تۇرپان ھەقىقەتەنمۇ مېھرى ئىسسىق ، خاسىيەتلىك ، سۆيۈملۈك ماكان !
تۇرپانغا كەلمەكچى بولۇۋاتقان دوستلارنىڭ پىچان قۇمباغقا (قۇمتاغمۇ دەپ قويىمىز) كېلىپ ئويناپ كېتىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن . قۇمباغ مۇشۇ مەزگىللەردىن باشلاپ ئالامەت قىزىپ كېتىدۇ ، سۆگەتلەر ياشىرىپ ، سۇلار شىلدىرلاپ ئېقىپ ئاجايىپ گۈزەللىشىپ كېتىدۇ . 7-،8-ئايلاردا تومۇز ۋاقلىرىدا كەلسىڭىز قۇمنىڭ ئاستى بىلەن ئۈستى كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك پەرق قىلىدۇ . چىڭقى چۈشتە قۇم ئۈستى 60-70 سېلسىيە گرادۇسقا يېقىنلىشامىكىن ، يالاڭئاياغ پۇت قويالمايسىز ، ئىسسىق قىيامىغا يېتىدۇ ، قۇمغا دەسسىشىڭىز بىلەن يۈرىكىڭىزگە گۈپپىدە ئوت تېپىدۇ ... مانا شۇنداق ۋاقتىدا چىداپ تۇرۇپ قۇمغا كۆمۈلسىڭىز ئەڭ ياخشى !!!! راۋرۇس شىپا قىلىدۇ !!! ئەمما قۇمدىن چۈشسىڭىز يەنە تامامەن باشقىچە مەنزىرە ، باغچە ئىچى بەك سالقىن ، شۇنچىلىك يېقىشلىق ... ساپ ھاۋا ، مەيىن شامال ، بۈك-باراقسان يېشىللىق ، سۈزۈك سۇلار چاڭقىغان كۆڭلىڭىزگە ئارام بەرسە ، لەززەتلىك قوغۇن-تاۋۇز ، مەززىلىك كاۋاپ ، تاماقلارنىڭ خۇش ھىدى دىماغلىرىڭىزنى غىدىقلاپ ، ئىشتىيىڭىزنى ئاچىدۇ !! ئىشقىلىپ قۇمباغقا كىرسىڭىز شەھەردە چارچىغان نېرۋىڭىز ، تەن روھىڭىز ئارام تېپىپ ، چەكسىز ھۇزۇرغا چۆمىسىز ! ئىشقىلىپ بىزنىڭ قۇمباغ ھەقىقەتەن بىر كېلىپ كېتىشكە ئەرزىيدۇ .
يەنە تېخى قاراڭغۇ چۈشكەندە كەچلىك بازاردىن ئوخشىغان بىر قاچا پۇرچاق ئېشى ئىچىۋېتىپ ، خادىكقا ئولتۇرۇپ خەلق مەيدانىغا چىقسىڭىز سالقىنلىق دېگەننى شۇ يەردە كۆرىسىز ، روھنى كۆتۈرۈدىغان غۇر-غۇر شامال تەنلىرىڭىزنى يايرىتىۋېتىدۇ ، كەڭ كەتكەن مەيداندىكى قاينام-تاشقىنلىق سىزنى ئۆزىگە بۆلەكچىلا جەلپ قىلىدۇ !
تۇرپانغا كېلىپ چوقۇم بېرىشقا تېگىشلىك جايلار سۇلايمان ۋاڭ مۇنارى ، ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرى ، يارغول قەدىمىي شەھىرى ، بېزەكلىك مىڭ ئۆيى ، كارىز مۇزىيى ، بۇيلۇق ، قۇمباغ ، تۇيۇق مىڭ ئۆيى ، تۇيۇق ئەسھابۇلكەئف قاتارلىقلار . يەنە پۇرسەت بولسا لۈكچۈن جۈمە بازىرىنىمۇ كۆرۈپ كېتىشىڭىزلەرنى تەۋسىيە قىلىمەن ، بەك قىزىيدۇ . لۈكچۈن تۇرپان يەرلىك مەدەنىيىتىنىڭ ، تۇرپان مۇقاملىرىنىڭ ئانا ماكانى ئەمەسمۇ . يەنە تۇرپان شەھىرىدىكى ياشلار يولىدا بىر مېڭىپ كېتىڭ ، كۆڭلىڭىز ئېچىلىپ قالىدۇ . دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن ئۈزۈم كارىدورى ھېسابلىنىدۇ ، دەپ كۆرگەن بىر كىتابتىن . ئىشقىلىپ تۇرپانغا كېلىپ دۈم يېتىپ تۇرۇپ كارىز سۈلىرىدىن قېنىپ ئىچمىسىڭىز ، جۈجەم دەرەخلىرى ئاستىدا سالقىنلىمىسىڭىز ، ئۈزۈملۈككە كىرىپ ئۆز قولىڭىز بىلەن بىر ساپاق ئۈزۈمنى ئۈزۈپ ھۇزۇرىنى سۈرمىسىڭىز ، چۈنجىلەرنى كۆرۈپ چىقمىسىڭىز تۇرپانغا كەلگەن بولمايسىز !
ئىشقىلىپ تۇرپاننىڭ نەرىگىلا بارماڭ خەلقنىڭ ئاقكۆڭۈللىكى ، مېھماندوست ، خۇش پېئىللىقىغا ، مۇھىتنىڭ گۈزەللىكىگە ، باغرىنىڭ ئىللىقلىقىغا قايىل بولماي تۇرالمايسىز . ئۆيلەرنىڭ ئالدىغا تىكىپ قۇيۇلغان جۈجەم (ئۈجمە) دەرەخلىرىدىن خالىغانچە جۈجەم ئۈزۈپ يېسىڭىز بولىۋېرىدۇ ، ھېچكىم سىزنى بىرنېمە دېمەيدۇ . بىزنىڭ تۇرپاندا ئىشىك ئالدىغا بىرنەچچە تۈپ جۈجەم قويۇش قائىدە-ئۇدۇم ھېسابلىنىدۇ ، ئىشىك ئالدىغا تىكىلگەن جۈجەم ئۆتكەن كەچكەنلەرنىڭ رىزقى دەپ قارىلىدۇ . ئىشكىلىپ مەيلى قاچانلا كەلسىڭىز بىز تۇرپان خەلقىنىڭ قولىمىز ھامان كۆكسىمىزدە ، دوستلارنىڭ كېلىپ ئويناپ كېتىشىنى ھەرۋاقىت قارشى ئالىمىز !!
ھەي ، ئەجەپمۇ سېغىندىم سۆيۈملۈك يۇرتۇمنى ........ ئادەم مۇساپىرچىلىقتا يۇرتنىڭ قەدرىگە تېخىمۇ يېتىدىكەن !!!! ئانا ماكانىمنى مەڭگۈگە سۆيىمەن !!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yabgu تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-24 11:49 PM