forever1 يوللىغان ۋاقتى 2013-4-27 12:49 PM
مىللىتىم مەن ئۈچۈن تەڭرى بىلەن تەڭ،
شۇڭا مەن ...
تەكلىۋىڭىزدىن سۆيۈندۈم قېرىدىشىم، رەھمەت! سىزمۇ مەندەك ئويلاپسىز. مەنمۇ دەسلەپتە بۇ مىسرانى يېزىشتا كاللامدا ھەرخىل توقۇنۇشلار بولغان، بۇ ئىنتايىن نازۇك بىر مەسىلە. نىمە ئۈچۈن بۇ مىسرانى قورقماي ئىشلىتەلىشىمنىڭ سەۋەبىنى سىزگە چۈشەندۈرۈپ باقاي:
«تەڭرى» دېگەن بىلەن «ئاللا» دېگەننىڭ پەرقى يوقمۇ؟
مەن ئويلايمەن، مەن ياراتقۇچىمىزنىڭ، كائىناتنىڭ ئىگىسى بولغان ئۇلۇغ ئاللانىڭ 99 ئىسمىدىمۇ تەڭرى دەيدىغان ئىسىم ياكى سۇپەتلەشنى يوقمىكىن دەپ قارايمەن. مىنىڭچە، تەڭرى دېگەن بۇ سۆز خەنلەرنىڭ سۆزىدىن تەرجىمە قىلىشتا تەڭ دەرىجىلىك مەنىلىك سۆز تاپالماسلىقتىن(مەسىلەن: تەڭرىتاغ دېگەندەك) كېلىپ چىققان ياكى ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى دەۋرلەردىكى باشقا دىندىكىلەرنىڭ ياراتقۇچىسىنى (ھازىرچە مۇشۇنداق دەپ تۇراي، ئەمىلىيەتتە پۇتۇن كائىناتنىڭ ياراتقۇچىسى پەقەت بىر ئۇلۇغ ئاللا) سۇپەتلەش ئۈچۈن ئېيتقان سۆزلىرىمىكىن دەپ قارىدىم. چۈنكى، تېلىۋېزور ئېكرانلىرىدا، تەرجىمە ئەسەرلىرىدە باشقا دىندىكىلەرنىڭ شۇ سۈزى ئاللا دەپ ئەمەس «تەڭرى» دەپ تەرجىمە قىلىنىدۇ. ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ بولسا بۇ سۆز ئۆز پېتىچە «ئاللا، خۇدا» دەپ ئېلىنىدۇ. مىنىڭ شېئىرىمدا دىيىلگەن تەڭرى دەل شۇ مەنىدىكى ئۇلۇغلاشنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قاراپ، مىللىتىمىزنى ئۇلۇغلاش مەخسىدىدە بۇ مىسرانى قورقماي ئىشلىتىۋېرىپتىمەن.
بۇ پەقەت مىنىڭ ئۆزۈمنىڭلا ئويلىغانلىرىم، بۇ ھەقتە باشقا ھېچقانداق چۈشەنچە ئاڭلاپ باقمىدىم. قۇرئان، ھەدىسلەردىمۇ تەڭرى دەپ گەپ يوقمىكىن دەپ قارىدىم. ئەگەر سىز ۋە تېمىنى كۆرگەن كۆپچىلىكمۇ ئويلىنىپ بېقىپ، مىنىڭ بۇ قارىشىمنىڭ خاتا تەرىپىنى كۆرسىتىپ بەرسەڭلار مەن تولىمۇ خۇرسەن بولىمەن، ئۇنداق بولغاندا مىنىڭمۇ «تەڭرى» سۆزىگە چۈشەنچەم ئايدىڭ بولىدۇ. تەكلىپ-پىكىرلىرىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر. مەن ئەرزىمەس بىر شېئىر ئارقىلىق ئىماندىن ئاجراپ كېتىشنى، گۇناھكار بوپ دۇزاق ئازابىنى تارتىشنى خالىمايمەن.