مىنىڭچە ھەرقانداق توختام بولىشىدىن قەتئىينەزەر ئەستايىل ھەر بىر ھالقىلىرىغا دىققەت قىلىپ باراۋەر ھالىدا قانۇن تەرتىپكە ئۇيغۇن تۈزۈش كىرەك ،
ھازىر توختام ماجىرا دىلولىرى خىلىلا كۆپ .ئويلىشىپ تۈزۈش كىرەك ،تۈزۈپ بولغاندا لەۋزىدە تۇرۇش كىرەك!
بۇ توختامنىڭ تولۇق ھەم ئۆلچەملىك نۇسخىسى :ھەر قانداق توختام لازىم بولسا ئالاقىلاشساڭلار بولىدۇ.
18399349815
چ چ :1521356225
دۇكان ئىجارە توختامى
ئۆي ئىجارەبەرگۈچى:
كىملىك نۇمۇرى :
ئۆي ئىجارە ئالغۇچى:
A B ئىككى تەرەپ باراۋەر ھالدا كىڭىشىپ مەسلىھەتلىشىپ، ئەقلى ئىقتىدارى نورمال، تەپەككۇرى ئوچۇق شارائىتتا ئۆز ئىختىيارلىقىمىز بىلەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى توختام قانۇنى» غا ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك تۆۋەندىكىدەك دۇكان ئىجارە ئىلىش –ئىجارە بىرىش توختامى تۈزدۇق، تەرەپلەر ئورتاق ئەمەل قىلىمىز . «ھەق تەلەپ قانۇنى ئومومىي قائىدىسى»نىڭ 58-ماددىسىغا ئۇيغۇن، تەرەپلەر ئورتاق ئەمەل قىلىمىز .
توختام تۈزۈشكۈچى تەرەپلەر باراۋەر ھالدا كىڭىشىپ ،مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى توختام قانۇنى »نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن ئۆز ئىختىيارلىقىمىز بىلەن
1-ماددا ئىجارە بېرىلىدىغان دۇكان ــــــــــــــــــــــــــ دە بولۇپ ، ــــــــــ ئىغىز، قۇرۇلۇش كۆلىمى:ـــــــــــــــــــــــــ دۇكاننىڭ سۈپىتى:ــــــــــــــــــــ.
2-ماددا ئىجارە مۇددىتى ـــــــــ يىل ــــــــــ ئاينىڭ ــــــــــ كۈنىدىن ـــــــــــ يىل ـــــــــ ئاينىڭ ــــــــــــ كۈنىگىچە بولىدۇ .
3-ماددا ئىجارە پۇلى:ــــــــــــــــــــــــــــــ
4-ماددا ئىجارە پۇلىنى تاپشۇرۇش مۇددىتى ۋە ئۇسۇلى:ــــــــــــــــــــــــــــــــ
5-ماددا ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە ئالغان ئۆينىڭ سۇ ، توك، گاز، تېلېفون، تازىلىق پۇلى قاتارلىق راسخوتلارنى ئۆزى تۆلەيدۇ.
6-ماددا: ئىجارە بىرىلگەن ئۆينىڭ ئىشلىتىش خاراكتىرى ئولتۇراق ئۆي بولىدۇ .
7-ماددا : ئىجارە مۇددىتى ئىچىدە ئىجارە ئىلىنغان ئۆينى رىمۇنىت قىلىشقا ئىجارە ئالغۇچى تەرەپ مەسئۇل بولىدۇ(چىقىمىنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ) ،ئىجارە ئالغۇچى تەرەپ ئۆينى بىزىسە بولىدۇ ،لىكىن ئىجرا مۇددىتى توشقاندىن كىيىن بىزەش ھەققى تەلەپ قىلماستىن ھەقسىز قايتۇرىشى كىرەك .
8-ماددا: ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە مۇددىتىدە ئۆينى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ ئىجارە بەرسە بولمايدۇ ،ئەگەر شۇنداق ئەھۋال كۈرۈلسە ئىجارە ئالغۇچى تەرەپ توختامنى بىكار قىلىشقا ھوقۇقلۇق .
11-ماددا : تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە ، ئىجارە بەرگۈچى بۇ توختامنى بىكار قىلىشقا ھوقۇقلۇق:
(1)ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە پۇلىنى تاپشۇرمىسا ياكى پۈتۈشكەن بويىچە تاپشۇرىدىغان ئىجارە پۇلىنى -ئايدىن ئارتۇق تاپشۇرمىسا؛
(2)ئىجارە ئالغۇچىنىڭ تاپشۇرمىغان تۈرلۈك راسخوتلىرى ــــــــــــــــــ يۈئەنگە يەتكەن بولسا؛
(3)ئىجارە بەرگۈچىنىڭ ماقۇللىقى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ تەستىقىنى ئالماي ، ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە ئالغان ئۆينىڭ ئىشلىتىلىشىنى خالىغانچە ئۆزگەرتسە؛
(4)ئىجارە ئالغۇچى بۇ توختامدىكى پۈتۈمگە خىلاپلىق قىلىپ ، رېمۇنت جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالماي ئۆي ياكى ئەسلىھەلەرنى ئىغىر زىيانغا ئۇچراتقان بولسا؛
(5)ئىجارە بەرگۈچىنىڭ يازما ماقۇللىقىنى ئالماي، ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە ئالغان ئۆينى رېمۇنت قىلغان بولسا؛
(6)ئىجارە بەرگۈچىنىڭ يازما ماقۇللىقىنى ئالماي، ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە ئالغان ئۆينى 3-كىشىگە خالىغانچە ئىجارە بەرسە؛
(7)ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە ئالغان ئۆيدە قانۇنغا خىلاپ دىننى پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانسا ياكى قانۇنغا خىلاپ باشقا ھەر قانداق ئىش-ھەركەتلەرنى سادىر قىلسا ۋە ياكى سالاھىيتى نامەلۇم ئادەملەرنى ئۆيدە تۇرغۇزسا .
12-ماددا: ئۆي ئىجارە ئالغۇچى تەرەپ ئۆينىڭ سۇ ،توك ،گاز ،ئوت ئاپىتى قاتارلىق بارلىق بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ ،ئەگەر توك سىمى ،گاز تۇڭى قاتارلىقلارنى بىخەتەر ئىشلەتمەي ھادىسە كىلىپ چىقسا ياكى زىيان كۆرۈلسە پۈتۈن مەسئۇلىيەتكە ئۆي ئىجارە ئالغۇچى ئۆزى ئىگە ،ئۆي ئىجارە بەرگۈچى تەرەپ بىلەن ھىچقانداق مۇناسىۋىتى يوق .
13 -ماددا خىلاپلىق قىلىش جاۋابكارلىقى:
(1)ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە پۇلىنى مۇددەتتىن ئۆتكۈزۈپ تاپشۇرغان بولسا، ۋاقتىدا سانى بويىچە تولۇقلاپ تاپشۇرغاندىن باشقا، يەنە كىچىكتۈرگەنلىكى ئۈچۈن ،كۈنىگە كىچىكتۈرگەن سوممىسىنىڭ %3تى بويىچە خىلاپلىق پۇلى تاپشۇرىشى كېرەك.
(2)ئىجارە ئالغۇچى توختامغا خىلاپلىق قىلىپ ، ئۆز مەيلىچە ئىجارە ئالغان ئۆينى 3-كىشىنىڭ ئىشلىتىشىگە ئىجارە بېرىپ ، ئىجارە بېرىلگەن ئۆينى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا ، زىياننى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىش كېرەك .
(3) توختام كۈچكە ئىگە بولغاندىن كىيىن ئەگەر قايسى تەرەپ توختامدىن يانسا قارشى تەرەپكە توختام ئومۇمى سوممىسىنىڭ %20تى بويىچە خىلاپلىق پۇلى تۆلەيدۇ .
14-ماددا توختام تالاش –تارتىشىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى:بۇ توختامنى ئادا قىلىش جەريانىدا تالاش-تارتىش كىلىپ چىقسا ، ئىككى تەرەپ ئالاقىدارلار كىلىشىپ بىر تەرەپ قىلىدۇ؛كېلىشەلمىسە قانۇن بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلسا بولىدۇ.
15-ماددا باشقا پۈتۈشكەن ئىشلار:
ئىجارە بەرگۈچى:
ئىجارە ئالغۇچى:
گۇۋاھچى :
-يىلى -ئاينىڭ -كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 215308 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-26 04:44 PM