yamgur3 يوللىغان ۋاقتى 2013-4-22 11:10 PM
بۇ >دىگەن سۆزنىڭ لوغەت مەنىسى. مۇمكىن بولسا مۇشۇ سۆزنى ...
« بىسمىللاھىررەھمانىر رەھىم » :ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەركاتەھۇ ، ئەزىز قىرىندىشىم ،سىزنىڭ سورىغان سوئالىڭىزغا مەن ئۆزەمنىڭ بىلىمى يەتكىچە جاۋاپ بىرەي ،بىراق يۈزدە-يۈز مۇشۇلا راس دىيىشكە ئاجىزلىق قىلىمەن، كەم قويغان يەرلىرىمنى تولوقلاپ قويىدىغانلارنىڭ ئەجرىگە ئۇلۇغ ئاللاھتىن كاتتا رەھمەتلەر تىلەيمەن .
سىز ئىنكاسىڭىزدا «ئىشىنىش » دىگەن سۆز ئىماننىڭ لۇغەت مەنىسى ،مۈمكىن بولسا مۇشۇ سۆزنىڭ ئخچاملانغان شەرھىسىنى دەپ بەرگەن بولساڭلار، دەپ يىزىپسىز .
جاۋاپ ؛ھەقىقەتەن « ئىشىنىش » دىگەن بۇ سۆز «ئىمان » دىگەن سۆزنىڭ لۇغەت مەنىسى بولوپ ،بۇسۆز ھەر قانداق بىر ئىمان دىگەن سۆزنى چۈشۈنىشنى خالاپ « ئىمان دىگەن نىمە ؟ » دەپ سورىغان كىشىلەرنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا «نىمىگە ئىشىنىش »دىگەن بىر سوئالغا باشلايدۇ . ئاندىن سورايدۇ ئۇكىشى « نىمىگە ئىشىنىش ئىمان بولىدۇ » دەپ سورىغاندا ئاندىن بىرىلىدۇ جاۋاپ
1-ئاللاھقائىشىنىش ( يەنى پۈتۈن كائىناتنى يوقلوقتىن بارلىققا كەلتۈرگەن ئاللانىڭ بارلىغى ۋە ئۇنىڭ ھىچقانداق بىر شىرىكى ،ھىچقانداق بىر ئوخشىشى يوق يەككە يىگانەبىر ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش) .
2-ئاللانىڭ پەرىشتىلىرىگە ئىشىنىش ، ( يەنى ، ئىنسان كۆزى بىلەن كۆ رەلمەيدىغان نوردىن ياراتقان ،دۇنيا يۈزىدە ھەرخىل ۋەزىپىلەر گەئورونلاشتۇرۇلغان پەرىشتىلەرنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىش ) .
3-ئاللانىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىشىنىش ،( يەنى ئاللانىڭ بىز ئىنسانلارنى توغرا يولغا يىتەكلەش ئۈچۈن بىزلەرگە ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلىرىگە ئىشىنىش ) .
4-ئاللانىڭ كىتاپلىرىغا ئىشىنىش . ( يەنى ،زەبۇر ، ئىنجىل ،تەۋرات ، قۇرئان ،ۋە باشقا ساماۋى كىتاپلارنىڭ ئاللا تەرىپىدىن چۈشكەن ئىلاھى كىتاپلار ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش ) .
5-قىيامەت كۈنىگە ئىشىنىش ، ( يەنى ،ھەر قانداق ئىشنىڭ بىر نەتىجىسى خولاسىلىنىدىغان ،جىمى مەخلۇقات ئۆزىنىڭ قىلغان ياخشى-يامان ئىشلىرىغا ھىساپ بىرىدىغان بىر كۈننىڭ بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىش ) .
6- ئۆلۆشنىڭ ھەق ،ئاندىن كىيىن يەنە تىرىلىپ ھىساپ مەيدانىغا يىغىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىش .
7-ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ ئاللانىڭ تەقدىرى ئەزەلدىكى ئورونلاشتۇرىشىغا ئاساسەن ،قىلچە ئۆزگەرمەي بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىش .
مانا بۇلار ئىماننىڭ ئاساسى رۇكنىلىرى بولوپ ئىنسان مۇشۇلارغا ھەقىقى ئىشىەنگەندىلا ئۆزىدە ئىماننى تۇرغۇزغان بولىدۇ ،
« ۋەللاھۇ ئەئلەم » .