مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: jelwa

مەن ساراڭ ئەمەس (تۈگىدى) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 1851
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4962
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 954 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-2 04:01:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
xahzada517 يوللىغان ۋاقتى  2013-5-2 12:58 PM
تېخى يېزىلماپتىغۇ؟؟؟؟

كەچۈرۈڭ ئەتە مەن يازغان ئەسەرلەرنىڭ داۋامى پۈتۈنلەي يۇللىنىپ تۈگەپ بولىدۇ..ئەمما كۈتۈلمىگەن مىھماننىڭ داۋامى سەل ئۇزۇنراق...ئىگىسىز قالغان خاتىرە بىلەن بۇ ئەسەرنى چوقۇم ۋاقتىدا يۇللاپ تۈگتىمەن ئىنشائاللاھ............

شۇنچىلىك ئەزىز يارىتۇلدۇقكى پەرىشتە بىزگە سەجدە قىلغۇدەك ، ئۆزىمىزنى شۇنداق بىر خارلىدۇقكى شەيتان بىزگە مىنگۈدەك ....

ۋاپاسىز ياردىن ۋ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1873
يازما سانى: 602
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6992
تۆھپە نۇمۇرى: 305
توردا: 7885 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-2 07:51:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىچۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9207
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8175
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 1294 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2013-8-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-2 09:05:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تېخى ئاخىرى چىققان ئوخشايدۇ دەپ خوش بۇلۇپ كېتىپتىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 1851
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4962
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 954 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-3 11:21:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

RE: مەن ساراڭ ئەمەس (تۈگىدى)


شۇنچىلىك ئەزىز يارىتۇلدۇقكى پەرىشتە بىزگە سەجدە قىلغۇدەك ، ئۆزىمىزنى شۇنداق بىر خارلىدۇقكى شەيتان بىزگە مىنگۈدەك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 1851
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4962
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 954 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-3 02:44:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

RE: مەن ساراڭ ئەمەس (تۈگىدى)


شۇنچىلىك ئەزىز يارىتۇلدۇقكى پەرىشتە بىزگە سەجدە قىلغۇدەك ، ئۆزىمىزنى شۇنداق بىر خارلىدۇقكى شەيتان بىزگە مىنگۈدەك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 1851
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4962
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 954 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-3 08:06:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مەن ساراڭ ئەمەس (تۈگىدى)

-مۇرات قولۇمنى قويۇپ بىرىڭ دەۋاتىمەن شۇمۇ ئىشمۇ؟
فىرۇزە شۇنداق دىگىنىچە مۇراتنىڭ قولىنى سىلكىۋەتتى
كەينىدىنلا ئەسقەرنىڭ دادىسى ۋە ئاپىسى كىلپ كەلدى ھەم مۇرات بىلەن فىرۇزەگە قاراپ ھەيرانلىق بىلەن سورىدى
-قىزىم بۇ يەردە نىمە ئىش قىلىۋاتسىىز؟
-بۇ ياق..بىز ئىچكىردە بىللە تۇرغان مۇرات دىگەن بالا شۇ..ئەسقەر بىلەن خۇشلاشقىلى كەلگەن ئىكەن ئەمما ۋاقىت ئۈلگۈرمەپتۇ ...
-مۇنداق دەڭ..ئەسقەر بولمىسىمۇ بىز بار ئەمەسمۇ..قىنى بىزنىڭ ئۆيگە بىرىۋىرىڭ ھىچقىسى يۇق
دىدى ئىرشات كۈلۈپ قويۇپ
-بولىدۇ ئەمسە..ئامىنە ھەدە .ئىرشات ئاكا مۇرات مەن قايتاي دۇككاندا يەنە ئازراق ئىشلىرىم بار ئىدى بالدۇرراق قايتاي..
دىدى فىرۇزە چۈشەندۈرۈپ
-بولىدۇ ھە راسىت قىزىم..ماڭا .ئەتە چۈشلەرگە ئۈلگەرتىپ بىر تۇرۇت ياساپ ئەكىلىپ بىرىڭە..ئەتە گۈلگىنەنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىدى.
-بولىدۇ ھەدە..مەن قايتاي ئەمسە
-سىزنى بومىسا ماشىنا بىلەنلا ئالغاچ كىتەيلى دۇككىنىڭىزنىڭ يىنىغا...
-دىدى ئىرشات ماشىنىنىڭ يىنىغا ماڭغاچ
-بولدى مەن قايتاي..ئارلىقى بەك يىراق ئەمەسقۇ..
فىرۇزە ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ دۇككان يىنىغا كىلىپ تۇرىشىغا ئەلى بىلەن بەرنا پىرەنىكخانىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا پاراڭلىشىپ تۇرغان ئىدى.
-پاھ..ئىككى تاھىر -زۈھرە پاراڭلىشىپ تۇرۇپ كىتىپتۇ دە،،،
-راسىت ..ئەسقەر ئۈرۈمچىگە مىڭىپ بولغاندۇ؟مەن باياتىن باراي دەپ تىلفۇن قىلسام بولدى كەلمە..مەن ئۆزۈم ماڭاي يەنە كىيىن كۆرىشەيلى دىگەن ئىدى.
دىدى ئەلى كۈلۈپ قويۇپ
-ھەئە...ئۇ ماڭدى ..ھە راسىت مۇراتمۇ كەپتۇ ئەمدى ئەسقەرلەرنىڭ ئۆيىگە كەتتى سىز بىرىپ كۆرىشىپ كىلىڭ بولمىسا
-نىمە مۇرات كەپتۇ دە...
ئەلى خۇش بولۇپ فىرۇزەلەر بىلەن خۇشلاشقاندىن كىينلا يۈگۈرۈپ كىتتىپ قالدى فىرۇزە ئەمدىلا دۇككانغا كىرىپ تۇرىشىغا فىرۇزەنىڭ سىڭلىسى سەبىھە ۋە ئىنىسى سەردار كىرىپ كەلدى
-ھەدە..بىز كەلدۇق ياخشىمۇسەن؟
-ۋۇي،،كىلىڭلار ..كەپ قاپسىلەرغۇ...مەكتەپكە بارمىدىڭلارمۇ؟
-ئاللىقاچان چۈش بولۇپ بولدى قۇرسىقىمىز ئىچىپ يىنىڭغا كەلدۇق چۈشتىن كىيىن يەنە مەكتەپكە بارىمىز
-شۇنداقمۇ؟راسىت بۇ بالىلارغا پىرەنىك ئىلىپ بەرگىنە...مەن تۇرۇت ياسايمەن ئەمدى..
دىدى فىرۇزە پەرتۇقنى تارتقاچ
-كىمگە ماڭا ياساپ بىرەمسەن ھەدە؟
دىدى سەبىھە ئەركىلگىنىچە
-سىزگە كىيىن ياساپ بىرەي سىڭلىم..
فىرۇزە سىڭلىسىنىڭ بىشىنى سىلاپ قويۇپ ئىچىدىكى ئۆيگە كىرىپ كەتتى فىرۇزە بۇ تۇرۇتنى شۇنداق چىرايلىق ھەم شۇنچە ئۆزگىچە ياسىغاندىن كيىن سۆيۈنگەن ھالدا تۇرۇتقا قاراپ قۇيدى
-ئۇستام بۇ تۇرۇتنى كىم بۇيرۇتتى؟
دىدى بىر قىز فىرۇزەگە قاراپ
-ئەسقەرنىڭ سىڭلىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىكەن شۇ قىزغا ياساۋاتىمەن...راسىت يەنە بىرەر سوۋغات ئىىلپ بارمىسام قاملاشماس نىمە ئىلىپ بارسام بولار؟
دىدى فىرۇزەگە قىزلارغا قاراپ
-ئۇستام قانچە ياشلاردا بار قىز ئۇ؟
دىدى يەنە بىر قىز خىمىر يۇغۇرغاچ
-14 ياشلاردا بارغۇ دەيمەن ئەسقەر بىر چاغدا شۇنداق دىگەندەك قىلغان ئەمما مىنىڭ پەرەزقىلىشىمچىمۇ شۇنداقراق ئەمدى
-ئۇنداق بولسا ئۇ قىزغا چىرايلىق ئالبۇم شۇنداقلا بىر خاتىرە دەپتەر سوۋغا قىلىڭ ئاندىن بىرەر گاڭسەر ئىشتان ئىلىپ بارمامسىز؟
دىدى بىر قىزمۇ يۇل كۆرسىتىپ
-ماقۇل شۇنداق قىلاي..راسىت بۇ تۇرۇتنى جايىغا قۇيۇپ قويۇڭلار ھە..ھىچكىم چىقىلمىسۇن
فىرۇزە تۇرۇتنى ياساپ بولغاندىن كىيىن ئۆيگە بىرىپ كىلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىپ تۇرىشىغا چاچلىرى ئۇزۇن كەلگەن كىيىنىشلىرى شۇنچە مۇدا شۇنداقلا چەتئەللىكلەرگە خاس غەيرى كىيىم كىيىۋالغان بىر ئايال كىرىپ كەلدى
-بۇ دۇككان كىمنىڭ؟
-مىنىڭ دۇكىنىم...
فىرۇزە شۇنداق دەپ ئايالنىڭ يىنىغا كەلدى
-سىزنىڭ دۇككىنىڭىز؟
ئايال بۇ كىچىككىنە قىزغا قاراپ ھەيرانلىق ھىس قىلغاندەكمۇ بولدى
-مەن 200 كىلۇ پىچىنە -پىرەنىك ئالاي دىگەن ئىدىم ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بىرەلەمسىز؟
-چاقچاق قىلمىغانسىز؟200 كىلۇ پىچىنە -پىرەنىكنى نىمە قىلىسىز؟
دىدى بەرنا ھەيرانلىق ھىس قىلغىنچە
-ماڭا دىگىنىمدەك قىلىپ بەرسىڭزلا بولدى 1 ھەپتە ئىچىدە ماڭا تەييار قىلىپ بىرىڭ ماقۇلمۇ؟مەنمۇ 3 ھەسسە ئارتۇق بىرىمەن
-بولدى ھەدە...بىزنىڭ بۇ دۇككان تۇپ مال تارقىتىدۇ يەنە كىلىپ مەن بەك ئىشلەپ كەتمەيمەن قىزلارمۇ تىخى كىچىك بۇ 4 شاگىرىتىم يىىتشىپ بولالمايدۇ يەنە باشقا دۇككانغا مال تارقاتمىساقمۇ قاملاشماس..
دىدى فىرۇزە چۈشەندۈرۈپ
-بۇنى بىلدىم مەنمۇ بەك ئالدىراتمايمەن 15 كۈن قانداق بولامدۇ؟مەن 3 ھەسسى بويىچە پۇل بىرىمەن ماقۇل دەڭ ..
-بولدى سىزنىڭ 3 ھەسسە بىرىدىغان پايدىڭىزمۇ لازىم ئەمەس...سىزگە بەك مۇھىم بولسا باشقىلارغا ئوخشاش تۇپ باھادا قىىلپ بىرەيلى ئاۋال ياجېڭ قويۇپ قويۇڭ
سىرىق چاچلىق مودا ئايال يانچۇقىدىن نۇرغۇن پۇلنى ئىلىپ فىرۇزەگە تۇتقۇزۇپ قويۇپ كىتىپ قالدى
-ھەي ئوستام قىززىقكەنسىز،،،3 ھەسسە بويىچە بىرەي دىسە ماقۇل دىگەن بولسىڭز بولمامدۇ دەيمەن...نىمانچە ئەخمەق سىز ئۇستام..
دىدى ئادىلە ئىسىملىك بىر قىز بىشىنى چايقاپ
-سىلەر بىلىپ قىلىڭلار باشقىلارنىڭ بىرەر ھاجىتىدىن چىقىش ئۈچۈن شەرت قۇيۇشنى ئەڭ ئۆچ كۆرىمەن سىلەرمۇ ياردەم قىلىڭلار ئەمما ھەرگىز شەرت قويماڭلار..
-ۋاي بولدى...نىمىدىگەن پەزىلەتلىك ئالىي جاناپ قىز سەن..ئۇ ئايالنىڭ كىينىشى نىمانچە غەلىتە
دىدى بەرنا ھەيرانلىق بىلەن .فىرۇزە بۇنىڭغا بەك ئىرەن قىلىپ كەتمىدى ھەم كۈلۈپ قۇيۇپ ئۆزلىرىنىڭ ئىشلىرىنى قىلدى
فىرۇزەمۇ كەچ ناھايىتى كەچ ئىشتىن چۈشەي دەپ تۇرىشىغا مۇرات موتۇسىكلىت ھەيدىگىنىچە فىرۇزەنىڭ ئالدىدا پەيدا بولدى
-ھەجەپ ياخشى ئۇچرىشىپ قالدۇق ھە..قىنى مۇتۇغا چىقىڭ سىزنى ئۆيگە ئاپپىرىپ قۇياي
-بولدى ھاجىتى يۇق ھازىرلا ھەدەم كىلىدۇ سىز كىتىۋىرىڭ..مەن بىلەن بۇ يەردە پاراڭلىشىپ تۇرغاندىن كۆرە ئەلىنى ئىزدەپ كۆرىشىسڭز بولمامدۇ دەيمەن
دىدى فىرۇزە مۇراتقا ئالىيىپ قاراپ قويۇپ
-نىمە سىزنى ئىزدەپ كەلسەم بولمامدىكەن بۇنداق قىلىپ كەتمەڭ ئاپئاق قىز
شۇ ئارىدا زۈھرە يۈگۈرۈپ كەلدى ۋە فىرۇزە بىلەن كۆرۈشكەندىن كىيىن مۇراتقا قاراپ قۇيدى
-بۇ كىم فىرۇزە؟
-ساڭا سەل تۇرۇپ چۈشەندۈرۈپ قۇيىمەن نىمانچە كەچ كىلىسەن؟قانچە كۈن دەم ئىلىش قويۇپ بەردى سىلەرگە قاچان بارىسەن؟
-ئەتە چۈشتىن كىيىن ئىمتھان بەرگىلى بارىمەن..نۇردۇن تاغام بىلەن رازىيە ھەدەملەر ياخشى تۇرىۋاتقاندۇ؟
-ھەئە ياخشى...مۇرات سىزمۇ كىتىڭ ئەمدى
فىرۇزە مۇراتقا سوغۇق نەزەردە قاراپ قۇيۇپ زۈھرە بىلەن كىتىپ قالدى ئۇلار ئۆيگە يىڭىلا كىرىپ تۇرىشىغا سەردار بىلەن سەبىھە يۈگۈرۈپ فىرۇزەنىڭ يىنىغا كەلدى
-ھەدە..قارىغىنە بۇ كىيىمىم چىرايلىقمىكەن؟
-قارىغىنە بۇنى ماڭا ئىىلپ كەپتۇ..
سەردار بىلەن سەبىھە قولىدىكى ئويۇنچۇقلارنى كۆرسىتىپ داملاتقىلى تۇردى
-بۇنداق جىق نەرسىلەرنى قەيەردىن تاپتىڭلار؟
-باياتىن چەتئەللىك بىر ئاپاش بىزگە ئىلىپ بەردى..چىرايلىقمىكەن؟
فىرۇزە ھەيران بولۇپ ئۆينىڭ ئىچىگە كىردى ھەم قۇلىدىكى بىر خالتا سەي -كۆكتات مىۋە-چىۋىلەرنى ئۈستەل ئۈستىگە قۇيۇپ قۇيدى
-قىزىم كۈندە بىر نەرسە كۆتۈرۈپ كىرسىزكەن..بولدى پۇلنى تىجەپ خەجلەڭ
دىدى نۇردۇن ئاكا بىشىنى كۆتۈرۈپ
-دادا خىلى ياخشى بولۇپ قالغانسىز؟دورىڭزىنى ئىچتىڭىزمۇ؟
-ھەئە ئىچتىم قزىم
نۇردۇن ئاكا زۈھرە بىلەن بىر قۇر سالاملىشىپ چىققاندىن كىيىن ئىغىر ئۇھ تارتىپ قۇيدى
-دادا سەردارلارنىڭ قولىدىكى ئويۇنچۇق ھەم ئۇچىسىغا كىيىۋالغان كىيىملەر نەدىن كەلدى؟ماڭا چەتئەللەك بىرسى ئەكىلىپ بەردى دىگەندەك قىلدىغۇ..
دىدى فىرۇزە چاپىنى كىيىم ئىشكاپىغا سالغاچ
-بۇ..بۇ.. ھە..بۈگۈن بۇ مەھەللىگە ئاساس قاتلامدىن ئادەم كەپتىكەن شۇلار ئىلىپ كەپتۇ
دىدى نۇردۇن ئاكا ھودۇققىنىچە
-جىنىم دادا مەن سىلەرنى ياخشى باقىمەن ئەمدى ئاساس قاتلامنىڭ پۇلىنى ئالماڭلار ..پۇلنى بەرگىنى بىلەن بىكارغا بەرمەيدۇ ئۇ پۇلنىمۇ
-ماقۇل قىزىم..ياخشىمۇ سىز بولۇپ قاپسزكەن..ھىلىمۇ بۇ ئۆيدە ئەركەك بولىۋاتىسىز مەن تىخى بۇنداق ئاغرىق..سىزگە بەك جاپا سىلىپ قويدۇم
-ئۇنداق دىمەڭ جىنىم دادا
فىرۇزە شۇنداق دەپ نۇردۇننىڭ بىشىنى سىلاپ قويدى
-راسىت سىزگە ئەسقەرلەرنىڭ ئۆيدىن ئەلچى كەپتۇ ئاۋال تۇيغا بىر دىيىشىپ قۇيغان بولساق ئاندىن كيىن بالىلار ئۆزلىرى خالىغان چاغدا بىشىنى چىتىپ قۇيغان بولساق دەيدۇ قىزىم
فىرۇزەنىڭ چىرايى ھۈپپىدە قىززىرىپ كەتتى ھەم كۈلۈپ قويۇپ بىشنى تۆۋەن سىلىپ ئولتۇرۇپ كەتتى
-نىمە  ئەسقەرلەر ئەلچى ئەۋەتىپتىمۇ فىرۇزەگە؟
زۈھرەنىڭ چىرايى بىردىنلا تاتىرىپ كەتتى
-ھەئە،،بىز ماقۇللۇق جاۋابنى بەردۇق...تۇيىڭزىنى بالدۇرراق قىلىڭ ھە
دىدى رازىيە ھەدە چاقچاق قىلغاچ
-مەن تۇيۇمغا پۇل يىغىۋاتىمەن ئاللاھ خالىسا كىين قىلساقمۇ بولىدۇغۇ...ئەمدى 18 ياشقا كىرگەن تۇرسام
فىرۇزە تاتلىققىنە كۈلۈپ قۇيۇپ ياتاق ئۆيىگە كىرىپ كەتتى


                                     تۇغۇلغان كۈن تۇرىتى
فىرۇزە سەھەردىلا ئورنىدىن تۇرۇپ دۇككانغا كىلىپ قارىغىنىدا دۇككنى ئاللىقاچان ئىچىلىپ بولغان ئىدى ئەلىمۇ مۇرات بىلەن بۇ دۇككان ئالدىدا پاراڭلىشىپ تۇرغان ئىدى
-ھەجەپ تەستە كەلدىڭىز سىزنى ساقلاپ تۇرغىلى نەۋاق..
دىدى ئەلى تۇمشۇقىنى ئۇچلاپ
-ۋاي خاپا بولماڭە.ئەتىگەندىلا مىنى يۇقلاپ كەلگىنىڭىزگە قارىغاندا بىرەر ئىش بولدىغۇ دەيمەن
-ھەئە شۇنداق،بىزنىڭ رىستۇراندا تۇغۇلغان كۈن زىياپىتى ئۆتكۈزمەكچى ئىكەن بىرەيلەن ،ئۇلار ئاتايىتەن سىزنىڭ دۇكىنىڭىزدىن تۇرىت زاكاس قىلىشىمزنى تاپلىدى.
-شۇنداقمۇ ،قاچانلىققا تەييار قىلىپ بولىمىزكەن
-يەنە 1 ھەپتە بار ئالدىن تەييارلىق كۆرۈپ قويۇڭ بىز رىستۇرانغا قايتايلى ئەمسە
ئەلى مۇراتنىڭ قولىدىن تارتىپ ئىلىپ كىيىتىپ قالدى .فىرۇزە دۇككانغا كىرىپ ئەمدىلا دۇخۇپكىنىڭ ئىچىدىكى پىچىنىلەرنى ئىلىپ تۇرىشىغا زۈھرە كىرىپ كەلدى
-ھەي نىمە ئىش قىلىۋاتىسەن؟ۋاھ..نىمانچە چىرايلىق تۇرىت ئۇ.
زۈھرە ئىشىكتىن كىرىپلا ئۇدۇلقى ئۈستەل قويۇپ قويغان تۇرتقا كۆزى چۈشتى
-چىقىلما.ئامىنە ھەدەمنىڭ ئۆيىگە ئىلىپ بارىدىغان تۇرت ئۇ.مىنى ئاتايىتەن ياساپ كىلىشكە بۇيرىغان ئىدى قانداق كۆركەم چىقىپتىمۇ؟
-ھەئە...ھەر ھالدا بولۇپ قاپتۇ.
زۈھرە شۇنداق دەپ يان تەرىپىگە قاراۋالدى.فىرۇزەمۇ چاندۇرماي جىرىڭلاپ كەتكەن يان تىلفۇننى ئىلىپ چىقىپ كەتتى ئۇ تىلفۇندا ئەسقەر بىلەن خىلى ئۇزۇن پاراڭلىشىپ پىرەنىكخانىغا كىرگىنىدە بەرنا بىلەن زۈھرە گەپ تەگىشىپ تۇراتتى
-نىمە بولدۇڭلار؟
فىرۇزە ئۈستەل ئۈستىدە پارچىلنىۋىتىلگەن تۇرۇتنى كۆرۈپ نىمە دىيىشنى قانداق ئىپادە بىلدۈرشىنى بىلەلمەي قالغان ئىدى
-دىلبەر،ئىلزىرە،دىلارە،رائىلە،نىمە ئىش بۇ..قايسىڭلار قىلدىڭلار؟
دىدى فىرۇزە شاگىرىتلىرىغا قاراپ
-مانا بۇ ھۆرمەتلىك ھەدەڭنىڭ قىلغان ئىشى بولمامدۇ؟مەن دوخۇپكىغا پىرەنىك سالغىلى چىقىپ كىتىپتىمەن بۇ نەپىسى بالا ھەدەڭ بۇ تۇرتنى پارچىلاپ يىگىلى تۇرۇپتۇ.
-نىمە؟
فىرۇزەنىڭ كۆزىگە لىققىدە ياش كەلدى تۇغۇلغان كۈن ئولتۇرشى باشلىنىدىغانغا يەنە 3 سائەتلا بار.ناۋادا تۇرۇتنى ئۈلگۈرتمىسە ئامىنەگە نىمە دەيدۇ يەنە كىلىپ ھىچقانداق بىر پىرەنىكخانىدىكىلەر ھىچقاچان تەييار تۇرۇت ياساپ قويمايدۇ بولۇپمۇ تۇغۇلغان كۈن تورتلىرىنى ....
-قانداق يىسەم بولمامدىكەن؟ئەجەبا مىنىڭ شۇ بىر تۇرۇتچىلىك يۈزۈم يۇق ئىكەن دە
زۈھرە ئۆزىچىلا رەنجىپ ئالدى -كەينىگە قاراپ قويماي چىقىپ كەتتى فىرۇزەنىڭ شۇنچىلىك ئاچچىغى كەلگەن بولسىمۇ چاندۇرماي شاگىرىتلىرىغا قاراپ قۇيدى
-ھەدە ئەمدى قانداق قىلىسىز؟تۇرۇتنى ياساپ بولالمايمىز ھەم ئۈلگۈرمەيدۇ
دىدى دىلبەر ئىسىملىك قىز ئۇھ تارتىپ قۇيۇپ
-بولدى ھەممەيلەن قولمۇ-قول چۈشۈپ بۇ تۇرۇتنى ياسايلى.ۋاقىت قىس ئۈلگۈرەلمەي قالىمىز
دىدى فىرۇزە ئالدىراپ
-ئىلاھىم شۇ بالاخۇر قانىڭ ئىتىلىپ كىتەر سەن ساراڭنىڭ
بەرنا زۈھرەنى تىللىغىنچە تۇرۇتنى ياساشقا چۈشتى
-ھەدە بۇ تۇرۇت ئۈلگۈرمىسە مەيلىمۇ يەنە كىلىپ 2 يىرىم سائەتتەكلا قالدى
-قىنى بىر قىلايلىچۇ
فىرۇزە تۇلىمۇ جىددى ھالدا تۇرۇت ياساشقا چشتى قىرىشقاندەك بۇ چاغدا تۇك كىتىپ قالدى يەنە كىلىپ تۇك بولمىسا ئۇلار بۇ تۇرۇتنى قانداقمۇ پۇشۇرالىسۇن؟
فىرۇزە ئاخىرى ئىلاجىسىز قالغان ھالدا دۇكىنىدىكى 5 يۈەندىن ساتىدىغان كىچىك تۇرۇتلاردىن 30 غا يىقىن خالتىغا سىلىپ سىرتقا چىقتى ھەم گۈلگىنە گە تۇغۇلغان كۈن سوۋغىتى ئىلىپ ئەسقەرنىڭ ئۆيىگە ئارانلا ئۈلگۈردى
فىرۇزە كەلگىنىدە گۈلگىنەنىڭ ھەممىلا دوسىتلىرى كىلىپ بولغان ئىدى فىرۇزە ئىشىكتىن كىرىپلا تۇرۇتنى ئۈستەل ئۈستىگە قۇيۇپ تۇرىشىغا گۈلگىنە يۈگۈرۈپ چىقتى ھەم تۇمشۇقىنى ئۇچلاپ تۇرۇپ ئاپىسىغا قارىدى

-قاراڭا ئاپا..مۇشۇمۇ تۇرىت بولدىمۇ؟مەن ئەسلى شام پۈۋدەيدىغان يوغان تۇرۇتتىن بىرنى ئالاتتىم بۇنداق تۇرۇتنى يىمەيتىم
فىرۇزە نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي خىجىل بولۇپ يەرگە قارىۋالدى ئامىنە ھەدىمۇ قاپاقلىرى چۈشكەن ھالدا گەپ قىلماستىن ئىچكىركى ئۆيگە كىرىپ كەتتى.
-گۈلگىنە سىڭلىم بۇ تۇرۇتنى بۈگۈنچە يەپ تۇرۇڭ مەن ئەتىلەر ئىچىدىن سىزگە يۇغان ھەم چىرايلىق چوكىلى تۇرۇت ياساپ بىرەي ماقۇلمۇ؟
گۈلگىنە بىشىنى لىڭشىتىپ قۇيدى ئامىنە مۇ ئىچكىركى ئۆيدىن چىقىپ تۇرىتقا قاراپ قۇيۇپ نىمىلەرنىدۇر غودۇڭشىپ قۇيدى
-ۋايجان پۇل لازىم بولغان بولسا دىگەن بولسىڭزچۇ بۇنداق تۇرۇتلارنى كۆتۈرۈپ كىرگىچە...
فىرۇزە خىجىل بولۇپ ئەھۋالنى چۈشەندۈرەي دەپ تۇرىشىغا ئىشىك قوڭغىرقى چىىكلىپ زۈھرە كىرىپ كەلدى ئۇنىڭ قۇلىدا يۇغان بىر تۇرۇت ھەم باشقا سوۋغاتلار تۇراتتى
فىرۇزە زۈھرەنىڭ نىمىشقا بۇنداق قىلدىغىنىنى چۈشەنمەيلا قالغان ئىدى يەنە كىلىپ زۈھرە فىرۇزەدىن 4 ياش ئەسقەردىن بىر ياش چوڭ ئەمەسمۇ..يەنە كىلىپ فىرۇزەمۇ زۈھرەنى ئامىنە بىلەن ئۆزى تۇنۇشتۇرۇپ قۇيغان دە،،،فىرۇزە شۇ تاپتا گاگگراپلا تۇرۇپ قالغان ئىدى
-ۋىيەي..قىزىم ئاۋارە قىلىپ قۇيۇپتىمەن بۇ تۇرۇتنى نەدىن ئىلىپ كەلدىڭز؟
دىدى ئامىنە زۈھرەنىڭ قولىدىكى يوغان تۇرۇتنى ئالغاچ
-فىرۇزەنڭ دۇككىندا بار ئىكەن ئىلىپ كىلىشىم ئىدى قىنى گۈلگىنە ياقتۇرامدۇ يۇق؟
دىدى زۈھرە گۈلگىنەنى ئەركىلتىپ
-نەدە دۇككاندا تۇرۇت بولسۇن ،يالغان گەپ قىلمىساڭچۇ..
فىرۇزە بۇ يالغان گەپكە چىدىمايلا قالغان ئىدى  شۇ تاپتا ئۇنىڭ كۆزلىرىگە لىققىدە ياش كەلدى شۇنداقتىمۇ فىرۇزە چىداپ بۇ تۇغۇلغان كۈن سورۇننى ئاياقلاشتۇردى
فىرۇزە بۇ مىنۇتلارنى شۇنچە تەستە ئۆتكۈزدى ئۇ ئىچى ئىچىدىن كۆڭلى بۇزۇلماقتا ئىدى يەنە كىلىپ فىرۇزەنىڭ كاللىسىنى تۈگىمەس خىياللار چىرمىۋالغان ئىدى
بۇ ئۆيدىكى ئىشلار تۈگىگەندىن كىيىن فىرۇزە ئۆينى رەتلىك تازلاپ ئامىنەگە بىر ئاز قارىشىپ بەرگەندىن كىين كىتىپ قالدى شۇ تاپتا ئۇنىڭ كاللىسىدا شۇ تۈگىمەس خىياللار بار ئىىدى


                     <<جانغا زامىن بولغان پۇل>>
فىرۇزە ئەمدىلا دۇككاندا پىرەنىك پۇشرىۋاتقىنىدا سەردار بىلەن سەبىھە يۈگۈرۈپ يىتىپ كەلدى ئۇلارنىڭ چىرايىدا قانداقتۇر بىر خىل تەشۋىشلىنىش شۇنداقلا قۇرقۇنۇچ بىلىنىپ تۇراتتى
-نىمە بولدۇڭلار؟
-ھەدە دادامنىڭ كىسىلى تۇيۇقسىزلا ئىغىرلاپ كىتىپ دوختۇرخانىغا ئىلىپ كەتتى ئاپام سىنى تىزرەك دوختۇرخانىغا كەلسۇن دەيدۇ
فىرۇزە ھودۇققىنىچە قولىدىكى نەرسە -كىرەكلەرنى قۇيۇپ قويدى بەرنامۇ دەرھاللا ئورنىدىن تۇردى
-مەنمۇ سەن بىلەن بىللە بارايمۇ؟
-بولدى سەن دۇككاندا قالغىن ..ھە راست بۈگۈن ھىلىقى ئايال كىلىپ 200 كىلۇ پىرەنىكىنى ئىلىپ كىتىشى مۇمكىن سەن دۇككاندا قىلىپ پىرەنىكنى ئۆتكۈزۈپ بىرىۋەت
فىرۇزە شۇنداق دەپلا يۈگۈرگىنىچە چىقىپ كىتىپ قالدى شۇ تاپتا ئۇنىڭ كاللىسى قالايمىقانلىىشپ كەتكەن ئىدى ئۇ نۇرغۇن جاپادا دوختۇرخانا ئالدىغا كىلىپ تۇختىدى.ئۇ زالغا كىرگىنىدە رازىيە ھەدە بىشنى تۇتقىنىچە ئولتۇرغان ئىدى
-ھەدە دادام قانداقراق؟
فىرۇزە ئارانلا سورىدى
-دوختۇرلار ھىلھەم جىدىدى قۇتقۇۇزش ئۆيىگە ئەككىرىپ كەتكەن چىقمايدىغۇ تاڭ..
فىرۇزەمۇ گەپ قىلماستىن بىنشى تۇتۇپ جىممىدە ئولتۇرۇپ كەتتى بىر ئازدىن كيىىن دوختۇر جىدى قۇتقۇزۇش ئۆيىدىن چىقىپلا رازىيەنىڭ يىنىغا كىلىپ تۇختىدى
-يۇلدىىشڭزىنىڭ ئەھۋالى ئانچە ياخشى ئەمەس ياخشىمۇ بەك ئىغىر ئەمەسكەن سىلەر ئەڭ ياخشىشى ئۈرۈمچىدىكى بىرەر چوڭ دوختۇرخانىغا ئىلىپ بىرىپ تەكشۈرتۈپ باقساڭلار ياخشى بولارمىكىن؟
-دەڭە دوختۇر ئۇنداقتا دادامغا بۆرەك سالامدۇق؟
-شۇنداق دەل ۋاقتىدا سالغۇزمىساڭلار ھەرگىز بولمايدۇ ،
-قانچە مىڭلار ئەتراپىدا پۇل كىتتىپ قالىدۇ بىلەمسىز؟
-250 مىڭ يۈەنلار ئەتراپىدا
فىرۇزە قانداق قىلىمز دىگەندەك رازىيە ھەدىگە قاراپ قۇيدى
-ۋاي خۇدايىم نىمە بولغىنى بۇ..
-ئەنسىرمەڭ ھەدە..چوقۇم ئامالىنى قىلىمىز ..ھە راسىت مەندە 250 مىڭ يۈەنلا پۇل بار بۇۋام ئۆلۈپ كىتشتىن ئىلگىرى ماڭا بىر بانكا كارتىسى بەرگەن شۇ پۇلنى ئىشلىتەيلى
-قانداق بولىدۇ ئۇ پۇل سىزنىڭ پۇلىڭز تۇرسا...
-ھىچقىسى يۇق قىنى بىرەر ئامالىنى قىلايلى دادام ئۈچۈن خەجلىگەنگە نىمە بولىدىكەن؟
فىرۇزە ئىغىر ئۇھ تارتىپ قۇيۇپ دوختۇرخاندىن چىقىپلا دۇككىنىغا كەلگىنىدە بەرنا تىلفۇننى تۇتىۋىلىپ كىمنىدۇر ئىزدەۋاتقاندەك قىلاتتى
-نىمە بولدۇڭ؟
-ئاداش ھىلىقى ئايال بارغۇ،،نەق پۇلنى ئەۋەتىتپ قۇيۇپتۇ ئەمما تىخىچە پىچىنىنى ئلىىپ كەتمىدى ئاندىن بۇ پىچىنىلەرنى ئالمايمەن ئۆزۈڭلار سىتىۋىتىڭلار دەپ خەت ئەۋەتىپتۇ
دىدى بەرنا قولىدىكى خەتنى سۇنۇپ
فىرۇزە دەسلەپتت ھەيران قالدى ئەمما خەتتىكى مەزمۇننىڭ راستىنلا شۇنداقلىقىنى كۆرۈپ ئۆزىمۇ ھەيران قالدى'
-دىگىنە قانداق قىلىمىز؟
-ئامال بار 3 كۈن ساقلاپ باقايلى كەلمىسە سىتىۋىتىڭلار ھە راسىت مەن ئۈرۈمچىگە بارىدىغان بولدۇم سەنمۇ بىللە بارامسەن؟
دىدى فىرۇزە بەرناغا قاراپ
-بولدىلا سەن بىرىپ كەل..ئەسقەر بىلەن كۆرىشىپ كىلەمسسەن؟
-بارغانكەن ئەلۋەتتە كۆرىشىمەن دە ...بىراق دادامنى ئوپراتسىيە قىلدۇرغىلى بارىمەن يىقىندا ماڭماقچى بولوپ قالدىم دۇككان يەنە ساڭا قالدى
-بوپتۇ بىرىپ كەلگىن ...ئاداش ساڭا دەپ قۇيۇشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن زۈھرەلار ۋە ئامىنە ھەدەملەر ئەسقەر بىلەن زۈھرەنىڭ تۇيى تۇغۇرلۇق دىيىشىپتۇ ...
-نىمە دىدىڭ؟
-راسىت دەۋاتىمەن؟سەن كىمدىن ئاڭلدىڭ؟
-باياتىن يۇلدا كىتىپ بارغاندا ئەلى بىلەن مۇرات شۇنداق دىيىشكەندە ئاڭلاپ قالدىم دەسلەپتە مىنىڭ ئىشەنگۈممۇ كەلمىدى
-مەن ھەرگىز ئىشەنمەيمەن زۈھرە ھەدەم ھەرگىز ماڭا ساتقىنلىق قىلمايدۇ بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟مىنىڭچە زۈھرە ھەدەم چوقۇم مەن تەرەپ بولدۇ
-سەن تىخى ئۇ قىزنى چۈشەنمەيسەنكەن ئىشەنمىسەڭ ئۆزىدن سوراپ باقمامسەن قىنى؟
فىرۇزە ئىغىر ئۇھ تارتىپ قويۇپ گەپ قىلمىدى.
-ماڭە سەن يۇلنىڭ تەييارلىقلرىنى قىل
فىرۇزە بىشنى لىڭشىتىپ قۇيۇپ سىرتقاچىقتى ھەم بانكىغا كىلىپ ئۈرۈمچىگە مىڭىشنىڭ تەييارلىقلىرىنى قىلىپ بانكىغا كەلدى ھىساۋاتىنى تەكشۈرگىندە 235 مىڭ يۈەن پۇللا قالغان ئىدى فىرۇزە پۇلنىڭ ھىساۋىنى قىلىپ قارىغىندا ئاز دىگەندە 20 مىڭ يۈەن كەملەيدىكەن
فىرۇزەنىڭ كاللىسىغا بىر خىيال كەلدى ھەم ئەلىنى ئىزدەپ بارماقچى بولۇپ رىستۇران ئالدىغا كەلگىنىدە ئۇ ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى بۇ بئاددىغىنە رىستۇران خىزمەتچىسىدە پۇل نىمە قىلسۇن؟ فىرۇزە ئاخىرى ئەسقەرنىڭ ئۆيىگە كىلىپ قالدى
ئۆيگە كىرگىندە ئىرشات ئاكا گىزىت كۆرۈپ ئولتۇرغان ئىدى يەنە كىلىپ زۈھرەمۇ بۇ ئۆيدە ئىدى فىرۇزە زۈھرەنى كۆرۈپ سەل بىئارامچىلىق ھىس قىلدى ھەم كىلىپ ئىرشات ئاكىغا گەپلەرنى ئىيىتتى

-ئىرشات ئاكا دادامنىڭ ئەھۋالى بەك ناچار يەنە 15 مىڭ يۈەن پۇل كەملەپ قالدى ئۆزۈمنىڭ تاپقان پۇللرىمنىمۇ قۇشتۇم ئەمما يەنىلا شۇنچىلىك پۇل كەملەپ قالدى ماڭا 10 مىىڭ يۈەن بىرىپ تۇرالامسىز؟
ئىرشات ئاكا پۇلنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ گەپ قىلماستىن پۇل بىرىپ تۇرۇشقا رازى بولدى بىر  ئازدىن كىيىن زۈھرە فىرۇزەنى مەنسىتمىگەندەك قاراپ قۇيدى
-قىنى بۇ ياققا چىقە زۈھرە ھەدە
دىدى فىرۇزە زۈھرەنى چارقىرىپ
زۈھرەمۇ ھىچ ئىش بولمىغاندەك گەپ قىلماي فىرۇزەنىڭ كەينىدىن ماڭدى ئۇلار ئۆينىڭ كەينىدىكى باغقا قاراپ ماڭدى
-سەن زادى نىمە قىلماقچى؟
-ھىچنىمە..نىمە قىلىپتىمەن قىنى سەن دەپ باقمامسەن؟
-سىنى ئۆزۈمنىڭ ھەدەم ئورنىدا كۆرۈپ كەپتىكەنمەن ئەپسۇس سەن ماڭا دۈشمەن ئورنىدا ئىكەنسەن ئويلاپ باققىنە سەنمۇ ھەدە بولدۇڭمۇ؟
-ماڭا قارا فىرۇزە سەن ئىرىشكەن بەخىتكە مىنىڭ ئىرىشىىش ھەققىقم بار مەندىن بۇنداق ئۈمۈتلەرنى كۈتۈپ يۈرمە بۇنى بىلدىڭمۇ؟
زۈھرە شۇنداق دەپ سۆزلىمەكتە ئىدى ئەسقەرنىڭ ئاكىسى تەلئەت بولسا قارشى تەرەپتە زۈھرەنىڭ گەپلىرىنى قولىدىكى ئۈن ئالغۇغا ئالماقتا ئىدى بىراق بۇنى فىرۇزەمۇ شۇنداقلا زۈھرەمۇ سەزمىگەن ئىدى
-ۋۇي...فىرۇزە ساقام قانداق ئەھۋالىڭىز؟
-ۋۇي تەلئەت ئاكا ياخشى سىزچۇ ياخشى تۇرۋاتامسز؟
-ئۆيگە كىرمەپسىزغۇ؟
-ھازىرلا كىرىمەن
فىرۇزە زۈھرەگە چەكچىيىپ قاراپ قۇيۇپ تەلئەتنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ئىرشات ئاكىنىڭ يىنىغا كىردى ۋە 10 مىڭ يۈەن پۇلنى ئالغاندىن كىين چىقىپ كەتتە بىراق زۈھرە بولسا ئامىنەنىڭ ئۆيدىكى ئالتۇن زىبۇ زىننەتلەرنى ئىزدەپ تىپىپ زەگەرخانىغا ئىلىپ كىرىپ سىتىۋەتتى
ھازىرقى ئەھۋالدا پەقەت فىرۇزەلا پۇلغا ئىھتىياجلىق ئىدى ھىچكىم زۈھرەدىن گۇمانلانمايتى بىراق فىرۇزە ھەرگىز باشقىلارنىڭ نەرسىلىرىگە قول تەككۈزمەيتى

ئارىدىن 4 كۈن ئۆتۈپ ئۇلار ئۈرۈمچىگە بىر ماشىنا بولاپ ئۈرۈمچىگە قاراپ ماڭدى نەبىمۇ ئۈرۈمچىدە سودا-سىتىق قىلىۋاتقان بولغاچقا ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىدىغانلىقىنى ئىيىتتى دىگەندەك ئۇلار ئۈرۈمچىگە چۈشكەن كۈنى نەبى بىلەن ئەسقەر ئۇلارنى ئالغىلى چىقىشتى

بىراق ئەسقەرنىڭ فىرۇزەگە بولغان مۇئامىلىسى بىر خىل سوغۇق ئىدى ئەسقەرنىڭ فىرۇزەگە قانداقتۇر بىر گىپى بار ئىدى ئەمما دىيىشكە جۈرەت قىلالمىغان ئىدى فىرۇزە دادىسىنى دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ بولۇپ ئەسقەر بىلەن كۆرۈشكىلى چىقتى.
ئۇلار ئۈرۈمچىدىكى چوڭ بازارغا كىلىپ بىر ئاشپۇزۇلغا كىرىپ تاماق بۇيرۇتقاندىن كىين ئەسقەر سۆزگە كىرىشتى
-سىز تۇغۇرلۇق بەزى ئەپكاشتى گەپلەر تارقالغىلى تۇرۇپتۇ مەنغۇ ئىشەنمىدىم ئەمما بۇ كىمنىڭ قىلغان ئىشى بولغۇيتى...
-بىلىمەن ئۇ گەپلەرگە ھەممىڭلار ئىشەندىڭلار ھەتتاكى ئۆزۈمنىڭ يىقىن ئادەملىرىممۇ مىنى ئوغرى كۆرۈپ يۈرسە مەندە نىمە ئامال بولسۇن؟مانا بۇ دادىڭزدىن ئالغان 15 مىڭ يۈەن پۇل
فىرۇزە شۇنداق دەپ پۇلنى ئەسقەرنىڭ ئالدىغا تاشلاپ قۇيدى ئەسقەرمۇ ھەيرانلىق بىلەن فىرۇزەگە قاراپ تۇرۇپلا قالدى
-مەن سىزنى ئوغرى دىمىدىم پەقەت نىمە ئىش بولغىننى سوراپ باقتىم ئەجەبا سورىسام بولمامدۇ نىمانچە تەتۈرلۈك قىلىسىز؟
-گىپىڭزدىن شۇنداق مەنە چىقتى ئەنە..سىز ھەممە ئەھۋالنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە شۇنداق سوراۋاتىسىز بۇ سىزنىڭ مىنى كۆزگە ئىلمىغىنىڭز شۇنداقلا ياراتمىغىنىڭىز بولماي نىمە؟
ئەسقەر بۇ بىر ئىغىز گەپنى سوراپ قالغىنىغا يەتكۈچە پۇشايمان قىلىپ فىرۇزەگە شۇنچە چۈشەندۈردى ئەمما فىرۇزە يەنە تەرسالىق قىلىپ سوقۇشقىلى تۇرغان ئىدى
-سىز زادى نىمە بولدىڭز؟پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ باشقىچە ئادەم بولۇپ قىلىشىڭزغا نىمە سەۋەپچى بولدى قىنى ماڭا بىر چۈشەندۈرڭە.
-چۈنكى مەن بىر ئوغرى بولغاندۇ...
فىرۇزە ئەسقەرنىڭ ئاخىرقى گىپىنى ئاڭلىماي يۈگۈرۈپ تاماقخانىدىن چىقىپ كەتتى ھەم خىلۋەت جايغا كىلىپ ھۆڭرەپ يىغلاشقا باشلىدى ئەمەليەتتە فىرۇزەنىڭ ئەسقەرنى ئەسلا خاپا قىلىپ قويغۇسى يۇق ئىدى.
-فىرۇزە نىمە بولدىڭز؟
قارشى تەرەپتىن كىلىۋاتقان نەبى فىرۇزەنىڭ يىنىغا كىلىپ ياشلىرىنى سۈرتتى
-ھىچنىم
فىرۇزە ئالدى كەينىگە قارىماي يۈگۈرۈپ دوختۇرخانىغا كەلگەندە دوختۇرلار فىرۇزەنىڭ دوختۇرخانىغا پۇل تۆلەۋىتىشىنى ئىيىتتى
-نىمە ؟باياتىن پۇلنى ھەدەمگە بەرگەنغۇ ئۇ تۆلىمىدىمۇ؟
-ياق..ئۇ بۇ خەتنى سىزگە قالدۇردى
فىرۇزە ھەيرانلىق بىلەن خەتنى قولىغا ئالدى
قەدىرلىك فىرۇزە:
سىز بۇ خەتنى قولىڭىزغا ئالغىنىڭزدا شۇنچە ھەيرانلىق ئىچىدە قالغان بولىشىڭز شۇنداقلا چۇڭقۇر ھەسرەت چىكىۋاتقان بولىشىڭز مۇمكىن سىز بىلەمسىز سىزنىڭ دادىڭز ئەمدى ھەرگىز ساقىيالمايدۇ يەنە كىلىپ مەن نەچچە يىل دادىڭزنىڭ خىزمىتىنى قىلدىم مىنىڭ 250 مىڭ يۈەنگە ئىرىشكۈدەك ئورنۇم بولىشى كىرەك ئەلۋەتتە
مەن پۇلنى ئىلىپ كىتىپ قالدىم سىز ياخشى قىز چۇقۇم ئۆزىڭزنىڭ تىرىكچىلىك يۇلىنى تاپالايسىز
سىزگە ئامەت تىلەيمەن
2009-يىلى 5 -ئاپىرىل

فىرۇزە خەتنى ئوقۇپ شۇنچە ھەيرانلىق ھىس قىلىشقا باشلىدى ھەم شۇنچە ئىچىندى ئۇ مۇشۇ پۇلنى قۇلغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئاز جاپا چەككەنمۇ؟ئەمدىچۇ؟ئوغرى دىگەن نامغا قىىلپ تاپقان بۇ پۇل تۇيۇقسىزلا بىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتسە ئۇ ئازاپلانماي تۇرالىسۇنمۇ؟
-قىزىم ھەدىڭز قىنى؟
دىدى نۇردۇن ئاكا فىرۇزەگە قاراپ
-ھەدەم...ھەدەم باياتىن سىرتقا چىىقپ كەتكەن كىرىپ قالىدىغان ۋاقتى بولۇپ قالدى دادا..
فىرۇزە ئامالسز يالغان گەپ قىلىپ مەيدانغا چىىقپ  تازا يىغلاۋاتاتتى ئۇنىڭ يىغىىسىدى پۈتكۈل يەر تىترەپ كەتكەندەك بىلىنىۋاتاتتى ئۇ ئۆز-ئۆزىگە نىمىلەرنىدۇر دەپ پىچىرلاۋاتاتتى
-خانقىز ياردەم كىرەكمۇ؟
30 -40 ياشلار چاممىسىدىكى بىر ئايال فىرۇزەنىڭ يىنىغا كىلىپ تۇختىدى
-ياق ياردەم كىرەك ئەمەس
فىرۇزە قۇشۇمىسىنى تۈرۈپ دۇختۇرخانا ئىچىگە كىرىپ مەسئۇل دوختۇرنى ئىزدەپ پاراڭلاشماقچى بولدى ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي مەسئۇل دوختۇر فىرۇزەدىن بولغان ئەھۋاللارنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ياتاقىنىڭ پۇلىنى تۆلىۋىتىشىنى كىيىن بىرەر ئامالىنى قىلىپ قايتا ئىلىپ كىلىپ دادىسىنى ئوپراتسىيە قىلدۇرۇشنى ئىيىتتى فىرۇزە ئىغىر ئۇھ تارتىپ قۇيۇپ دادىسىنىڭ يىنىغا كىردى
-دادا بىز ئەمدى يۇرتقا قايتايلى قانداق دەيسىز؟
-دوختۇرلار مىنى داۋالىيالمايمىز دەمدۇ قزىم ؟مەن شۇنداق بولىشىنى بىلەتتىم بىراق ھەدەڭ ئىككڭلار بەك مەجبۇرلاپ تۇرىۋالدىڭلار..
-دادا ھەدەم كىتىپ قاپتۇ ئەمدى كەلمەيدىكەن...
-نىمە نەگە كىتىپ قاپتۇ نىمە دەيدىغانسىەن؟
-ھەدەم سىزنى ئوپراتسىيە قىلدۇردىغان پۇلنىڭ ھەممنى ئىلىپ بىراقلا كىتىپ قاپتۇ ئەمدى كەلمەيدىكەن مانا بۇ يازغان خىتى
فىرۇزە يىغلىغىنچە خەتنى نۇردۇن ئاكىغا سۇندى نۇردۇن خەتنى ئوقۇپ كۆزلىرىگە لىققىدە ياش كەلدى فىرۇزەمۇ كۆزىدىكى ياشلارنى سۈرتۈپ تۇرىشىغا تىلفۇنى ئىختىيارسىز جىرىڭلاشقا باشلىدى
-ۋەي كىمۇ؟
-مىنىڭ كىملىكىمنى سورىشىڭزىنىڭ ھاجىتى يۇق.مەن پەقەت قىيىن كۈنلەردە سىزگە ياردەم قىلىمەن قانداق قىيىنچىلىقىڭىز بولسا ماڭا دەڭ
-سىز زادى كىمۇ؟
-مەن سىزگە دىدىم مەيلى قانداقلا ئىش بولسۇن مەن سىزگە ياردەم قىلىمەن دەپ...
-ماڭا ياردەم كىرەك ئەمەس..سىز زادى كىم؟
گەپنىڭ ئاخىرى تۈگىمەيلا نامەلۇم تىلفۇن قىلغان ئايال تىلفۇننى قۇيىۋەتتى قارىغنىدا نۇمۇرى كۆرۈنمەيدىغان قۇرۇق نومۇر ئىدى.
-قىزىم كىم ئىكەن؟بەك ھودۇقۇپ كەتتىڭىزغۇ؟
-بىلمىدىم دادا...بىرى قانداق ئىشىڭىز بولسا مىنى ئىزدەڭ مەن ياردەم قىلىمەن دەيدۇ.دادا كىم بولغۇيتى؟
دىدى فىرۇزە ھەيرانلىق نەزىرى بىلەن
-قىزىم بەزى گەپلەرنى سىزگە دىمىسەم بولمايتى..مەن كىچىك ۋاقتىڭىزدا،،
نۇردۇن ئاكا شۇنداق دەپ گەپنى ئەمدىلا باشلاپ تۇرىشىغا ئەسقەر بىلەن نەبى گۈل كۆتۈرۈپ كىرىپ كەلدى ۋە نۇردۇن ئاكا بىلەن سالاملىشىپ بولغاندىن كىيىن يىنىغا كىلىپ ئولتۇردى ئەسقەر ئارلاپ ئارلاپ فىرۇزەگە قاراپ قۇياتتى بىراق فىرۇزە كۆزلىرىنى قاچۇرۇپ جىممىدە تۇرۇۋالاتتى
فىرۇزە نۇردۇن ئاكىنىڭ يىنىدا جىممىدە ئولتۇرغىندا ئۇنىڭ يانفۇنىغا قىسقا ئۇچۇر كەلدى قارىغىندا ئەسقەرنىڭ ئۇچۇرى ئىدى
-يىنىمدا تۇرۇپ ئۇچۇر ئەۋەتكىنى نىمىسى بۇنىڭ
فىرۇزە غودۇرلاپ قۇيۇپ ئۇچۇرنى ئوقۇشقا باشلىدى
-سىزگە ئىلتىماس ئازراق ۋاقتىڭزنى چىقرىڭ ياخشىراق پاراڭلىشايلى ...مەن بايىقى ئىشتا سىزدىن چىن كۆڭلۈمدىن ئەپۇ سورايمەن
فىرۇزە ئۇچۇرنى ئوقۇپ بولۇپ بولىدۇ دىگەن مەنىدە بىشنى لىڭشىتىپ قۇيۇپ زالغا چىقتى ھەم ئەسقەرنىڭ كەينىدىن ئەگىشپ دۇختۇرخاننىڭ ئارقا تەرىپىدىكى باغچىدىكى ئورۇندۇققا كىلىپ ئولتۇراي دەپ تۇرىشىغا دوختۇرلار بىر بىمارنى جىددى ئىلىپ ماڭماقتا ئىدى قارىغىنسدا بىر ئايال كىشى ئىدى يەنە كىلىپ ئۇ ئايال دەل رازىيە ئىدى
-رازىيە ھەدە،،،
فىرۇزە چاچراپ ئورنىدىن تۇردى ھەم دۇختۇرنىڭ كەينىدىن يۈگۈردى دۇختۇرلار تاكى 4 سائەتكىچە جىددى بۆلۈمدىن چىقمدى بىر ئازدىن كىيىن قاتناش ساقچىلىرى يىتىپ كىلىپ رازىيەنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنى سۈرۈشتە قىلىشقا باشلىدى
-مانا مەن شۇ مەن قىزى ...ئۆگەي قىزى بىرەر ئىش بولدىمۇ؟
-سىزنىڭ ئاپىڭىز بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 دە تۇرپانغا ئازلا قالغاندا بىر ئەگمە كۆرۈك يىنىغا كەلگەندە كۆرۈككە ئۈسسۈپ ئىغىر يارلىنىپتۇ شۇنىڭغا قارىغاندا بىرى قەسىت قىلغان بىزدە دەلىل ئىسپاتلار تۇلۇق..
-قەسىت قىلغان دەمسىز؟قانداقسىگە؟
-چۈنكى بىرى ماشىنىڭ كەينى چاقىنى قەستەن بوشىتىۋەتكەن يەنە كىلپ بىر بەلەن ماشىنا تۇيۇقسىزلا چاقىدىن ئاجراپ قاتناش ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ دە...
-ماشىنىدا ئۇ ئۆزى يالغۇزمىكەن؟
-شۇنداق ...ئۇ ماشىنىڭ شوپۇرى ھايات قاپتۇ ئەمما ئاپىڭز قىيىن ئەھۋالدا قاپتۇ
-مىنىڭچە چۇقۇم بىرەر گەپ بار نىمىشقا شوپۇر ھايات قىلىپ ھەدەمنىڭ بىشىغا بۇنداق ئىش كىلەتتى مۇشۇ پۇل ئۇنىڭ بىشىغا چىىقپ قۇيمىسىلا بولاتتىغۇ
فىرۇزە شۇنداق دەپ پىچىرلاۋاتاتتى تۇيۇقسىزلا دوختۇر جىددى بۆلۈمدىن چىقىپ كەلدى
-دوختۇر ھەدەمنىڭ ئەھۋالى قانداقراق؟
-كەچۈرۈڭ ئۇ بەختىگە قارشى جان ئۈزدى بىز بار كۈچىمىزنى چىقاردۇق ئەمما بىزدىمۇ ئامال يۇق
-نىمە؟
فىرۇزە بىلەن ئەسقەر چۆچۈپ تۇرۇپلا قىلىشتى بۇ ئازغىنە پۇل ۋە نەپسانىيەتچىك ئۇلارنىڭ بىشىغا چىققان ئىدى.




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jelwa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-3 08:49 PM  


شۇنچىلىك ئەزىز يارىتۇلدۇقكى پەرىشتە بىزگە سەجدە قىلغۇدەك ، ئۆزىمىزنى شۇنداق بىر خارلىدۇقكى شەيتان بىزگە مىنگۈدەك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 1851
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4962
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 954 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-3 08:52:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

RE: مەن ساراڭ ئەمەس (تۈگىدى)

فىرۇزە بۇ شۇم خەۋەرنى دادىسىغا قانداق ئىيتىشنى بىلمەيتى فىرۇزە تۇلىمۇ سولغۇن ھالدا دۇختۇرنىڭ يىنغا كىلپ تۇرىشىغا سىسترا قىز تۇيۇقسىزلا سوراپ قالدى
-ھە راسىت ئوپراتسىيە ئۆگۈنلۈككە قىلدۇرامسىلەر؟
-ياقەي ..دادامنى ئىلىپ كىتىپ پۇل تاپقاندىراق ئوپراتسىيە قىلدۇراي دەيمەنغۇ..
-سىلەر بايىلا پۇلنى تۆلەپ بولدۇڭلارغۇ؟
-نىمە دەيسىز؟نەدە ئۇنداق بولىدۇ؟
-راسىت دىدىم كۆزەينەك تاقاۋالغان بويى ئىگىز بىر ئايال پۇلنى تۆلەپ كىتىپ قالدى ئاندىن تىخى يەنە پۇل لازىم بولسا مىنى ئىزدەڭلار دەپ بىر نومۇرنى قالدۇرۇپ قۇيۇپ كىتىپ قالدى
-قىنى نۇمۇرنى ماڭا بىرىڭە
سىستىرا قىز قەغەزنى فىرۇزەگە سۇندى فىرۇزە ئۇ نومۇرغا قايتا -قايتا تىلفۇن قىلغان بولسىمۇ بۇ نۇمۇر پەقەت ئىلىنمىدى فىرۇزە ئاخىرى ياتاق ئەمدىلا كىرىپ تۇرىشىغا نۇردۇن ئاكا سورىدى
-قىزىم راسىت گەپ قىلىڭە..ئاپىڭز راستىنلا ئۆلۈپ كەتتى شۇنداقمۇ؟
-بۇ..دادا كىمدىن ئاڭلىدىڭىز؟
-مەندىن يۇشۇرىمەن دىمەڭ مەن ھەممە ئەھۋالنى ئاڭلاپ بولدۇم بۇ راسىتمۇ؟
فىرۇزە ئىتىلىپ كىلىپ دادىسىنى چىڭڭىد قۇچاغلىۋالدى نۇردۇن ئاكىنىڭ كۆزلىرىدىنمۇ تاراملاپ ياشلار قۇيۇلۇشقا باشلىدى ئەتسى سەھەردىلا رازىيەنىڭ مىيىتى چوڭ مەسچىتكە چۈشۈرۈلدى نۇردۇنمۇ ئايالىنىڭ  ئۆلىمىدىن قاتتق ئازاپلاندى
بىراق ھازىرقى ساقچىلار قىززىقىۋاتقان ئەڭ مۇھىم مەسىلە رازىيەنى كىم قەسىتلەپ ئۆلتۈرگەن دىگەن مەسىلە ئىدى ھەممەيلەن ھەممە گۇماننى فىرۇزەگە قاراتتى
چۈنكى ئۇ كۈنى فىرۇزە رازىيەنىڭ پۇلنى ئوغورلاپ قاچقانلىقىنى ئىيىتقان شۇنىڭ ئۈچۈن ساقچىلار بۇ ئۆگەي قىزنى قاتىل دەپ ئويلايتى بىراق فىرۇزە قانداقمۇ قاتىللىق قىلالىسۇن؟



      <، مەن ساراڭ ئەمەس>.

بۈگۈن كەچ فىرۇزە شۇنچە غەمكىن ھالدا كىتىپ باراتتى يەنە كىلپ نامەلۇم ئادەمنىڭ كىملىكى شۇنداقلا ئۆزىنىڭ بىشىغا كەلگەن ھەربىر ئىشلار فىرۇزەنىڭ كاللىسىنى قايمۇقتۇرماقتا ئىدى
فىرۇزە خىيالى كىتىپ بىرىپ بىرەيلەننىڭ تۇنۇش ئاۋاشى ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە جاراڭلىدى فىرۇزە كەينىگە بۇرۇلۇپ قارىغىندا ئەسقەر بىر قانچە دوسىتلىرى بىلەن بىر قانچە قىزغا گەپ قىلىپ قاراپ تۇراتتى فىرۇزە ئەسقەرنى چارقرماقچى بولدى ئەمما نىمىشقىكىن گەپ قىلىشقا قۇربى يەتمەيدىغاندەك تىلى تۇتۇلۇپ يۈگۈرگىنچە كىتىپ قالدى
-تۇۋا..ئۇ راستىنلا بۇرۇنقى ئەسقەر شۇمۇ؟ باياتىن نىمىشقا بىرەر تەستەك ئۇرمىغاندىمەن؟نىمىشقا گەپ قىلماي كىتىپ قالدىم.
فىرۇزەنىڭ كۆز ئالدىغا ئۇنىڭ ھىلىقى پۇچى ھەم ئۇزۇن چاچلىق چاچلىرىنى بويىۋالغان سىىرىق چاچلىق تىرناقلىرى ئۆسۈك قىزلارغا گەپ قىلغان ھالىتى پەقەتلا ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن كەتمىگەن ئىدى فىرۇزە ياتاققىمۇ كىرمەي كەينى تەرەپتىكى باغچىغا چىىقپ يىغلاشقا باشلىدى شۇ تاپتا ئۇنىڭ بۇ كۆڭلىنى ھىچكىم چۈشەنمەيتى
-نىمىشقا ھەممىڭلار مىنى ئالدايسىلەر زادى نىمىشقا؟ ئەسقەر دىگەن ئەبلەخ...
فىرۇزە تۇختىماي يىغلاۋاتاتتى تۇيۇقسىزلا كىمدۇر بىرىنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىشقا باشلىدى فىرۇزە دەسلەپتە بۇ ئاۋازغا پىسەنىت قىلمىدى كىيىن دىققەت قىلىپ ئاڭلىغىنىدا بىر قانچە ئەر كىشىنىڭ فىرۇزە دەپ چدرقارغان ئاۋازى ئاڭلاندى
فىرۇزە يۈگۈرۈپ كارىدۇرغا كىرگىندە ساقچىلار فىرۇزەنى  ئىزدەۋاتقان ئىدى ئۇلار فىرۇزەنى كۆرۈش بىلەن تەڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ كەلدى ھەم ئۇ قىزغا كويىزىنى تەڭلىدى
-بۇ بىزنىڭ يۇقىرىنىڭ بۇيرىقى...
-مەن نىمە قىلدىم؟مىنى نەگە ئىلىپ بارىسىلەر؟
-سىزنى رازىيە ئابدۇللانى قەسىتلەپ ئۆلتۈردى دىگەن جىنايەت بىلەن قۇلغا ئالىمىز بىزمۇ يۇقىرنىڭ بۇيرىقىنى ئورۇنلايمىز
-بولىدۇ مىنىڭ دادام ئەتە ئوپراتسىيە كىرمەكچى ئىدى دادامنى بىر كۆرۈپ چىقاي ئۈتۈنۈپ قالاي ساقچى دادام تۈرمىگە كىرىپ كىتىدىغىنىمنى ھەرگىز ئاڭلىمىسۇن ماقۇلمۇ؟مەن گۇناھسىز چوقۇم ئاقلىنىمەن ئەمما دادامدىن بەك ئەنسىرەيمەن.
ساقچىنىڭ فىرۇزەگە ئىچى ئاغرىپ قالدى بولغاي بولىدۇ دىگەن مەنىدە بىشىنى لىڭشىتىپ قۇيدى فىرۇزە يۈگۈرگىنىچە دادىسىنىڭ يىنىغا كىرىپ ئۇنىڭ قۇللىرىنى چىڭڭىدە تۇتىۋالدى
-دادا سىز ئەتە ئوپراتسىيەگە كىرىسىز ئۆزىڭزنى ئاسراڭ ھەرگىز مىنى ئىزدىمەڭ مەن مۇشۇ بىر ھەپتە ئىچىدە يىنىڭىزغا كىلىمەن ماقۇلمۇ؟
-سىز ئەتە نەگە بارىسىز قزىم؟
-مەن غولجىغا قايتىپ تۇراي ..مەن يەنە يىقىندا كىلىمەن
-قىزىم مەن سىزگە بىر ئەھۋالنى دىيىشنى ئويلاشقىنىمغا ئۇزۇن بولغان ئىدى سىزگە دىمىسەم بولمايدىغاندەك تۇرىدۇ
دىدى نۇردۇن ئاكا فىرۇزەگە قاراپ
فىرۇزە ئۆزىنى سىرتتا ساقلاپ تۇرغان ساقچىغا قاراپ قويدى ساقچىمۇ بوپتۇ ئاڭلاڭ دىگەندەك بىىشنى لىڭشىتىپ قۇيدى ،فىرۇزە دەرھال دادىسىغا قارىدى
-دادا قىنى دەڭ نىمە ئىش ئىدى؟
-بۇنىڭدىن 19 يىل ئىلگىرى ئەتىگەن سەھەر سائەت 5:30 لار ئەتراپىدا مەن ئەتىگەنلىك بامدات نامىزىنى ئۆتىگىلى مەسچىتكە چىققان ئىدىم ئۆيگە قايتىدىغان چاغ بولدى مەن قارىسام بىر بۇۋاق يىغلىغىنچە يىتىپتۇ مەن بىرىپ قارىسام قىز ئىكەن...
-دىمەك سىز دىمەكچى بولغان ئۇ بۇۋاق...بۇ مۇمكىن ئەمەس؟؟؟؟؟؟؟
فىرۇزە گەپنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلاشقا ئۈلگۈرمەي ھۆڭرەپ يىغلاۋەتتى نۇردۇننىڭمۇ كۆڭلى بۇزۇپ فىرۇزەنىڭ بىشنى سىلدى
-قىزىم گىپىمنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلاڭ...
-مەن ئاخرىنى ئۆزۈم دەي ئاندىن مىنى سۈيدۈڭگە تاشلاپ قۇيدىڭز شۇنداققۇ..مەن نىمانچە بىچارە بولغۇيتۇم ھە....
-شۇنداق ..سىزنى يۈتتۈرۈپ قۇيۇپ سىزنى ئىزدەپ يۈرگەن چاغلىرىمدا سىزنى بىرى ئىزدەپلا يۈردى ئۇ ھازىرمۇ سىزنى ئىزدەۋاتىدۇ نەچچە قىتىم سىز بىلەن كۆرۈشىشىنى تەلەپ قىلدى ئەمما مەن خالىمىدىم
-بولدى دادا ئاخىرىنى ئاڭلىغۇم يۇق.
فىرۇزە نۇردۇننىڭ گىپنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلىمايلا ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى نۇردۇنمۇ گىپنىڭ ئاخىرىنى دىيىشكە ئۈلگۈرمەي بىر ئىغىز گەپنى ئارنلا دىيەلىدى
-قىزىم سىزنىڭ ئاپىڭىز سىزنى قەستەن تاشلىۋەتمەپتۇ..ھەرگىز ئۇنىڭدىن رەنجىمەڭ ئۇنى ئەپۇ قىلىڭ
فىرۇزە ھىچقانداق گەپكە قۇلاق سالماي زالغا چىقىپ ساقچىنىڭ يىنىغا كىلىپ قۇلىنى سۇندى ساقچىمۇ ئۇنىڭ قولىغا كويىزىنى سالاي دەپ تۇرىشىغا ئەسقەر بىلەن نەبى ئۇ فىرۇزەنى كۆرۈپ چۆچۈپلا كەتتى
-فىرۇزە..بۇ..بۇ..نىمە بولغىنى؟
-مەن ئاپامنى ئۆلتۈرۋەتتىم..ھا..ھا،..ھا...
-نىمە چاقچاق قىلماۋاتقانسىز؟
ئەسقەر بىلەن نەبى چۆچۈپ كىتىشتى
--دادام سىلەرگە قالدى ياخشى خەۋەر ئىلىڭلار..يەنە تىخى سەردار بىلەن سەبىھەمۇ بار چۇقۇم ئورنۇمدا ياخشى خەۋەر ئىلىپ قۇيۇڭلار
ساقچىلار فىرۇزەنىڭ قۇلىغا كويىزا سىلىپ ئۇنى ساقچى ماشىنىسىغا ئىتتىرىپ چىقاردى فىرۇزەنىڭ كۆزىدىن تۇختىماي ياش ئىقىۋاتاتتى فىرۇزە كەينىگە ئارلاپ -ئارلاپ قاراپ قۇياتتى شۇ تاپتا ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئەلەمنى ھىچكىم چۈشەنمەيتى....


ئارىدىن 9 كۈن ئۆتۈپ كەتتى فىرۇزە ئۆزى قىلمىغان گۇناھنىڭ قۇربانى بولۇپ تۈرمە ئىچىدە يتىپ قالدى بىر كۈنى بىرې ساقچى تۇيۇقسىزلا فىرۇزەنى چارقىردى ھەم ئۇنىڭ گۇناھسىزلىقىنىڭ ئىسپاتلانغانلىقىنى ئەمدى تۈرمىدىن چىقىپ كەتسە بولىدىغانلىقىنى ئىيىتتى
فىرۇزە ئۆزىنىڭ بۇنچە تىزلا ئاقلنىپ قالغىندىن ئەجەپلىنىۋاتقان ئىدى فىرۇزە تۈرمىدىن چىقىپلا تۇنجى بولۇپ دوختۇرخانىغا كەلدى
-دادام قانداقراق ئوپراتسىيەدىن چىقتىمۇ يۇق؟
-دادىڭىزنىڭ ئەھۋالى...
سىسىتىرا قىز گەپنىڭ ئاخىرىنى چايناپ ئارانلا دەۋاتقان شۇ پەيىتتە نەبى يۈگۈرۈپ كىرىپ فىرۇزەنى كۆرۈپ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى
-بۇ سىزمۇ فىرۇزە...
-نەبى..سىز بۇ يەردە نىمە ئىش قىلىۋاتىسز؟
-مەن مەلۇم بىر ئىش بىلەن بۇ يەرگە كەلگەن ...سىز نىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىڭزگە ئىشىنەتتىم
-دادام قانداقراق؟غولجىغا قايىتتىمۇ يۇق؟
-ياق..دادىڭىز...
-تىزرەك دەڭە نىمە بولدى؟
-ئوپراتىسىيە ئوڭۇشلۇق بولماي جان ئۈزدى
-نىمە؟
فىرۇزە ئۆزىنى تۇتالماي ئايلنىپ قالدى دوختۇرخانىدىكى دوختۇر سىستىرالار فىرۇزەنى ياتاق قا ئىلىپ كىرىپ نۇرغۇن تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ ئارانلا ھوشىغا كەلتۈردى
-دوختۇر فىرۇزەنىڭ ئەھۋالى قانداقراق؟
-سىز بۇ قىزنىڭ نىمىسى بولىسىز؟
-مەن يىقىن دوستى..مەندىن باشقا يىقىن ئادىمى يۇق..ھەممىسى قازا قىلغان..
-دوستىڭىزنىڭ ئەھۋالى بەك ناچار ئۇ ئاققان كىسىلىگە گىرىپتار بوپتۇ ئىھتىمال ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلمەسلىكى مۇمكىن
-نىمە دەيدىغانسز؟قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟
-ھازىر دەسلەپكى باسقۇچلىرى ئىكەن ناۋادا ۋاقتىدا بىرەر ئامالىنى قىلمىساق ئۈمۈت يۇق..يەنە كىلىپ بۇ قىزنىڭ ساقىيىپ قىلش ئىھتىماللىقى %13 ...
-نىمە؟
نەبى بىشىنى تۇتقىنچە تۇرۇپلا قالدى شۇ تاپتا چىرايىدىن كۈلكە كەتمەيدىغان شۇنچە سەبىي ھەم ئاقكۆڭۈل قىزنىڭ ئاققاندەك ئىغىر كىسەلگە گىرىپتار بولغىنى ئۇنى قاتتىق ئازاپلاپ قۇيغان ئىدى.
كىسەل كارۋىتىدا ياتقان فىرۇزە بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ كۆزلىرى نەمدەلگەن ئىدى ئۇ كۆزىنى لەپپىدە ئىچىپ گەپ قىلماقچىمۇ بولدى ئەمما جۈرەت قىلالمىدى
-فىرۇزە جىنىم دوستۇم..
بەرنا يۈگۈرۈپ كىرىپ فىرۇزەنى چىڭڭىدە قۇچاغلاپ يىغلاۋاتاتتى مۇراتمۇ بىللە كەلگەن بولۇپ فىرۇزەنىڭ بۇ ھالىتىگە قاراپ نىمە بولدى دىگەندەك نەبىگە قاراپ قۇيدى
-سىلەر نىمانداق تىزلا يىتىپ كەلدىڭلار...ئەسقەرگە خەۋەر قىلمىغانسىلەر؟
-ياق ئۇ زۈھرە بىلەن تۇي قىلدىغان بوپتۇ مۇشۇ ھەپتە ئاخىرى تۇي قىلدىكەن ئۇنىڭغا خەۋەر قىلىپ نىمە ئىش قىلىمىز دىمىدىم.بولدى ئۇنىڭغا گەپ قىلمىدۇق
-بوپتۇ ياخشى بوپتۇ..ئۇ ئاڭلىمىسۇن ئۇنىڭغا بۇ تۇغۇرلۇق گەپ قىلماي تۇرۇڭلار..
-قىنى بۇياققا چىقە..ساڭا گىپىم بار..
نەبى ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ چىقتى
-دوختۇر نىمە دەيدۇ؟
-فىرۇزەنى ئاققان كىسىلى بولۇپ قاپتۇ دەيدۇ..
-نىمە؟
بەرنا تۇرغان يىرىدە قىتىپلا تۇرۇپ قالدى فىرۇزەمۇ كۆزلىرىدىكى ياشلارنى سۈرتۈپ ئۇلارنىڭ يىنىغا چىقتى بەرنامۇ ئىتىلىپ كىلپ فىرۇزەنى چىڭڭىدە قۇچاغلىۋالدى
-يىغلىما ئاداش..مەن ئۆلۈپ كەتسەم سەن نىمىگە يىغلايسەن؟
-ئۇنداق دىمە فىرۇزە..سەن ھەرگىز ئۆلمەيسەن بۇنى ئۇنۇتما ئاڭلىدىڭمۇ؟بىزنى دەپ بولسىمۇ ياشىمىساڭ بولمايدۇ...
-تۇغرا فىرۇزە بىزنى ئويلاڭ...
ئەلىمۇ كۆزىدىكى ياشلىرىنى سۈرۈتۈپ فىرۇزەنىڭ يىنىغا كەلدى .
-راسىت سىلەر قاچان ئۈرۈمچىگە كەلگەن ئىدىڭلار؟
-داداڭ ئۆلۈپ كەتتى بىز كەلگىلى 8 كۈن بولدى بىز شۇ ئۈرۈمچىدە سىنى ساقلاپ تۇرغان ئىدۇق راسىت ئاداش سىنىڭ ئاپاڭ تىپىلدى..
-مىنىڭ ئاپام تىپىلدىمۇ؟ كىمكەن؟
-مانا مەن..
فىرۇزە كەينىگە بۇرۇلۇپ قارىغىندا كىيىنشلىرى شۇنچە مۇدا چاچلىرى سىرىق رەڭدە بويالغان ئىلگىرى ئۆزىنىڭ دۇككىنىدىن پىچىنە زاكاس قىلغان ئايال شۇ ئىدى.



                             ۋىجدان ئازابى
-قىزىم مەن سىزنىڭ ئاپىڭىز ئەينى چاغدا سىزنى مەسچىت ئالدىغا تاشلاپ قۇيغان ۋىجدانسىز ئاپىڭز شۇ،،،سىزنىڭ دۇككىنىڭىزدىن پىچىنە زاكاس قىلغان ئاپىڭىز دەل مەن شۇ..
-سىز....
-مەندەك باغرى تاش ئاپىڭزىنى بىر قۇچاغلاپ قۇيارسزمۇ جىنىم قىزىم
فىرۇزە غەزەپ ۋە نەپرىتى بىلەن ئاپىسىغا قاراپ تۇراتتى نەبى ھەم بەرنالار فىرۇزەنىڭ كىسىلىنى ئاڭلاپ كۆڭلى بەك يىرىم ئىدى ئۇلار بۇ ئانا بالىنى يالغۇز قۇيۇپ زالغا چىىقىپ كىتىشتى
-قزىم بۇ يەرگە كىلىپ ئولتۇرايلى سىزگە ھەممە گەپنى دەپ بىرەي..
-ئاڭلىغۇم يۇق
-مەن 19 ياش ۋاقىتلىرىمدا بىر نامرات ئائىلنىڭ ئوغلى بىلەن تۇي قىلىشقا دىيىشكەن ئەمما ئاتا-ئانام بۇ تۇيغا بەك نارازى ئىدى مەن كىيىن ئۆيىدىن چىقىپ كىتىپ شۇ بالا بىلەن تۇي قىلغان بىراق كىيىنكى كۈنلەردە ئۇنى ئادەم ئۆلتۈردى دىگەن جىنايەت بىلەن قۇلغا ئالدى ئارىدىن 15 كۈن ئۆتۈپ سىز تۇغۇلدىڭىز سىزنى بىقىش مەن بىر ئادەمگە بەك ئىغىر كەلدى يەنە كىلپ  ئۆزۈمنى باقالمايۋاتقان چاغلىرىم ئىدى
بىر كىچىسى مۇمىڭىز مىنى ئىزدەپ تىپىپ ئىلىپ كىتىپ بىرەر مەزگىل ھالىمدىن خەۋەر ئالدى بىراق ئۇلار مىنى باشقا بىرىگە قايتا چىقرىش ئۈچۈن سىزنى مەسچىت ئالدىغا تاشلاپ قۇيۇپتۇ
ئەتىگىنى كۆزۈمنى ئاچسام سىز يۇق شۇنداق يىغلاپ قاخشىدىم ئەمما ئىلاجى بولمىدى مەن نۇرغۇن جاپادا ئۇ ئۆيگە سولىنىپ قالدىم بۇۋىڭىزمۇ مىنى باشقىلارغا چىقارماقچى بولدى ئەمما مەن خالىمدىم يەنە كىلىپ سىزنى پەقەت تاپالمىدىم
مەن يەنە كىلىپ تۇي قىلىشقىمۇ ئۇنمىدىم ئاخىرى بولماي دادام ئالەمدىن ئۆتتى كىيىن ئاپام قاتتىق ئاغرىق تارتىپ كىتىپ ئاپاممۇ قازا قىلدى سىزنى شۇنچە ئىزدەپ پەقەت تاپالمىدىم شۇڭا نۇرغۇن ۋاقىت تىرىشىپ ئاز تۇلا پۇل يىغدىم
كىيىن دادىڭىز تۈرمىدىن چىقىپ ئۆينىڭ ئىشلىرىنى ئۆزى قىىلپ دىگەندەك شۇنچە تەستە نۇرغۇن ئىگلىك تىكلىدى دادىڭز ھازىر چەتئەلدە كاتتا كارخانچى بولۇپ قالدى
فىرۇزە بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئاپىسىنىڭ گۇناھسىزلىقىنى بىلىپ ئاپىسىنى ئەپۇ قىلدى
-قىزىم مىنى ئاپا دەپ چارقىرىڭ بولامدۇ؟
-ئاپا.
فىرۇزە ئاپىسىنى چىڭڭدە قۇچاغلاپ قاتتىق يىغلاپ كەتتى ئارىدىن خىلى ئۆتۈپ فىرۇزە ئاپىسى بىلەن ئۈرۈمچىدىن غولچىغا قايتىپ كەلدى ھەم سەردار ھەم سەبىھەنى تۇنۇشتۇرۇپ ئاپىسغا ئۇلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئىلىشنى جىكلەپ قۇيدى

فىرۇزە ئەمدىلا ئىشىكتىن چىقىپ تۇرىىشغا زۈھرە چاچلىرى چۇۋۇق يۈز -كۆزلىرى قان ھالدا فىرۇزەنىڭ يىنىغا كىىلپ تۇختىدى
-ۋاي خۇدايىم زۈھرە نىمەبولدۇڭ؟
-مەن ئادەم ئۆلتۈرۈپ قۇيدۇم فىرۇزە بىلدىڭمۇ؟
-نىمە كىمنى؟
شۇ ئارىدا كەينى تەرەپتىن بىر نەچچە ساقچى كىلىپلا زۈھرەنىڭ قولىغا كويىزىنى سالدى شۇ تاپتا زۈھرە نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي فىرۇزەگە سىرلىق قاراپ قۇيۇپ كىتىپ قالدى

-نىمە بوپتۇ؟كىمنى ئۆلتۈرۈپ قۇيۇپتۇ؟
-ئەسلىدە سىنىڭ ئۆگەي ئاپاڭنى زۈھرە ئادەم سىلىپ ئۆلتۈرگۈزۈپتۇ يەنە تىخى ئەسقەرلەرنىڭ ئۆيدىن ئوغۇرلىغان ئالتۇنلار ئاخىرى ئىگىسىنىڭ قولىغا قايتىپتۇ..
فىرۇزە بۇنى ئاڭلاپ تۇرۇپلا قالدى مانا ئەمدى ئۇ ئەتىلەر ئىچىدىن ئاتا-ئانىسى بىلەن بىللە ئامرىكىغا كىسىلىنى كۆرسەتكىلى باراتتى شۇڭا ئۇ ئەڭ ئاخىرقى قىتىم زۈھرەنى كۆرۈپ قايتشنى ئويلاپ تۈرمە يىنىغا كىىلپ تۇختىدى

فىرۇزە ھەدىسىنىڭ يىنىغا كىلىپ ئۇنىڭ ياشلىرىنى سۈرتتى زۈھرەنىڭ چىرايىدا قانداقتۇر ئەلەم ئىپادىلىنىپ تۇراتتى]
-مىنى كەچۈر مەن ئەسلى سىنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇپ دۇككىنىڭغا كەلگەن بىراق دىلبەرنى ساڭا ئوخشىتىپ ئۇ قىزغا پىچاق تىقىۋىتىپ قاپتمەن
- ئىيتە مەن ساڭا نىمە يامانلىق قىلغان؟
-سەن ھىچقاچان ماڭا يامانلىق قىلمىغان بىراق سىنىڭ باي بىر ئائىلىگە كىلىن بولۇشۇڭ شۇنداقلا شۇنچە جىق بايلىققا ئىگە بولۇشۇڭ مىنىڭ ئىىچىمنىڭ تارلىقىنى قۇزغىدى بىلەمسەن فىرۇزە مەن مۇشۇ نەرسىلەرگە ئىرىشىى ئۈچۈن ئۆزۈمنىڭ ئەخلاقىمنى ھەم ھەقىقى ئىنسانى قەدىر قىممىتىمنى يۇقاتتىم مىنى كەچۈر

-سەن مۇشۇ بىر ئىغىز گەپ بىلەن بولدى قىلماقچى شۇنداقمۇ؟
-بىلىمەن ئورنىغا كەلمەيدۇ بىراق مىنى كەچۈر..تۇيۇڭغا قاتنىشالمايدىغان بولدۇم
-ھىچقىسى يۇق كىيىن توپراق بىشىمغا بىرىپ دۇئا قىىلپ قۇيساڭلا بولدى
فىرۇزە تۇلىمۇ ھارغىن قەدەملەر بىلەن تۈرمىدىن چىقىپ ئەمدىلا ئىشىكتىن چىقىپ تۇرىشىغا يۇل بويىدا قاراپ تۇرغان ئەسقەرلەرنى كۆردى ئەمما فىرۇزە دادىل قەدەم بىلەن ئاپىسىنىڭ ماشىنىسىغا چىقتى



                  خاتىمە

بۈگۈن فىرۇزەنىڭ ئاتا-ئانىسى چەتئەلنىڭ بارلىق رەسمىيەتلىرىنى بىجىرىپ ئۇ ئارزۇلۇق قىزىنى چەتئەلگە داۋالاتقىلى ئىلىم ماڭماقچى بولدى .فىرۇزە مۇ يۇلنىڭ تەييرالىقلىرىنى قىلىپ بولغان ئىدى ئەمدى ئۇ ئىشىكتىن چىقىپلا ئايرۇپلان ئىستنسىغا كىلىپ تۇختىدى ئۇنىڭ ئارزۇيى پەقەت بىر ئۇچۇش شۇ گۈزەل ماكانغا يەنى جەننەتكە بىرىش ئىدى

ئايرۇپلان كۆتۈرلۈپ ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەندە فىرۇزەنىڭ چىرايىدا تاتلىققىنە جىلۋە پەيدا بولدى ۋە تاتلىق كۈلگىنچە ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلدى

بۈگۈن ئەسقەر مۇرات بەرنا ئەلىلەر شۇنداقلا فىرۇزەنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ تۇپراق بىشىدا دۇئا قىلغىلى كەلدى ئۇ شۇنچە ئەلەم شۇنچە خورلىنىش ئىچىدە بۇ ئالەمدىن ئۆمۈرلۈك خۇشلاشتى

ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئەسقەر ساراڭ بولۇپ قىلىپ قىشنىڭ قەھرىتان سوغۇقىدا تۇڭلاپ قىىلپ جان ئۈزدى پىرەنىكخانا بەرناغا قالدى سەردار ھەم سەبىھە فىرۇزەنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن چەتئەلگە چىقىپ كەتتى

مانا بۇ ھايات كىچىككىنە نارسىدە قىزنىڭ بىشىدىن ئۆتكەن 19 يىللىق زۇلمەتلىك ھەم پاجىئەلىك ھايات شۇ بىچارە قىزنىڭ ياتقان يىرى جەننەت بولسۇن



     تۈگىدى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jelwa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-3 11:03 PM  


شۇنچىلىك ئەزىز يارىتۇلدۇقكى پەرىشتە بىزگە سەجدە قىلغۇدەك ، ئۆزىمىزنى شۇنداق بىر خارلىدۇقكى شەيتان بىزگە مىنگۈدەك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9207
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8175
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 1294 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2013-8-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-3 09:08:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت قېرىندىشىم قۇلىڭىزغا دەرىت بەرمىسۇن

ۋاپاسىز ياردىن ۋ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1873
يازما سانى: 602
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6992
تۆھپە نۇمۇرى: 305
توردا: 7885 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-3 09:11:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە داۋامى بارمۇ يە............؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 1851
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4962
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 954 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-3 11:05:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sirlik119 يوللىغان ۋاقتى  2013-5-3 09:08 PM
رەھمەت قېرىندىشىم قۇلىڭىزغا دەرىت بەرمىسۇن

ئاخىرىنى تۇلۇق يۇللىدىم كەينىنىمۇ كۆرۈپ بىقىڭ

شۇنچىلىك ئەزىز يارىتۇلدۇقكى پەرىشتە بىزگە سەجدە قىلغۇدەك ، ئۆزىمىزنى شۇنداق بىر خارلىدۇقكى شەيتان بىزگە مىنگۈدەك ....
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش