aytulun يوللىغان ۋاقتى 2013-4-22 05:51 PM
ئەسسالامۇئەلەيكۇم!شائېرئەپەندى ياخشىمۇ سىز؟بۇشئېرنى ...
ۋە ئەلەيكۈم ئەسسالام! ئايتۇن خانىم ياخشى تۇردىڭىز. مەخسىتىم بۇنى سىزگە قايتا يوللاپ سىزگە رەدىيە بەرمەكچىمۇ ئەمەس، ئەسلى مەخسىتىم:
1- سىزنىڭ بۇ جاۋاپنى يېزىپ ‹چانايمەن›نىڭ مەن ئىپادىلىمەكچى بولغان مەزمۇننى يورىتىپ بەرگەنلىكىڭىزدىن سۆيۈنۈپ تېخىمۇ چۈشۈنىشلىك قىلىش ئۈچۈن يازدىم.
2-بۇ تېمىنى كۆرمەي باسۇرۇپ قويۇپ ياكى سىزنىڭ تېمىڭىزنى كۆرۈپ باشقىچە چۈشەنچىدە بولۇپ، ئەسلى ئىدىيەنى بۇرمىلىۋېتىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇنىڭ ئۈستىگە تېخىمۇ كۆپ تورداشلارنىڭ كۆرۈپ، بۇ شېئىر مەزمۇننى قايتىدىن بىر تەھلىل قىلىشى مەخسىتىدە يازدىم، چۈنكى كۆپ قىسىم تورداشلارغا گەپنى تۈپتۈز ئۇپئۇدۇل قىلمىساق سەللا ئەگىتىپ ئېيتساق چۈشەنمەيدىكەن شۇڭا يېزىپ قويدۇم.
3-مۇشۇ باھانەدە سىز بىلەن بىر مۇشائىرە ئوينىشىپ دىگەن ئىدىم، ئەپسۇس داۋام قىلمايدىغانلىقىڭىزنى ئېيتىپسىز، شۇڭا كېيىنچە بۇنىڭغىمۇ پۇرسەت بوپ قالار دەيمەن. ئاخىرىدا يەنىلا سىزگە ھەسسىلەپ رەخمەت ئېيتىمەن.