Janbar يوللىغان ۋاقتى 2013-4-25 11:23 AM
ھەي قېرىنداشلىرىم شۇنداق تالانت بولغاندىكىن يىڭىلىق ي ...
ئەلۋەتتە پىكىرىڭىزنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق ئاساسى بار، بىراق مېنىڭ بۇ تېمىنى يولاشتىكى مەقسىتىمنى سىز خاتا چۈشنىپ قالدىڭىزمۇ يا مەن توغرا ئىپادىلەپ بىرەممىدىممۇ بىلمىدىم.
مەن بۇنى نەزىرىدىن جامالىدىن گە ئوخشاش ئالقىشقا ئېرىشەي دەپ يوللىمىدىم، نەزىرىدىن جامالىدىن بىلەن بەسلەشكىنىممۇ يوق، ھەم بەسلىەشكۈدەك تالانتىممۇ يوق. بۇ شېئىر خېلى بۇرۇنلا يۇرت يۇرت تېمىسىدا شاخلاپ خۇددى ھېلىقى «چانايمەن“ دەك نەچچە پارچە بوپ كېتىپتۇ، مەن شۇنىڭ ئىچىدىن ئىجابى بولغان، تەربىيىۋى ئەھمىيىتىگە ئىگە بولغان بىر نەچچە پارچىسىنى يىغىپ، بىر يىرگە توپلاپ مۇنبەرداشلارنى كۆرۈپ باقسۇن دەپ يولىدىم، ئۆزەم ئۆزگەرتىۋالغان قىزلار تىلىغا كەلسەك، يامان تەسىر پەيدا قىلمىغاندىكىن، ئىجابى ئۈنۈمى كۆرۈلۈپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دىگەن مەقسەتتە ئۇنى باشقا ئىككىسىگە قوشۇپ بىر يەرگە يىغقان ئىدىم،،،
بۇ تېمام كەيپىڭىزگە تەسىز يەتكۈزۈپ قويغان ئوخشايدۇ، مۇنبەرداشلىرىمغا خوشاللىق ئاتا قىلاي دەپ يوللىغانىدىم، ئەپسۇس، قارىغاندا ئەكىس تەسىر بىرىپ قويۇپتۇ، ئەپۇ قىلغايسىز، سىزنىڭ تەلىپڭىزگە لايىق ئىجادى شېئىر يازالىغۇدەك سەۋىيەنى ھازىرلاپ ئاندىن يازاي. ئامان بولۇڭ.