sirlik119 يوللىغان ۋاقتى 2013-4-26 05:12 PM
دوسلار بۇ پوۋسىت باشلىنار باشلانماي تۇرۇپلا ئنكاس ياز ...
ھاھاھاھا..... رەھمەت، بۇ ئەسەر مىنىڭ بېشىمدىن ئۈتمىگەن،ياكى ئەتراپىمدىكى دوس بۇرادەرلىرىم دەپ بەرگەن ئەمەس..پەقەت جەمىيىتىمىزدىكى يۈز بىرىۋاتقان بىر قىسىم نامۇۋاپىق ھادىسىلەر، مىھرىزاتقا،ۋە
دادىسى ،ئانىسىغا ئوخشاش باللىرىغا كۈيۈنىدىغان ،مائارىپىمىزنى مۇشۇنداق قوللايدىغان....يەنە شۇنداقلا
يىزا -كەنىتلىرىمىزدىكى بىر قىسىم ناچار سىياسەت تۈزۈملەر...شەھەرلەردىكى شەھەرلىك باللانىڭ ھاكاۋۇرلىقى ، خوجايىنلارنىڭ شاپاقلىقى ،..........يۇقارقىدەك مەسىلىلەر دىيارىمىزدا ھەر ۋاقىت مەۋجۇت .
مەن مۇشۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنى تىپىكلەشتۈرۈپ بايان قىلدىم ،2- قىسمىدا مۇشۇنداق ئىللىق ئائىلىدە چوڭ بولغان ،پەرزەنت تەربىيىسىنى قۇلىقىدا مەھكەم تۇتقان قىزلارنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە مىھرىزاتنىڭ ئەگرى-تۇقاي
تۇرمۇش تىراگىدىيىسىنى تەسەۋۇر كۈچۈمگە تايىنىپ يارىتىپ چىقتىم ، بۇ جەرياندا بەلكىم نۇرغۇن نۇقسانلار كۆرۈلگەن بۇلۇشى مۇمكىن. قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ماڭا ۋاقتىدا كۈرسىتىپ ،تەكلىپ پىكىرلىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمۈت قىلىمەن. 2- قىسمى مۇۋاپىقىيەتلىك يىزىلىپ .بولدى. 3- قىسمىغا نىسپەتەن كاللامدا ۋەقەلىكنى قانداقراق بايان قىلىش توغرىسىسدا ئىنىق چۈشەنچە تىخى بولمىغان بولسىمۇ مەن
ئەڭ تىز سۈرەتتە ،،، ئويلىنىپ ،تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ مۇۋاپىقىيەتلىك پۈتتۈرۈشكە چۇقۇم كاپالەت بىرىمەن. رەھمەت مىنى قوللىغان بارلىق ئەزىزلەر.