janbay يوللىغان ۋاقتى 2013-4-26 09:36 PM
ئويلىنىپ ئىنكاس يىزىڭ بۇنىمە گەپ ئۆزى نامرات ئادەمدى ...
دېگەنلىرىنىڭىز ئورۇنلۇق، چۈنكى ئەمەلىيەت.لېكىن مېنىڭ دەۋاتقىنىم نامرات ھالەتتە ئۆتۈشكە شۈكۈر قىلىپ ،ئۆز ھالىنى ياخشىلاشقا ،بالا -چاقىلىرىنى ياخشى تەربىيىلەشكە تىرىشمايدىغانلارغا قارىتىلغان . سىز مىسال كەلتۈرگەن «نامراتلار» نىڭ ئەھۋالى بولسا ۋاقىتلىق، ئاللاھ ئۇلاردىن چوقۇم شەپقىتىنى ئايىمايدۇ. مىللەت ئۈچۈن 5-6دىن پەرزەنتلەرنى يىمەي -ئىچمەي ياراملىق قىلىپ تەربىيىلەپ قاتارغا قوشۇۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز بولسا ،مىللىتىمىزنىڭ ئەڭ تۆھپىكارلىرى،ئۇلار ھەرگىز بىر تەنقىت قىلىۋاتقانلار قاتارىغا كىرمەيدۇ.
بايلار توغرىسىدا كەلتۈرگەن مىسالىڭىزمۇ ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن، لېكىن بىزنىڭ ھۆرمەت بىلدۈرىۋاتقىنىمىز، ھالال ئىگىلىك تىكلەپ، ئەلگە خەيرى -ساخاۋەت كۆرسىتىۋاتقان،ياشلىرىمىزنى يېتەكلەپ تىرىكچىلىك يولىدا تەر ئاققۇزڭۋاتقان تۆھپىكارلاردۇر.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئاشقىن1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-1 05:57 PM