مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4615|ئىنكاس: 38

ئىبرەتلىك ھېكايە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

شۈكىرى ئاللاھ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2267
يازما سانى: 2189
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19520
تۆھپە نۇمۇرى: 360
توردا: 5359 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-27 02:34:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىلگىرى بىر سالىھ باي بولۇپ ئۇنىڭ بىر ئوغلى بار ئىكەن ، ئوغلى بولسا دۇنيا تېپىش بىلەن ئالدىراش يۈرىيدىكەن دادا نۇرغۇن قېتىم :
-  ئوغلۇم مەندىن قالغان مال-دۇنيامۇ ساڭا بىر ئۆمۈر يېتىپ ئاشىدۇ ، سەن ھاياتىڭنى ئاللاھنى كۆپ ياد ئىتىش ئاللاھنى رازى قىلدىغان ئەمەللەرنى قىلىش بىلەن ئۆتكۈزگىن بۇ دۇنيا ساڭا ھەرگىز ۋاپا قىلمايدۇ سەن ئارزۇ قىلغان بەخىتنى قەتئى بىرەلمەيدۇ . دەپ نۇرغۇن قېتىم نەسىھەت قىلغان بولسىمۇ ئوغلى ماقۇل دەيدىكەنيۇ لېكىن يەنە ئۆز ئىشى بىلەن بولۇپ غەپلەتتە يۈرۈيۋىرىپتۇ!
دادا ئاخىرى ئوغلىغا مۇنداق نەسىھەت قىپتۇ :
-ئوغلۇم مەن دۇنيادا نۇرغۇن مال-دۇنياغا ئىگە بوپ ياشاپتىمەن بىر ئارزۇيۇم مەن ئۆلۈپ كەتسەم پۇتۇمدىكى پايپىقىم بىلەن كۆمۈڭلار، بۇ بىرىنجى ۋەسيىتىم . ئىككىنجى ۋەسىيتىم بۇ خەتنى مىنى يەرلىكىمگە قويۇپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن ئاچقىن . دەپ بىر پارچە خەت بىرىپتۇ .
كۈنلەر ئۆتۈپ دادا ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ، بالىسى دادىسىنىڭ ۋەسىيتنى ئورۇنداش ئارزۇسىدا ئۆلىمالارغا دەپتۇ ، بىراق ئالىملار :
_ بۇنداق قىلىش ئىسلام شەرىيتىگە مۇتلەق ئۇيغۇن ئەمەس ئادەم دۇنياغا يالڭاچ كىلىدۇ ھەم يالىڭاچ كىتىدۇ دۇنيادىن ھېچ نەرسە ئېلىپ كىتەلمەيدۇ . دەپ قەتئى يول قويماپتۇ ، ئوغۇل دادىسىنىڭ ۋەسىيتىنى ئورۇنداش ئۈچۈن گىپىدە چىڭ تۇرۋاپتۇ، ئاخىرى ئالىملار بۇ بالىغا :
_ ئۇنداق بولسا سەن داداڭنى باشقا دىن بويچە دەپنە قىل!ئسلام دىنىمىز بۇنىڭغا قەتئى يول قويمايدۇ . دەپتۇ ،ئوغۇل ئامالسىز پايپاقنى سالدۇرۇپ دادىسىنى ئىسلام دىنى بويچە دەپنە قىپتۇ !
ئوغۇل دادىسىنىڭ ھايات ۋاقتىدا قىلغان نەسھەتلىرىنى ئەسلەپتۇ شۇ دادىسىنىڭ كىچىككىنە ۋەسيىتىنىمۇ ئورۇندىيالمىغىنىغا قاتتىق ئەپسۇسلىنىپتۇ ۋە ئاخىرقى ۋەسيەتنى چوقۇم ئورۇنداش ئارزۇسىدا خەتنى ئېچىپ ئوقۇپتۇ .
<  كۆردۇڭمۇ ئوغلۇم بۇ دۇنيادىن بىر تال پايپاقنىمۇ ئاخىرەتكە ئېلىپ كىتەلمىدىم سەن بۇ دۇنياغا ۋاقىتلىق مېھمان تۇرۇپ مەڭگۈلۈك ئۆي ئىگىسىدەك بولۋالما، چوقۇمكى سەنمۇ ماڭا ئوخشاش قۇرۇق قول كېتىسەن شۇڭا سەن ئاشۇ ئاخىرەتتىكى ئۆيۈڭنى كۆپرەك زىننەتلەشكە تىرىشقىن ئەمەللىرىڭىنى ياخشىلىغىن !!> دىگەن خەتلەر يىزىلغان ئىكەن .
ئوغۇل شۇ ھامان سەجىدىگە باش قويۇپتۇ ۋە ئاللاھدىن دادىسىنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلشنى ۋە ئۆزىگە ھىدايەت تىلەپتۇ . شۇ كۈندىن باشلاپ ئوغۇل ھەقىقي سالىھ مۇسۇلىمانلاردىن بولۇپ ياشاپ ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-27 02:38 PM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
لەيلى + 200 ماختاشقا تېگىشلىك
rivayat1986 + 177 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 377   باھا خاتىرىسى

غىمىمىزنى ئاخىرەت قىلساق بۇ دۇنيادىكى غىمىمىزنى  ئاللاھ ئۆز ئۈستىگە ئالدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68946
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3712
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 104 سائەت
تىزىم: 2011-12-7
ئاخىرقى: 2013-6-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-27 02:43:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«بۇ تۇربىدىن سۇ ئىچىش- مۇسۇلمانغا ھارام»
(ئىبرەتلىك قىسسە)
- م. نىياز قىزى -

ئەينى زاماندا بۇرسا شەھىرىدە ياشايدىغان بىر مۇسۇلمان ئادەم بىر سۇ توربىسى ياسىتىپتۇ. ۋە تۇربىنىڭ باش تەرىپىگە: " بۇ توربىدىن سۇ ئېچىش ھەممە بەندىگە ھالال، مۇسۇلمانغا ھارام" كەلىمىسىنى يازدۇرۇپتۇ. ئەينى ۋاقىتىكى ئوسمانلى خەلىپىسىنىڭ پايتەختى بولغان بۇرسا بۇ پىتنىدىن داۋالغۇپ كېتىپتۇ. كىشىلەر بېرىپ بۇ ئەھۋالدىن قازىغا شىكايەت سۇنۇپتۇ. قازى ئادەم ئەۋەتىپ بۇ ئادەمنى دەككە – دەشنەم بىلەن سۈرەپ ئېلىپ كېلىپتۇ. قازى:
-بۇ قانداق بىر پىنتە؟ دىنى ئىسلام، ئاھالىسى مۇسۇلمان بولغان بىر دۆلەتتە سەن ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن، ساۋاپ ئۈچۈن بىر سۇ تۇربىسى ياسات، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ سۈيىنى ئىچىشتىن مۇسۇلمانى چەكلە. بۇ قانداق ئىش؟ سەۋەبى نېمە؟ سەن ئەقلىڭدىن ئازدىڭمۇ؟ دەپ سوراققا تارتىپتۇ.
-رۇخسەت بەرسەڭلاركەن، ئەلۋەتتە بۇنىڭ بىر سەۋەبى بار، دەپتۇ. ئۇ ئادەم: ئەلۋەتتە سەۋەبى بار، ھەمدە بۇ ئىش ئۈچۈن ئىسپات كېرەك بولىدۇ، دەپتۇ.
بۇ گەپنى ئاڭلىغان قازىنىڭ تېخىمۇ ئاچچىغى كېلىپ:
-نېمە دەلىل،نېمە ئىسپاتى؟ سەن بولساڭ ئوتتۇردا چوڭ بىر پىتنە چىقاردىڭ، مۇسۇلمان ئەھلىنىڭ ھۇزۇرىنى بۇزدۇڭ. سېنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىڭ كېرەك، دەپتۇ. يەنە بىر تەرەپتىن سەۋەپ ۋە دەلىلى نېمىدۇ؟ دەپ قىززىقماي تۇرالماپتۇ. ئاندىن:
-قېنى دەلىل ئۈچۈن نېمە تەلەپ قىلىسەن؟ دەپتۇ.
مەن پەقەتلا پادىشاھ ئالىيلىرىغا دەيمەن، دەپتۇ، ئۇ ئادەم.
ئۇ ئادەمنى پادىشاھنىڭ ئالدىغا سۈرەپ ئېلىپ بېرىپتۇ. دەسلەپتە پادىشاھمۇ ئىنتايىن غەزەپلىنىپتۇ، بىراق يەنە سەۋەبىنى بىلگۈسى كېلىپ:
-قېنى دېگىنە، نېمە دېمەكچىسەن؟، بۇ قانداق ئىش، ھەم سۇ تۇربىسى ياساپسەن، ھەم ئۇنى مۇسۇلمانغا ھارام دەپسەن. ئۇ ئادەم بېشىنى ئەگكەن ھالدا:
دەلىلىم بار، ئەمما بۇنى ئىسپاتلاش لازىم، دەپتۇ. پادىشاھ:
-سېنىڭ دەلىل دېگىنىڭ دېگىنىڭدەك راست چىقمىسىچۇ؟
ئۇ ۋاقىتتا بوينۇم قىلدىن ئىنچىكە سىزنىڭ ھۆكمىڭىزنىڭ ئالدىدا ئى پادىشاھىم! دەپتۇ، ئۇ ئادەم.
-قېنى سۆزلە ئۇنداقتا، دەپتۇ پادىشاھ.
ئۇ ئادەم:
-ئى پادىشاھىم! يەھۇدىلار ئىچىدىكى ئادەتتىكى بىر خاخامنى تۇتۇپ ئېلىپ كېلىپ بىر ھەپتە سولاپ قويۇڭ، قاراپ تۇرۇڭ، نېمە ئىشلار بولىدىكىن، دەپتۇ. پادىشاھ ئەمىر بېرىپتۇ. خاخامدىن بىرى تۇتۇپ كېلىنىپ سولاپ قويۇلۇپتۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزلىرىنى بۇ دىندىن سانىغان ، سانىمىغان ھەممە ئادەم يىغىلىپ، ئۆكتە قوپۇپتۇ. " نېمە ئىش بولدى، بۇ قانداق بىر زۇلۇم، بىزنىڭ دىنىمىزنىڭ ئۆلىماسىغا بىز كېپىل، نېمە تەلەپ قىلساڭلار قىلىڭلار، بىز دېگىنىڭلارنى قىلايلى، ئۇ گۇناھسىزدۇر. ئەگەر كېرەك بولسا بىز ھەتتا كاپارىتىنى ئۆتەيلى، دەپ چىڭ تۇرۇۋاپتۇ. ئەتراپتىكى ۋىلايەتلەردىن ھەتتا ئەلچىلەر ئەۋەتىلىپتۇ. مەكتۈپ ئۈستۈگە مەكتۈپلار ئەۋەتىلىپتۇ. بىر ھەپتە بولغاندا :
-ئى پادىشاھىم، بۇ ئادەمنى قويۇپ بېرىش ۋاقتى كەلدى، دەپتۇ. خاخام قويۇپ بېرىلىپتۇ. ئۇنىڭ قۇتۇلغانلىقى ئۈچۈن تەرەپدارلىرى خوشالىقتىن تەنتەنە قىلىشىپتۇ. ۋە پادىشاھقا ھەدىيەلەر ئەۋەتىپ رەھمەتلىرىنى بىلدۈرۈشۈپتۇ.
-بۇ ئىشنى ئەمدى خالىغان بىر چېركاۋدىكى بىر ئادەتتىكى پوپقا قىلىڭ ئى پادىشاھىم، دەپتۇ. ئەمىر بىلەن بىر پوپنى سۆرەپ تۇتۇپ ئېلىپ كېلىپ سولاپتۇ. يەكشەنبە كۈنى ئىبادەت مۇراسىمغا كېلىدىغان پۈتۈن تەرەپدارلاردىن قاتتىق ئىتىرازلار ۋە نارازىلىقلار يېغىپ كېتىپتۇ، ھەپتە بولغاندا ئۇنىمۇ قويىۋېتىپتۇ. تەرەپدارلىرى خوشالىقتىن رەھمەت تەشەككۈرلىرىنى بىلدۈرۈپتۇ، ئاندىن دىنىنىڭ ئۆلىماسىغا قايتا ئۇچراشقانلىقىدىن خوش بولۇشۇپ بىر- بىرلىرىنى تەبرىكلەپ قۇچاغلىشىپ كېتىپتۇ.
پادىشاھ:
-تۈگىدىمۇ؟ دەپ سوراپتۇ. ئۇ ئادەم:
ئى پادىشاھىم، ئەڭ ئاخىرقى بىر ئىش قالدى، ئەمرىڭىز بىلەن ... دەپتۇ. پادىشاھ:
نېمە قىلىنىشنى تەلەپ قىلىسەن، دەپتۇ.
-ئى پادىشاھىم، ئەڭ چوڭ مەسجىدىمىز بولغان ئۇلۇ مەسجىدىدىن ھەممە كىشىلەر تەرىپىدىن ئەڭ ياخشى كۆرۈلگەن بىر ئىمامنى خۇتبە سۆزلەۋاتقان يەردىن تۇتۇپ ئېلىپ كېلىشكە ئەمىر بېرىڭ، دەپتۇ. دېيىلگىنىدەك قىلىنىپتۇ. ئۇلۇ مەسجىدىنىڭ ئەڭ مۇھتىرەم ئىمامى جۈمە خۇتبىسى سۆزلەۋاتقان يەردىن تۇتۇپ سۆرەپ مېڭىلىپتۇ. بىراق... بىر ئاللاھنىڭ بەندىسى چىقىپ: «نېمە بولدى، نېمە قىلىۋاتىسىلەر؟ ھېچ بولمىسا تەبلىغى تۈگىگىچە سەۋر قىلساڭلار بولمامدۇ؟» دېگەندەك بىرەر جۈملە سۆزمۇ قىلماپتۇ. ئىمامنىڭ ئارقىدىن كېتىپ ئىزدەپ – سورىغان كىشىمۇ بولماپتۇ. ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتسىمۇ، ئىمام قايەردە؟ دەيدىغان بىر ئادەم چىقماپتۇ. ھەممە ئادەم ھاياتىنى نورمال داۋام قىلىپ كېتىۋېرىپتۇ. بېراق تۇتۇپ كېتىلگەن بۇ ئالىم ئۈچۈن ئېغىزلار ھېچ جىم تۇرماپتۇ:
-بىز ئۇنى ئۆلىما، ئۇستاز، شەيخ دەپ يۈرۈپتۇق، كىم بىلىدۇ، ھە نېمە ئىشلارنى قىلغاندۇ، بولمىسا تۇتۇلامتى. ۋاي ئىسىت! ئۇ ئادەمنىڭ ئارقىدا قىلغان نامازلىرىمغا.. ئۇنى بىر دېمە...
پادىشاھ بىلەن ھېلىقى ئادەم بۇ ئىشلارغا دېققەت قىلىپ كۈزۈتۈپتۇ. پادىشاھ:
-ھە، ئەمدى دېگىنە ، ئەمدى قانداق بولىدۇ؟
-بۇ ئىمامنى قويۇپ بېرىپ ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورايلى، دەپتۇ.
ئىمام قويۇپ بېرىلىپتۇ ۋە ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورىلىپتۇ. پادىشاھ ئادەمگە قاراپتۇ. بۇ ئادەم بولسا بېشىنى ئەگكەن ھالدا:
ئېيتىڭە ئى پادىشاھىم ، بۇنداق مۇسۇلمانلارغا سۇ ھاراممۇ ئەمەسمۇ؟ دەپ سوراپتۇ
پادىشاھ ئاچچىق بىر تەبەسۈم بىلەن: ھەتتا ھاۋامۇ ھارام، ھاۋامۇ، دەۋىتىپتۇ.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
xohsanam886 + 10 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

تۈنۈگۈن ئۆتمۈشكە تەۋە، بۈگۈن ھەممىدىن مۇھىم، ئەتە پارلاق ئىستىقبال!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92559
يازما سانى: 341
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1827
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 637 سائەت
تىزىم: 2013-3-2
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-27 02:47:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك تەسرلككەن ؟

دوسلار يا خشڭمۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90866
يازما سانى: 336
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 949
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 262 سائەت
تىزىم: 2013-1-30
ئاخىرقى: 2013-11-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-27 03:08:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك تەسىرلىك ئىكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79092
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4261
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 59 سائەت
تىزىم: 2012-4-20
ئاخىرقى: 2013-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-27 04:06:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93586
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 39
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 6 سائەت
تىزىم: 2013-3-19
ئاخىرقى: 2013-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-27 04:13:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   بۇ  توغرا  ،ئادەم بۇ  دۇنيالىقنى  دەپ  ياشىسا  بۇمايدۇ
ياخشى  ھىكايىكە     

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89923
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 256
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 75 سائەت
تىزىم: 2013-1-11
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-27 04:16:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك تەسىرلەندىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 2073
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 5530
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 636 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-27 04:19:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئبرەتلىك ھىكايىكەن ھەقىقەتەن .

قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94844
يازما سانى: 247
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 287
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 259 سائەت
تىزىم: 2013-4-14
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-27 04:25:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىببرەت ئالايلى  ھە     !!!!

ئالىمنىڭ بۇزۇلغىنى ئالەمنىڭ بۇزۇلغىنى!
ئۆزۈڭنىڭ بۈزۇلغىنى خەلقىڭنىڭ بۇزۇلغىنى!
مەن دېگەندەك ياخشى ئەر بولاممىساممۇ يامان ئەمەس!
يامان ھەركىمنى كۆرسە ياخشى دىمەس!

بارچە بۇغداي بىز سامان!
بارچە ياخشى بىز يامان!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86463
يازما سانى: 275
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 888
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 199 سائەت
تىزىم: 2012-10-25
ئاخىرقى: 2014-12-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-27 04:31:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قالتىس يىكايىدىن ئىككىنى ئۇقۇۋېلىپ كۆڭلۈم ئېچىلىپ قالدى دىسە .رەخمەت

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش