ئارمىنىم ئاقماقتا گۈزەل سەھراغا
شەبنەمدە نەمدەلگەن يۇلـتۇز كىرپىكى،
پارلايدۇ كۆزىدىن چېچىپ نۇر زىيا.
قەلبىمگە ھىس بىرىپ ياندۇردۇڭ گۈلخان،
مىھرىڭنى ئۆركەشلىك قىلىپ بىر دەريا.
ئىقپالىم قۇياشقا ئورالدى شۇدەم،
غەۋغاستەك چۈكۈپ مېھر- بۇلقىڭغا.
ھىسلىرىم بۇلىقى فۇنتاندەك تېشىپ،
كۆك ئاسمان قەھرىدە قىلماقتا ناۋا.
قەلبىمنىڭ بەھرىسەن مەڭگۈلۈك ئەركەم،
ۋۇجۇدۇم باغرىمغا قۇياشتەك ئىللىق.
سېنىلا يات ئىتىپ ساقلاپ ئۆتەرمەن،
مەن ساڭا ئىنتىزار بولمىغىن سىرلىق.
ئۇزىسا مەيلىغۇ كۈن، ئايلار تىزدىن،
بەخىتمۇ كۈلۈمسىرەپ كىلەر بىركۈنى.
تىلىكىم ،ئىستىكىم رىياتقا چىقىپ ،
كۆك ئاسمەن قەھرىدە ئاڭلىنار ئۈنى.
ئارمىنىم ئاقماقتا گۈزەل سەھراغا،
بۇ مىنىڭ ئارزۇيۇم ئوتلۇق تىلىكىم.
مۇقەددەس ،ئەقىدەم ئۆلمەيدۇ مەڭگۈ،
كۆزىمدىن ئاقسىمۇ ھەرقانچە يېشىم.
مەنبە قەلىمىم