kakkuk11 يوللىغان ۋاقتى 2013-4-26 10:02 PM
تېمىنىڭ ماۋزۇسى خاتا قويۇلۇپ قالدىمۇ قانداق؟؟؟!!!
بۇ تىمىنىڭ يەنە بىر قېتىم تەشۋىق قىلىش خارەكتىرى باردەك قىلىدۇ .
ئالدىنقى تىمىدىمۇ تەكلىپ - پىكىر بەرگەنلەرنى مۇنۇ تىمىنىڭ ئاپتۇرى ئىز قوغلاپ يۈرۈپ قامچىلاپ ، ‹‹ چولپان ›› نى قوبۇل قىلىشقا كۈچ چىقارغان ئىدى .
بىزنىڭ دىيارىمىزدا ناخشا ساھەسىدە ئابدۇللا ئابدۇرىمنى كۆپۈنچىلەر چولپان دەيدۇ ھەم ئىتىراپ قىلىدۇ ، بىراق جاھاندا ئابدۇللا ئابدۇرىمدەكلەردىن كۇرمىڭى بار ... دىمەكچىلىك بىزنىڭ دىيارىمىزدا پارلىغان چولپان لار باشقا دۆلەت ، رايۇنلاردا ئادەتتىكى يۇلتۇز بولۇپ قېلىشى ۋە ياكى يۇلتۇزمۇ بولالماسلىقى مومكىن ، شۇڭا بىر قسىىم ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىشتىن ئاۋۋال شۇ شەخىس ئاشۇ ئاتاق ، ئاشۇ ماختاشقا لايىقمۇ ياقمۇ دىگەننى ئالدىن ئويلاشماق لازىم .
چولپان - ئاسماندىكى يىگانە ، ھەممىدىن چوڭ ھەم يورۇق بولغان يۇلتۇزنىڭ نامى ، مىنىڭچە ئۇ نامغا ئۇلىشىش ئۈچۈن خىلى كۈچ ۋە قابىلىيەت كىتىدۇ دەپ قارايمەن .