكىنى تۆكىۋالسا مەنچە مۇنبەرداشلارمۇ، ئاپتورمۇ، يوللىغۇچىمۇ خاپا بولمىغان بولاتتى. دەرەخنى پۇتاپ تۇرغاندىلا ئۇ تۈز ئۆسەلەيدۇ، بىز بۇلاردەك ھارام پۇتاقلارنى يوقاتماي تۇرۇپ، مەزمۇت ئۇيغۇر بولۇپ شەكىللىنەلمەيمىز. بۇرۇنمۇ بۇنداق ئەھۋاللار كۆپ بولغاچقا نۇرغۇن ئۆلىما ئالىم، يازغۇچى، شائىرلىرىمىز ئىككىنچى مۇنبەر ئوينىمايمىز دەپ چىقىپ كېتىشكەن. مەنمۇ بۇنىڭ ئىچىدە ئىدىم. بىر قانچە يىل ئۆتۈپ خەلىقىمىزنىڭ مەدەنىيەت قارىشىدا ئاز-تولا ئۆزگۈرۈش بولغاندۇ دىسەم ئەكىسچە بۇنداق ئىش ھەممە مۇنبەرنى قاپلاپ كېتىپتۇ، مىسرانىم مۇنبىرى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ مۇنبىرى، بۇنىڭدا نۇرغۇنلىغان ئەدىبلىرىمىز، ئۆلىما ئالىمىلىرىمىز، يازغۇچىلىرىمىز، شائىرلىمىز، ئىجادىيەتچىلىرىمىز ۋە مىللەت سۆيەر دىننى زاتلىرىمىز بار. بۇنداق سورۇنلاردا ئۇلاردىنمۇ كۆپ قۇسۇرچىلار، بىكار تەلەتلەر، باشقىلارنىڭ ئەمگەك ۋە تىرشچانلىق، ئىزدىنىش روھىنى كۆزگە ئىلماي ئۇلارنى ئەخمەق قىلىپ ئوينايدىغانلار بار. خۇدا ساقلىسۇن بۇنداق خۇيلاردىن، ئۇلارغا بىز ئەمەس ساقچىمۇ ئامال قىلالمايدۇ. ئەڭ ياخشىسى ئاللاھ ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە ھېدايەت بېرەر شۇ چاغدا ئۆزلىرى ھەققىدە بىر ئويلۇنۇپ باقمىسا، ئېچىدىن ئويغانمىسا يەنىلا بىز ئۇيغۇر خەقنى تالاپەت باسقىنى تۇرغانلا گەپ.