tikanpasli يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 02:09 PM
گەرچە مەن لۈكچۈندىن بولمىساممۇ بىراق بۇ يۇرتقا بۆلەكچ ...
تارىخي ماتېرىياللاردىن مەلۇمكى ، لۈكچۈن يېقىنقى زامانغا قەدەر تولىمۇ گۈللەنگەن ، مەدەنىيەتتە راۋاج تاپقان ، ھەيۋەتلىك ئاۋات شەھەر بولغان . ئەمما مىڭ مىڭ ئەپسۇسكى ، 1933-يىلى خوجانىياز ھاجى جەڭدە پاپدىسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىپ لۈكچۈن شەھىرىگە قېچىپ كىرىۋالىدۇ ، قوزغىلاڭنى باستۇرۇشقا كەلگەن ياۋۇز جاللات شېڭ شىسەي زور بىر تۈركۈم ئەسكەرنى باشلاپ لۈكچۈنگە جازا يۈرۈشى قىلىدۇ ، قوزغىلاڭچىلار شەھەردىن چىقىپ شېڭ بىلەن شىددەتلىك جەڭ قىلىدۇ ، شۇ ئۇرۇشتا خەلقىمىزنىڭ پەخرلىك ئوغلانى مەخسۇد مۇھىتى ئوق تېگىپ شېھىت بولىدۇ ، ئاخىرىدا قوزغىلاڭچىلار مەغلۇپ بولىدۇ . جاللات شېڭ شىسەي لۈكچۈن شەھىرىگە باستۇرۇپ كىرىپ تالان-تاراج قىلىپ ، شەھەرنى كۆيدۈرۈپ خانىۋەيران قىلىدۇ . لۈكچۈندىكى قىرغىنچىلىقىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ، 3-ئايدا ئۈرۈمچىگە قايتاشىدا تۇرپاندىن ئۆتىدۇ ۋە ساتقۇن روزى موللىنىڭ چېقىشى بىلەن ئوت يۈرەك شائىرىمىز ، ئىنقىلابىي جەڭچى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر باشلىق 13 مەرد ئەزىمەتنى تۇتۇپ ، قۇمۇل-تۇرپان دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ مەنىۋى تەرغىباتچىسى دېگەن گۇناھ بىلەن 13-مارت كۈنى تۇرپان كونىشەھەردە ئېچىنىشلىق ھالدا قەتلى قىلىدۇ ۋە ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئىجادىيەت ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرىپ ، تاغار-تاغار قوليازمىلارنى بۇلاپ چىقىپ ھەممىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ.............ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ھازىرقى توپلىمىدىكى 57 پارچە شېئىرى پەقەتلا خەلق يادلاپ ئەسكە ئېلىۋالغان ، دوست-يارەنلىرى كۆچۈرۈپ ئېلىۋالغان ، چەتئەللەردە ، باشقا جايلاردىكى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان ناھايىتى ئاز بىر قىسىم شېئىرلىرىدىن تۈزۈلگەن توپلام ، دېڭىزدىن بىر قەترە ، خالاس ...... ئەگەر شۇ ۋاقىتتىكى سورۇقچىلىقلار بولمىغان بولسا لۈكچۈن شەھىرىنىڭ ھازىرقى قىياپىتىمۇ باشقىچە بولاتتى ، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ھاياتىمۇ باشقىچە بولاتتى ، مەخسۇد مۇھىتىنىڭ ھاياتىمۇ باشقىچە بولاتتى ، قىسقىسى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىمۇ باشقىچە يېزىلغان بولاتتى................
ئېچىنىشلىق تارىخ...............................
لۈكچۈن شەھىرى يەنە ئاتالمىش «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دىمۇ تالاي تالاپەتلەرگە ئۇچرىغان ، «تۆت كونا» نى يوقىتىش ھەرىكىتىدە لۈكچۈن ۋاڭ ئوردىسى ، خانلىق مەدرىسە ، نۇرغۇنلىغان قوليازما-ۋەسىقىلەر........ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان . ئويلىسا ئادەمنىڭ يۈرىكى لەختە بولىدۇ.....ئەگەردە ئاشۇ بوران-چاپقۇنلار ، دىشۋارچىلىقلار بولمىغىنىدا ئىدى ، ئۆز ۋاقتىدا تۇرپاننىڭ مەدەنىيەت مەركىزى بولغان ، شۇنداقلا پۈتكۈل شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ئوچاقلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىغان لۈكچۈن شەھىرى ھەرگىزمۇ ھازىرقىدەك ناھىيىنىڭ بىر بازىرى دەرىجىسىگە چۈشۈپ قالمىغان بولاتتى ..........
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yabgu تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-25 03:26 AM