ئەر دېگەن
(مۇخەممەس)
قۇرۇق ۋەدە، يالغاننى يار قىلامدۇ ئەر دېگەن،
غورۇر،ۋىجدان،ئىمانغا زار قىلامدۇ ئەر دېگەن.
بالا باققان گۇناھقا داد قىلامدۇ ئەر دېگەن،
چىن مۇھەببەت،سۈيگۈنى خارقىلامدۇ ئەر دېگەن.
بارچە ئىنسان قەلبىنى داغ قىلامدۇ ئەر دېگەن.
داق يەرلەرنى كۈكەرتىپ ئىزى قالغان داداڭنىڭ،
ئىز باسارى بولغىدەك كۈچى بارمۇ بالاڭنىڭ.
بەختىڭ تىلەپ كۈن بۇيى دۇئالىرى ئاناڭنىڭ،
نىمە پەرقىڭ ئۆمىلەپ كېتىپ بارغان سازاڭدىن.
ھورۇنلۇقتا كالىدەك ئۇخلاپ ياتامدۇ ئەر دېگەن.
سۇتۇق بۇغرا،ئوغۇزدەك باتۇرلارنىڭ نەسلى بار،
بارچە خۇشبۇي گۈللىرىنىڭ ئېچىلغۇدەك پەسلى بار.
يامان كۆزلەر تىكىلگەن يىقىتقۇدەك قەستى بار،
ئەجدانلارنىڭ قالدۇرغان نام شۆھرىتى ئەسلى بار.
ئۈششۈك تەككەن ياپراقتەك سارغىيامدۇ ئەر دېگەن.
يامان ئاتاق دەشنامنى ئىزدەپ سوراپ تاپامدۇ؟
بىر چىكىمنىڭ دەردىدە ئىتتەك قاۋاپ ياتامدۇ؟
پۇل بەرمىسە ھەممىىنى ئۇرۇپ دەسسەپ چاقامدۇ؟
بارچە كىشىنى قاخشاتسا يەر قوينىغا ئالامدۇ؟
قار مۇزلارنىڭ ئاستىدا خارلىنامدۇ ئەر دېگەن.
قەرت،قىمارغا بېرىلىپ ئەسلى-ۋەسلىنى ئۇتتۇرغان،
قەرىز سۈيلەپ كەلگەنگە قۇۋ تۈلكىدەك قۇتۇلغان.
پۇل قالمىسا ئاخىرى خوتۇن-بالىنى تۇتقۇزغان،
پۈتۈن رۇھى،جىسمىنى ئىس تۈتەكلەر قاپلىغان.
نا ئەھلىگە قۇل بۇلۇپ سىتىلامدۇ ئەر دېگەن.
مەنبەسى: ئۆزۈم