مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: yalkun085

تەرەققىي قىلىۋاتقان خېجىڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 3373
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 27242
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 4989 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2013-5-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 07:21:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
amanturk يوللىغان ۋاقتى  2013-4-24 05:38 PM
بۇ يۇرتنىڭ نامى:خوتۇن سۇمبۇل

خوتۇن سۇمبۇل ؟
تازا قىززىق ئىسىمكەن .

زىيادە ئاقكۆڭۈللۈك ئۆزىگە ئېتىلغان يا ئوقىغىغا ئوخشايدىكەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40708
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3370
تۆھپە نۇمۇرى: 239
توردا: 1453 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2013-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 07:28:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خېجىڭ ناھىيسىدە ئەسلى ئۇيغۇرلار كۆپ سانلىقنى ئىگەلەيدۇ.لىكىن بايىنبۇلاق يايلىقى خېجىڭغا تەۋە بۇلغاچقا،موڭغوللارنى ئاساس قىلىپ موڭغۇل ناھىيسى قىلىۋەتكەن.شۇڭا ئىدارە -ئورگانلاردا ئۇيغۇر يىزىقى يۇق دىيەرلىك.خېجىڭ ناھىيسىنىڭ يىرى كەڭ تۇپرىقى مۇنبەت ،نۇپۇس شالاڭ بۇلۇپ  مەدەنىيەت ئېنقىلابى  مەزگىلىدا سىياسى تۇزۇلمىسى باشقا يۇرتلارغا سىلىشتۇرغاندا بىرقەدەر ياخشى بۇلغاچقا قەشقەر ،كۇچا قاتارلىق يۇرتلاردىن كۈپلىگەن كىشىلەر كۈچۈپ چىقىپ ئۇلتۇراقلاشقان  .خېجىڭنىڭ جۇغراپىيلىك ئۇرنى ئىنتايىن مۇھىم بۇلۇپ  ئۈرۈمچى بىلەن ئارلىقى 190كىلومىتىر ،غولجا بىلەن 490كىلومىتىر ،كۈنەس ناھىيسى بىلەن 250كىلومىتىر،يەنە ئاقسۇ باي ناھىيسىگە بىۋاستە بارغىلى بۇلىدۇ. 218ئۆلكە يۇلىى مۇشۇ يەردىن ئۈتىدۇ.خېجىڭدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتىنۇم رايۇنى بۇيىچە ئەڭ چوڭ ئاشلىق ،قۇرال-ياراق ئىسكىلاتى،زاپاس نىفىت ئىسكىلاتى.پاخـتا ئامبىرى جايلاشقان.سانائىتىمۇ تەرەقى قىلغان نۇرغۇنلىغان زازۇت -كارخانا شۇنداقلا مىتال كانلىرى كۈپ.بايىنبۇلاق يايلىقىغا كەلسەك ئۇ يەرنىڭ گۇزەلىكنى تىل بىلەن تەسىرلىگۇسىز گەپ كەتمەيدۇ.بىرىپ ساياھەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   anzar0903 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-24 07:34 PM  


111

باشقىلارغا تەبە

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 1415
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9035
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 6355 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2013-5-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 11:38:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
YAZR يوللىغان ۋاقتى  2013-4-24 01:40 PM
ماڭا مۇشۇ مۇنبەردىكى بىرەيلەن  خېجىڭنى بۇرۇن يۇلتۇز د ...

مەنمۇ يۇلتۇز دەپ بىر ماتىريالدا كۆرگەن.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

اللاھتىن بەختىمنى تىلەيمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8106
يازما سانى: 2227
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19711
تۆھپە نۇمۇرى: 576
توردا: 1402 سائەت
تىزىم: 2010-8-27
ئاخىرقى: 2013-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-25 12:33:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خىجىڭنىڭ نامىنى ئەمدى بىلپتىمەن رەخمەت

ھەيرانمەن ئىنساننىڭ نادانلىقىغا،
كۇلىمەن كۇڭۇلنىڭ ساراڭلىقىغا.
يىغلايمەن ئازاپنىڭ ئاچچىقلىقىغا،
قانمايمەن ھاياتنىڭ تاتلىقلىقىغا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19089
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6477
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 316 سائەت
تىزىم: 2010-11-26
ئاخىرقى: 2013-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-26 07:21:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ناھىيىنىڭ تەرەققىياتى بولىدىكەن، لىكىن بىزنىڭ ئەڭ قىزىقىدىغىنىمىز ئىگىز بىنالار ئەمەس بەلكى بۇ ناھىيىدىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ سانى، بۇنى بىلىدىغانلار دەپ بەرسەڭلار!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19089
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6477
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 316 سائەت
تىزىم: 2010-11-26
ئاخىرقى: 2013-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-26 07:23:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خوتۇنسۇمۇل دىگەن سۆز مۇڭغۇلچە ئاتاش بولۇپ، خوتۇن دىگىنى ئافاق غوجا دەۋرىدە موڭغۇللارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاتىشى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15070
يازما سانى: 437
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9743
تۆھپە نۇمۇرى: 646
توردا: 311 سائەت
تىزىم: 2010-10-24
ئاخىرقى: 2013-5-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-27 07:45:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەرەقىيات دېگەن قانداق  نىمىكىن  ئۇقالمىدىم جۇمۇ ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93000
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 44
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2013-3-10
ئاخىرقى: 2013-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-27 08:29:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bizkima يوللىغان ۋاقتى  2013-4-24 02:20 PM
ئۇيغۇر  يوقمىدۇ  ئۇ خېجىڭ دىگەن يەدە. پەقەت ئۇيغۇرچە يې ...

بار بار.    مەنمۇ خېجىڭلىق.       سىز تونۇيدىغان ئۇيغۇرلاردىن    ئالىم خالىق بار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57313
يازما سانى: 148
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5444
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1227 سائەت
تىزىم: 2011-9-20
ئاخىرقى: 2013-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-27 11:22:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خېجىڭدا ھاكىم موڭغۇل، شۇجى خەنزۇ....ئەڭ چوڭ ھەم ئاساسلىق ھوقۇق شۇلارنىڭ قولىدا بولغاندىكىن، ئىدارە-ئورگانلاردا ۋە ھەرخىل ۋىۋىسكا، بىنا ئىدارە-جەمئىيەتنىڭ نامى ... قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدىغان تىل ۋە يېزىق شۇلارنىڭ يېزىقىدا بولىۋاتىدۇ.  ھەممىسى خەنزۇ ۋە موڭغۇل يېزىقىدا يېزىلىدۇ.
تۆۋەندىكى مەزمۇن خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمەت تورىدىن ئېلىندى:

خېجىڭنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى
    ئاساسىي ئەھۋالى
  (1) جۇغراپىيىلىك ئورنى
   خېجىڭ ناھىيىسى تەڭرىتېغىنىڭ غەربىي ئېتىكىگە، شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا، بايىنغۇلىننىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان بۇلۇپ، زىمىنى كەڭ، شەرقى بىلەن غەربىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 435 كىلومېتىر، جەنۇبى بىلەن شىمالىنىڭ كەڭلىكى 150 كىلومېتىر بۇلۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 39 مىڭ 688 كۇۋادىرات كىلومېتىر، بۇنىڭ ئىچىدە تاغلىق 36 مىڭ 768 كۇۋادىرات كىلومېتىر بۇلۇپ، %92.6 نى ئىگەللەيدۇ، تۈزلەڭلىك 2918 كۇۋادىرات كىلومېتىر بۇلۇپ، %7.14 نى ئىگەللەيدۇ.
  (2) قىسقىچە تارىخى
   خېجىڭ ناھىيىسى 3 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە بۇلۇپ، قەدىمدىن تارتىپلا ئىنسانلار ياشاپ كەلگەن، يىغىلىق دەۋرىدە قاڭقىللار مۇشۇ ئەتراپتا پائالىيەت قىلغان، خەن سۇلالىسى دەۋرىدە كىنگىت دۆلىتى بولغان. تاڭ ۋە سۇڭ سۇلالىسى دەۋرلىرىدە ئىلگىرى- كېيىن بۇلۇپ چاغاتاي خانلىقى ۋە يەكەن خانلىقىغا تەۋە بولغان. چىڭ سۇلالىسى چەنلۇڭ خاننىڭ 36 – يىلى (مىلادى 1771- يىلى) يەنى بىر يېرىم ئەسىردىن بۇرۇن ۋولگا دەرياسى بويىدىكى ئويرات موڭغۇللىرى تۇرخۇت قەبىلىسى ئاقساقىلى ئوباشنىڭ باشچىلىقىدا قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ ۋەتەنگە قايتقان. مىنگونىڭ 27- يىلى (1939- يىلى) خوتۇمسۇمۇل( 和 ( 县通 ناھىيىسى بۇلۇپ قۇرۇلغان، كېيىن خېجىڭ ناھىيىسى( 和县靖 ) دەپ ئۆزگەرتىلگەن. شىنجاڭ تېنىچلىق بىلەن ئازات بولغاندىن كېيىن، 1950- يىلى 4- ئايدا خېجىڭ ( 和靖县 ) ناھىيىلىك ھۆكۈمەت رەسمىي قۇرۇلغان. 1954- يىلىدىن كېيىن بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتۇنۇم ئوبلاستىغا تەۋە بولغان، 1965- يىلى11-ئاينىڭ 3-كۈنى گوۋۇيۇەن خېجىڭ ( 和靖县 ) ناھىيىسىنى خېجىڭ ( 和静县 ) ناھىيىسىگە ئۆزگەرتىشنى قارار قىلغان.
  (3) مەمۇرىي تەۋەلىكى
   خېجىڭ ناھىيىسى شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ ناھىيە شەھەرلەرنىڭ بىرى بۇلۇپ، ناھىيە تەۋەلىكىدە بىر باشقۇرۇش كومىتېتى، 5 بازار، 7 يېزا، 7 دۆلەت ئىگىلىكىدىكى دېھقان- چارۋىچىلىق مەيدانى( فىرمىسى) بۇلۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تۈزلەڭلىك يېزا- بازارلىرىدىن 8ى، تاغلىق يېزا- بازار مەيدانلىرىدىن 12سى بار. تەۋەلىكىدە تۇرۇشلۇق يەنە 4 دېھقانچىلىق بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش تۇەن- مەيدانلىرى، 3 دۆلەت ئىگىلىكىدىكى دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق مەيدانلىرى ۋە تۇەن دەرىجىلىك قىسىم قاتارلىق 40 نەچچە ئورۇن بار. خېجىڭ ناھىيىسىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 180 مىڭ ئەتراپىدا بۇلۇپ، موڭغۇل، خەنزۇ، ئۇيغۇر، خۇيزۇ قاتارلىق 24 مىللەت بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەر %45.3 نى، شەھەر ئاھالىلىرى %33.3 نى ئىگەللەيدۇ. ئوبلاستىمىزدىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ ناھىيە بۇلۇپ، ئادەم بايلىقى مول، ئەمگەك كۈچى زىچ كەسىپلەرنىڭ ئادەم ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.
  (4) رايۇن ئەۋزەللىكى
   خېجىڭ شىنجاڭنىڭ جۇغراپىيىلىك مەركىزىگە توغرا كېلىدۇ، ئەتراپى ئۈرۈمچى، سانجى، ئىلى، ئاقسۇ، تۇرپان قاتارلىق 15 ناھىيە شەھەر بىلەن چېگرىلىندىغان بۇلۇپ، مەملىكىتىمىز بويىچە چېگرىلىنىدىغان ناھىيە شەھەر سانى ئەڭ كۆپ چوڭ ناھىيە. خېجىڭ ناھىيىسى جەنۇپ ۋە شىمالى شىنجاڭنى تۇتاشتۇرىدىغان قاتناش تۈگىنى بۇلۇپ، قاتناش شارائىتى ئەۋزەل، جەنۇبى شىنجاڭ تۆمۈر يولى خېجىڭنى كېسىپ ئۆتىدۇ. دۆلەت يولى 216-، 217-، 218- لېنىيىسى ۋە ئۆلكە يولى 206-، 301-، 305-، 321- لېنىيىسى چېگرا ئىچىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ. ناھىيە- يېزا يوللىرى ئاساسىي جەھەتتىن يۈرۈشلەشتى. ئەتراپتا يەنە ئۈرۈمچى، كورلا، تۇرپان، ئاقسۇ، نارات، غۇلجا ئايرىدۇرۇمى قاتارلىقلار بۇلۇپ، بىر كۈن ئىچىدە مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئۇچۇپ بارغىلى بولىدۇ.
   بايلىقلارنى ئېچىپ پايدىلىنىش ئەھۋالى
  (1) سانائەت ئىقتىسادى
   خېجىڭنىڭ يەر مەيدانى كەڭ، بايلىقى مول بۇلۇپ، شىنجاڭدىكى ئاساسلىق قېزىلما بايلىقلار، سۇ ئېنىرگىيە بايلىقى، دېھقانچىلىق- چارۋىچىلىق بايلىقى چوڭ ناھىيىسى. ئەۋزەل بايلىقلارنى ئۆزلەشتۈرۈش ئىستىراتىگىيىسىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق دەسلەپكى قەدەمدە پولات-تۆمۈر، قۇرۇلۇش ماتىرياللىرى، كانچىلىق، ئېچىتىش، ئۆزگىچە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق 6 چوڭ كەسىپ سېستىمىسى شەكىللەندى. سانائەت بىلەن ناھىيىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئەۋزەللىكى كۆرۈنەرلىك كۈچىيىپ، ئوبلاست بويىچە سانائەتنى ئەڭ تېز تەرەققىي قىلدۇرغان ناھىيە بۇلۇپ قالدى. 2009- يىلى ئورۇنلانغان سانائەت ئېشىش قىممىتى 1 مىليارت 650 مىليۇن يۈەن بۇلۇپ، %24 ئاشتى؛ كۆلەمدىن يوقۇرى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پايدىسى 210 مىليۇن يۇەن بۇلۇپ، تاپشۇرغان بېجى 180 مىليۇن يۈەنگە يەتتى. جىنتې پولات تۆمۈر زاۋۇتىنىڭ 1 مىليۇن توننىلىق تېخنىكا ئۆزگەرتىش تۈرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. تەڭرىتاغ سېمۇنت زاۋۇتى ئىچكى ئېھتىياجىنى ئاشۇرۇش تۈرىگە تايىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىشنى تەڭ ئاشۇردى. كەيخۇڭ كانچىلىقى، نورخۇ تۆمۈر كېنى 2- سېخى پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتى. قارمۇدۇن سۇ ئېلىكتىر ئىستانسىسىنىڭ ھەممە گېنۇراتۇرلار گۇرۇپپىسى بىر تۇتاش توك تارقىتىپ، ناھىيە سانائەت ئىقتىسادىنىڭ تەكشى تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. سانائەت ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى جانلىق بۇلۇپ، جىنتې پولات تۆمۈر زاۋۇتىنىڭ 2- قارارلىق تېخنىكا ئۆزگەرتىش تۈرى، بېيجەن تۆمۈر كېنى رودا تاللاش زاۋۇتىنىڭ 1- قارارلىق تۈرى، تەڭرىتاغ جىنتې شىركىتىنىڭ 500 مىڭ توننىلىق كان ئۇۋۇندىسىدىن پايدىلىنىش تۈرى، ليۇشۇگو سۇ ئېلىكتىر ئىستانىسىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىش باشلاپ قۇرۇلۇش قىلىۋاتىدۇ، شوسەنكو سۇ ئېلىكتىر ئىستانىسىسىدا ئېقىن توسۇلدى. سانائەت باغچا رايۇنى قۇرۇلۇشىنىڭ قەدىمى تېزلىتىلىپ، ئېلزەتئۇل سانائەت باغچا رايۇنى، قارمۇدۇن سانائەت باغچا رايۇنى ۋە ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىدىكى باغچا رايۇنىدىن ئىبارەت 3 باغچا رايۇنىنىڭ ئومۇمىي پىلانى ئورۇندىلىپ، ماكانلاشقان كارخانا 15 كە يېتىپ، ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنى 1 مىليارت 600 مىليۇن يۈەنگە يەتكۈزۈپ، 200 مىليۇن يۈەن پايدا باج ياراتتى. پولات- تۆمۈر، قۇرۇلۇش ماتىرياللىرى، سۇ ئېلىكتىر، كانچىلىقتىن ئىبارەت 4 چوڭ غوللۇق كەسىپلەرنى چۆرىدەپ كەسىپ زەنجىرى ئۇزۇن، تېخنىكا قىممىتى يوقۇرى بولغان پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋە كىرگۈزۈش ئارقىلىق بايلىقلىقلارنى پىششىقلاپ ئىشلەپ قىممىتىنى ئاشۇرۇش ئىستىراتىگىيىسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، 3يىلدىن 5 يىلغىچە 1مىليۇن 500 مىڭ توننا پولات- تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شەكىللەندۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ پولات- تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بەرپا قىلىنىدۇ. 1 مىليۇن توننا سىمونت ئىشلەپچىقىرىپ، شىنجاڭ بويىچە ئاساسلىق قۇرۇلۇش ماتىرياللىرىنى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بەرپا قىلىنىدۇ. ساغانسۇ، قارمۇدۇن، ليۇشۇگو، شوسەنكو سۇ ئېلىكتىر ئىستانىسىنى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ يېشىل ئېنىرگىيە بازىسى بەرپا قىلىنىدۇ. ساغاننۇر تۆمۈر كېنى، بېيجەن تۆمۈر كېنى، خارخات ماگنىي كېنى، غورۇنغول كۆمۈر كېنى قاتارلىق ئەۋزەل كان بايلىقلىرىنى ئېچىشنى تېزلىتىپ، ئوتتۇرا تەڭرىتاغدىكى ئەڭ چوڭ كان مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش بازىسى قۇرۇپ چىقىلىدۇ. 2012- يىلغا بارغاندا سانائەت ئىقتىسادىنىڭ ناھىيە ئىقتىسادىغا بولغان تۆھبىسى %50 كە يەتكۈزىلىدۇ.
  (2) ئۆزگىچە دېھقانچىلىقى
  خېجىڭدا سۇ، تۇپراق، قوياش نۇرى، ئېنىرگىيە بايلىقى مول، يېزا ئىگىلىكنى ئونېۋېرسال ئېچىش ۋە زامانىۋىلاشقان كۆلەملەشكەن دېھقانچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشتا ياخشى شارائىتقا ئىگە بۇلۇپ، شىنجاڭدىكى ئەڭ ئاساسلىق ئۆزگىچە دېقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش رايۇنى. لۈيۈەن شىكەرچىلىكى، رۈيخې پەمىدۇرچىلىقى، خوڭئەن ئۇرۇقچىلىقى قاتارلىق 16 كەسىپلەشكەن باشلامچى كارخانىلارنى كىرگۈزۈپ يېتىشتۈرۈش ئارقىلىق، ھازىر رايۇن، كۆلەم ئەۋزەللىكى بولغان 200مىڭ مو شوخلا، 100مىڭ مو لازا، 200مىڭ مو قىزىلچا قاتارلىق ئۆزگىچە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازىسى قۇرۇپ چىقىلدى. خېجىڭ شىنجاڭدىكى ئەڭ ئاساسلىق شوخلا،لازا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى، ناھيە تەۋەلىكىدە شوخلا قىيامى ئىشلەپچىقىرىش كارخانسىدىن 9 ى بۇلۇپ، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاپ ئىشلەش ئىقتىدارى 100مىڭ توننا، لازا پىششقلاپ ئىشلەش كارخانىسىدىن 1سى بۇلۇپ، يىللىق پىششىقلاپ ئىشلەش، سېتىش مىقدارى 30مىڭ توننىغا يېتىدۇ. «پاختىنى ئازلىتىپ، لازا، شوخلىنى ئاشۇرۇش» تىن ئىبارەت كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئىستېراگىيىلىك تەڭشەشكە تايىنىپ، خېجىڭ شىنجاڭ بايىنغولىننىڭ قىزىل كەسىپ تەرەققىياتىنى يېتەكلەيدىغان باشلامچى ناھىيە بۇلۇشقا تېرىشىۋاتىدۇ. نۆۋەتتە، بايلىقلارنى رەتلەش، تېخنىكا مىقدارى يۇقىرى، كەسىپ زەنجىرى ئۇزۇن بولغان باشلامچى كارخانىلارنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق، شوخلا قىيامى، پىگمىت لازىسىنى ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق ئۆزگىچە كەسىپلەرنى تىزدىن تەرەققى قىلدۇرماقتا.
  (3) ئېكىلوگىيىلىك چارۋىچىلىقى
   خېجىڭنىڭ چارۋىچىلىقتىكى ئاساسى ئىشلەپچىقىرىش ئورنى ناھىيە ئومۇمى كۆلىمىنىڭ %92نى ئىگەللەيدىغان تاغلىق رايۇندا بۇلۇپ، تەۋەلىكىدىكى تەبئى ئوتلاق 35مىليون 348مىڭ 600مو، پايدىلنىشقا بولىدىغان كۆلۈمى 30مىليون 405مىڭ 700مو كېلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە بايىنبۇلاق ئوتلىقى مەملىكىتىمىزدىكى 1-چوڭ ئىگىز تاغ ئوتلىقى بۇلۇپ، ئومۇمى كۆلۈمى 22مىليون 456 مىڭ مو، پۈتۈن يىلدا چارۋىلارنى سىغدۇرۇش مىقدارى 1مىليون 40 مىڭ تۇياق. 2009-يىلى يىل ئاخىردا چارۋىلارنىڭ قوتاندا ساقلانغان مىقدارى 990مىڭ 910تۇياقتا تىزگىنلىنىپ، قوتاندىن چىقىش نىسبىتى ۋە تاۋار نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %64 ۋە %92 بولدى. دۆلەتلىك مۇھىت ئاسراش باش ئىدارىسى بايىنبۇلاق قارباش قويى، ياۋىسىمان قوتىزىغا ئىككى چوڭ يېشىل يىمەكلىك ماركىسى دەپ نام بەردى. ئىلگىر-كىيىن بۇلۇپ بايىنبۇلاق ياۋىسىمان قوتىزى، قارباش قۇيىدىن ئىبارەت ئىككى ئۆلچەملەشكەن ئىشلەپچىقىرىش ئۈلگە رايۇنى ۋە تىۋىتلىق ئۆچكە، ئاق قوتاز، قارشەھەر ئېتى قاتارلىق 5چوڭ نەسىللىك يېتىلدۈرۈش بازىسى قۇردى. خېجىڭنىڭ چارۋىچىلىقتىكى ئاساسى ئىشلەپچىقىرىش ئورنى بولغان تەبئى ئوتلاق ئەتراپىنى قارلىق تاغ چۆرىدەپ تۇرىدۇ، زامانىۋى سانائەت شەھىرىدىن يىراق، بۇلغانمىغان، زىيانسىز بولغان تەبئى پاكىزە تۇپراق بۇلۇپ، «چارۋىلارنىڭ يەيدىغىنى دورا ئوت-چۆپ، ئىچىدىغىنى مېنرال سۇ» دىگەن تەمسىلمۇ بار. ئۆزگىچە ئېكولوگىيىلىك موھىت ئەۋزەللىكى بىلەن يېشىل ئورگانىك يىمەكلىكلەرنى ئېچىش ئەۋزەللىكىگە ئىگە. خېجىڭ غەربى قىسىمدىكى چارۋىچىلىق چوڭ ناھيىسى بۇلۇپ، ئونۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى شىنجاڭ بويىچە 3-ئورۇندا، ئوبلاست بويىچە 1-ئورۇندا تۇرىدۇ.بۇ كالا، قوي گۆشىنى پىششىقلاپ ئىشلەشتە چارۋا مەنبەسى بىلەن مۇقۇم تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ ھەمدە تېرە، ئۈچەي، تىۋىت قاتارلىق بايلىقلارنىڭ داۋامى مەھسۇلاتلىرىدىن تۇلۇق پايدىلنىپ، چارۋا مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئونۋېرسال ئىقتىسادىي ئۆنۈمىنى ئاشۇرغىلى بۇلىدۇ. شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ ئورگانىك چارۋا مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىپ پىششىقلاپ ئىشلەش بازىسى قۇرۇشنى چۆرىدەپ، نۆۋەتتە، چارۋا مەھسۇلاتلىرىنى ئونۋېرسال ئېچىش تۈرىدىن تۆتنى تاللاپ، سودىگەر چاقىرىلىدۇ.
   (4) ئۆزگىچە باغ-ئورمانچىلىقى
   خېجىڭ شىنجاڭدىكى سۇ، تۇپراق بايلىقى بىر قەدەر مول رايون، ناھىيىنىڭ يەر ئۈستى سۈيى ئومۇمى ئېقىن مىقدارى 5مىليارد 776مىليون كۇپ مىتىر، يەر ئاستى سۈيى ئومومىي مىقدارى 4مىليارد 208مىليون كۇپ مىتىر.ھازىرقى تېرىلغۇ يەر 580 مىڭ مو (يەرلىكنىڭ 270 مىڭ مو)، تېخى ئېچىلمىغان دېھقانچىلىق قىلىشقا بولىدىغان قاقاس يەر 850مىڭ مو (ناھىيە تەۋەسىدە 320مىڭ مو)، سۇ، تۇپراق ئېچىش يۇشۇرۇن كۈچى زور بۇلۇپ، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىقنى ئونۋېرسال ئېچىشنىڭ شەرتىنى ھازىرلىغان. «بوستانلىق ئىچىدە بوستانلىق بەرپا قىلىش» تەرەققىيات ئېستىراتىگىيىسىگە ئاساسەن، خېجىڭنىڭ يەرلىك مىۋە مەھسولاتلىرىنىڭ پىشىشى كىيىن بۇلۇش، پەسىل ئاتلاپ بازارغا سېلىشتىن ئىبارەت ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلنىپ، ھازىر ئېچىپ بەرپا قىلىنغان ئۈزۈم، چىلان، ئۆرۈك قاتارلىقلارنى ئاساس قىلغان ئەلا سۈپەتلىك باغ ئورمانچىلىق بازىسى 53 مىڭ موغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە مىۋە بەرگىنى 25مىڭ مو. بۇلوپمۇ، خېجىڭنىڭ ئالاھىدە جوغراپىيىلىك ئورنى بۇ جاينىڭ پۈتۈن مەملىكەت ھەتتاكى يەرشارىدىكى ئەڭ ياخشى ھاراق ئۈزۈمى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بۇلۇپ قېلىشنى بەلگىلىگەن، ئۆزگىچە باغ-ئورمانچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇش ئىستىقبالى چوڭ. 100مىڭ مولۇق ھاراق ئۈزۈمى بازىسىبەرپا قىلىش، 10مىڭ توننىلىق ئۈزۈم ھارىقى زاۋۇتى قۇرۇشتىن ئىبارەت كەسىپلەشكەن تۈرنى چۆرىدەپ، ناھىيىلىك ھۆكۈمەت «ئېكولوگىيىلىك باغ-ئورمانچىلىقنى ئېچىشنى يولغا قۇيۇش پىكرى» نى چىقاردى ھەمدە 7 سۇ، تۇپراق ئېچىش رايونىغا سودىگەر چاقىرىپ، تېرىش، پىششىقلاپ ئىشلەش، ئېچىتىشنى بىرلىكتە ئېلىپ بېرىپ، ھاراق ئۈزۈمى كەسپى بەلبىغىنى كۈچەپ بەرپا قىلىشنى پىلانلىدى
   5 ) قېزىلما بايلىقلارنى پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپى
   خېجىڭ ناھىيىسى شەرىقى غەربىي تەڭرى تېغىنىڭ بېرىككەن قىسمىدىكى قېزىلما بايلىقلار مول بەلباغقا جايلاشقان بولۇپ، تەۋەلىكىدە ئاساسلىقى يىلەنخابكا ئالتۇن، مىس كان بەلبىغى، تېڭگىر ئالتۇن، مىس، تۆمۈر كان بەلبىغى، بالغۇنتاي تۆمۈر، مانگان، ئالتۇن، مىس، قوغۇشۇن، سېنك كان بەلبىغى، سارمىن مىس، سېنك، كوبالت كان بەلبىغى، خۇلا جىلغىسى لىتىي، بورىي، نىئوبىي، تانتال، ئاز ئۇچرايدىغان مېتاللار كان بەلبىغى قاتارلىق بەش كان بەلبىغى بار. بايقالغان قېزىلما بايلىق 26 تۈرلۈك بولۇپ، تۆمۈر، ئالتۇن، مىس، قوغۇشۇن، سېنك، مانگان، سۈرمە، مولېبدىن، ۋانادىي، ۋولفرامنى ئاساس قىلىدۇ، تۈرلۈك كان نۇقتىلىرى 94 كە يېتىدىغان بولۇپ، شىنجاڭدىكى موھىم قېزىلما بايلىقلار چوڭ ناھىيىسى، جۈملىدىن تۆمۈر كان، ماگنىي كېنى قاتارلىق قېزىلما بايلىقلار غەربىي رايۇندا موھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. ھازىر 46 گىئولوگىيىلىك قېدىرىپ تەكشۈرگۈچى ئورۇن خېجىڭ ناھىيىسى تەۋەسىدە ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، قېدىرىپ تەكشۈرۈش ھوقۇقىغا ئىگە كان نۇقتىسىدىن 300 نەچچىگە، ئېچىش ھوقۇقىغا ئىگە كان نۇقتىسىدىن 45 كە ئېرىشتى. ھازىر ئەۋزەل بايلىقلاغا تايىنىپ، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 1 مىليۇن توننىلىق جىنتې پولات- تۆمۈر شىركىتى، 70 مىڭ توننىلىق تەڭرىتاغ سىمونت شىركىتى، 70 مىڭ ئېغىر ساندۇق ئەينەك ئىشلەپچىقىرىدىغان جىڭ جىڭ ئەينەك زاۋۇدى قاتارلىق تايانچ كارخانىلار قۇرۇلدى. ناھىيە ئىقتىسادىتىكى ئەڭ چوڭ ئەۋزەل تايانچ كارخانىلارنى يېتىلدۈرۈشنى چۆرىدىگەن ھالدا، خېجىڭ ناھىيىسىنىڭ كان بايلىقلىرىنى ئېچىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانى تۈزۈپ چىقىلدى، ھەمدە شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا تەڭرىتاغ قېزىلما بايلىقلارنى پىششىقلاپ ئىشلەش بازىسىنىڭ موھىم پىلانلىق رايۇنىغا كىرگۈزىلدى.
   6) سۇ-ئېلىكتىر كەسپى
   خېجىڭ ناھىيىسى تەۋەسىدە چوڭ كىچىك 26 دەريا- ئۆستەڭ بولۇپ، جۈملىدىن يىللىق ئېقىن مىقدارى 100 مىليۇن كۇپمېتىردىن ئاشىدىغان قايدۇ، سېرىقسۇ، كۆكسۇ، كۆنەس، ماناس، قۇتۇبى قاتارلىق 7 دەريا بولۇپ، سۇ ئېنېرگىيىسى بايلىقىدىن پايدىلىنىش ئىستىقبالى چەكسىز. قايدۇ دەرياسى مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق تاتلىق سۇ كۆلى بولغان باغراش كۆلىنىڭ باش مەنبەسى بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلىقى 560 كىلومېتىر كېلىدۇ، ئۇنىڭ يۇقۇرى ئېقىنىنىڭ خېجىڭ ناھىيىسى تەۋەسىدىن ئۆتىدىغان بۆلىكى456 كىلومېتىر كېلىدۇ، يىللىق ئېقىن مىقدارى 3 مىليارت 340 مىليۇن كۇپ مېتىر، تەبىئىي چۈشۈش پەرقى 1843 مېتىر كېلىدۇ، سۇ ئېنىرگىيىسىنىڭ نەزەرىيىلىك مىقدارى 1 مىليۇن 960 مىڭ كىلوۋات، ئېچىپ پايدىلىنىش يۇشۇرۇن كۈچى 1 مىليۇن 500 مىڭ كىلوۋاتقا يېتىدۇ. 13 سۇ ئېلىكتىر ئىستانسىسى قۇرۇشقا بولىدىغان بولۇپ شىنجاڭدىكى «كىچىك سەنشا» قۇرۇلۇشى دەپ ئاتالدى. تۇنچى قېتىمدا ئىقتىدارى 80 مىڭ كىلوۋاتلىق سۇ ئېلىكتېر ئىستانسىسى قۇرۇپ چىقققاندىن كېيىن، دۆلەت ئېلىكتىر گوروھى، سۇچىلىق مىنىستىرلىكىنىڭ شىنخۇا سۇ ئېلىكتىر شىركىتى مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق 2008- يىلى 180 مىڭ كىلوۋاتلىق ساغانسۇ سۇئېلىكتىر ئىستانسىسى، 15 مىڭ كىلوۋاتلىق قارمودۇن سۇئېلىكتىر ئىستانسىسىنى پۈتتۈردى. ھازىر 50 مىڭ كىلوۋاتلىق شوسەنكۇ سۇ ئېلىكتىر ئىستانسىسى بىلەن 180 مىڭ كىلوۋاتلىق ليۇشۇگۇ سۇ ئېلىكتىر ئىستانسىسى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىنىۋاتىدۇ، 3 يىلدىن 5 يىلغىچە خېجىڭ ناھىيىسى شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ يېشىل ئېنىرگىيە بازىسى بولۇپ شەكىللىنىپ، ئەتراپىدىكى رايۇنلارنىڭ سانائەت يېزا ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىشىغا ئەرزان، مول توك كۈچى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. ھازىر ھازىر يەنە خورخات 330 مىڭ كىلوۋاتلىق، سەخىنتوقاي 300 مىڭ كىلوۋاتلىق، خارماتغول 100 مىڭ كىلوۋاتلىق، گۇنخاپچىل 1-دەرىجىلىك 100 مىڭ كىلوۋاتلىق ۋە 2-دەرىجىلىك 120 مىڭ كىلوۋاتلىق بەش سۇ ئېلىكتىر ئىستانسىسى سودىگەر چاقىرىپ ئېچىلىش ئالدىدا تۇرىدۇ.
  7) ئۆزگىچە ساياھەتچىلىك كەسپى
   خېجىڭنىڭ ئەزەلدىن «شەرققە قايتقانلار يۇرتى»، «ئاققۇ يۇرتى» دىگەن چىرايلىق نامى بولۇپ، مەملىكەت ئىچى-سىرتىدىكى مۇتەخەسىس، ئالىملار «ئۆزگىچە ساياھەتچىلىك بايلىقى مول چوڭ ناھىيە» دەپ باھا بەردى. خېجىڭ ئىنسانلار تارىخىدىكى ئاخىرقى بىر قېتىملىق زور كۆچكەن، يەنى تۇرغۇت مۇڭغۇللىرىنىڭ ۋولگا دەرياسى بويىدىن ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ ماكانلاشقان جايى، تەۋەلىكىدىكى بايىنبۇلاق ئاققۇ كۆلى ئاسىيا بويىچە ئەڭ چوڭ، مەملىكەت بويىچە بىردىن بىر ئاققۇ تەبىئىيلىكىنى قوغداش رايۇنى ھېساپلىنىدۇ.ناھىيە تەۋەسىدىكى تەبىئىي مەنزىرىلەر ئۆزگىچە، 59 تۈرلۈك ساياھەت بايلىقى ئاساسىي تىپى بار بولۇپ، مەملىكەت بويىچە 113تۈرلۈك ئاساسىي تىپنىڭ %38.6 تىنى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئۆزگىچە ۋە ئېچىش قىممىتىگە ئىگىلىرى ئاققۇ كۆلى، پەرىزات كۆلى، خوتىڭسالا شارقىراتمىسى، خونجالىق شارقىراتمىسى، ئارشاڭ بۇلاق، بەنچەن جىلغىسى ئانتروپولوگىيىلىك مەنزىرە، كۆكسۇ تاش ئورمىنى، كۆنەس ئورمان باغچىسى، بالغۇنتاي شارسۇم بۇتخانىسى قاتارلىقلار. بولۇپمۇ بايىنبۇلاق توققۇز ئەگىم ئون سەككىز قولتۇق ئاققۇ كۆلى، كۆنەس ئىپتىدائىي ئورمان باغچىسى، كۆكسۇ تاش ئورمىنى قاتارلىق تەبىئىي مەنزىرىلەر مەملىكىتىمىزدىكى سەرخىل، دۇنيادىكى ئېسىل مەنزىرە بولۇپ، دۇنيا تەبىئەت مىراسىغا ئىلتىماس قىلىشقا يارايدۇ، ھازىر كۆكسۇ تاش ئورمىنى دۆلەت دەرىجىلىك گېئولوگىيىلىك ئورمان باغچىسى بولۇشقا ئىلتىماس قىلىندى. توققۇز ئەگىم ئون سەككىز قولتۇق مەنزىرە نۇقتىسىنى ئېچىشنى چۆرىدىگەن ھالدا، جوڭگو شەھەر لاھىيلەش ئاكادىمىيىسى ساياھەتچىلىك تەتقىقات مەركىزىگە ھاۋالە قىلىنىپ، بايىنبۇلاق ساياھەت مەنزىلىنىڭ تەرەققىيات لاھىيىسى، بايىنبۇلاق ۋە كۆنەس ساياھەتچىلىك كىچىك شەھەر-بازىرىنىڭ تەرەققىيات لاھىيىسى ئىشلىنىپ بولدى.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش