dimukrat يوللىغان ۋاقتى 2013-4-22 08:41 PM
بۇددىسلارغا قارىغاندا خىرىستىيان يەھۇدىلار بىز بىلەن ...
ۋۇييۇ ما ئىنكاسنى. ئامېرىكىنىڭ دېموكراتىيىسىنى قانچىلىك چۈشىنەرسىز؟
پېقىر خەلىقئارا سىياسەت-قانۇنلىرىنى تەتقىق قېلىمەن. كىلىپ خەقنىڭ زىمىنلىرىنى بىسىۋىلىڭ، نەچچە زامان خەقنىڭ بوينىغا مىنىپ ياشاڭ، خەلىقئارا بىسىم ۋە ھىندىئانلارنىڭ قارشىلىقى بىلەن گەپنى دېموكراتىيە بىلەن ياساپ ئۆتكۈزىۋىتىڭ. قارا تەنلىكلەر دۆلەتتە ئىككىنچى دەرىجىلىك پۇقرا بوپقالسۇن، شۇنداقمۇ؟ مانا بۇ سىز چوقۇنۇۋاتقان دېموكراتىيەنىڭ تۆھپىلىرى. قارا تەنلىكلەر ئامېرىكا تۇپرىقىدا ھازىرغىچە ئاق تەنلىكلەر بىلەن باراۋەر بولالىدىمۇ؟ ھىندىئانلارچۇ؟ ياكى ئۇلار بەك دۆت، خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش لاياقىتى يوق بولۇپ، شۇ ئورۇنغا ئۆزى چۈشۈپ قالدىمۇ؟
ئاددىيلا بىر گەپ: ئىنسان قىلىپىدىن چىققان ھايۋانلارنىڭ ئەر كىشى تۇرۇپ ئەر كىشى بىلەن (ياكى ئايال كىشى ئايال كىشى) بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشىغا يول قويىدۇ، نىمىشقا ئىسلامدا كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشنى ئاياللارغا زۇلۇم قىلىش، ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالدۇرۇش قىپ كۆرسىتىپ تەشۋىق قىلىدۇ؟ ئاياللارنىڭ ئانىسىدىن تۇغما ھالىتىدە كوچىغا چىقىشىغا يول قويىدۇ، نىمىشقا ھىجاپلىنىشقا يول قويمايدۇ؟ خەقىنىڭ دۆلىتىنى خاراپ قىلىۋىتىپ، ئەلمانىزىمچى ھاكىمىيەت تىكلەشكە پۈتۈن كۈچىنى سەرپ قىلىدۇ يۇ، نىمىشقا خەلىفە ھاكىمىيىتىنىڭ مەيدانغا كەپ قىلىشىدىن شۇنچىلىك قورقىدۇ؟ يەھۇدىيلار پەلەستىن تۇپراقلىرىدا دۆلەت قۇرغىلى ئاتمىش يىل بولدى، دۆلەتنى ئازات قىلىمىز، يەھۇدىيلار بىلەن تەلتۆكۈس ئېلىشىمىز دەپ كۆكرەك كېرىپ چىققان خاماس نىمىشقا تېرورچى بوپ قالىدۇ؟
پەيغەمبىرىمىز ھەدىستە «مۇسۇلماننىڭ ھالىغا كۆڭۈل بۆلمىگەن ئادەم مۇسۇلمان ئەمەس» دىگەن، مۇشۇ ھەدىسكە ئەمەل قىلغان ئافغان مۇجاھىتلىرى نىمە ئۈچۈن تېرورچى بوپ قالدى؟ ئەجەبا بۇ «تېرورچىلار» ئامىرىكىنىڭ تۇپراقلىرىغا تاجاۋۇز قىپتىكەنمۇ؟ دۆلەتنىڭ ھوقۇق تۈزۈلمىسىنى، پرېزىدېنتىنى، جەمئىيەت خاراكتېرىنى، گەرچە خىرىستىئان دىنى ئاساسىغا قۇرۇلغان بولسىمۇ ئەلمانىيلىشىپ كەتكەن تۈزۈم ۋە چۈشەنچىلىرىگە بويسۇندۇرۇپ بېكىتىپ بىرىدىغان ئامېرىكا كىمكەن ئۇ؟
ناۋادا مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسى تەسلىمىچى تىنىچلىقپەرۋەر ياكى مۆتىدىل مۇسۇلمانلار بولىدىغان ئىش بولغان بولسا، پەيغەمبىرىمىز ھەرگىزمۇ يەھۇدىيلار بىلەن مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا كەسكىن بىر مەيدان ئۇرۇش بولىدىغانلىقى، ھەتتا تاشنىڭمۇ مۇسۇلمان ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىدىغانلىقى (سەھىھۇل بۇخارى ۋە شەرھۇل قەستەلانىي) ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرمىگەن بولاتتى. دىمەك، مەسىلە دېموكراتىيە، مۇستەبىتلىك، ۋە ياكى تەرەققىيات مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى ساپ ئىسلام بىلەن خىرىستىئان ۋە يەھۇدىي دىن گۇرۇھى (ياكى شەيتانىزىم مۇرتلىرى) ئوتتۇرىسىدىكى كۆرەش مەسىلىسى. بۇ ھەم دەل ئۇلارنى ئىزچىل قورقۇتۇپ كېلىۋاتقان مەسىلە.
گىپىڭىزچە ئامېرىكىغا يان باسقىنىڭىز بىلەن، سىزنىڭ نىمىگە ئىشىنىدىغانلىقىڭىز مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرۇپتۇ. ياۋايى تېرورچىلار ياكى تەرەققىيپەرۋەر ئەربابلار دىگەندەك سەپسەتىلىرىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئېغىزىدا قالىدۇ، ئازغۇنلۇقىڭىز سىز بىلەن مەھشەرگىچە بارىدۇ. چۈنكى پاشا ھىچقاچان گۈلخاننىڭ ئوتىنى ئۆچۈرەلمەيدۇ؛ كۈنگە تۈكۈرسىڭىز يۈزىڭىزگە چۈشىدۇ. ھەق ۋە ناھەق سىزنىڭ گىپىڭىز بىلەن ئەمەس، ئاللاھنىڭ كەلىمىسى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. ناۋادا بۇ يەردە ئۆزىڭىزنىڭ قاياشلىرىنى تاپالمىغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا بۇ يەرگە خاتا كېرىپ قاپسىز.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەھزۇن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-22 10:42 PM