maraz886 يوللىغان ۋاقتى 2013-4-29 04:50 PM
توۋۋا ...ئادەم مۇشۇنداقلا يۇقاپ كىتىپ كەينىدىن سىرلىق ...
راس دەيسىز بۇنداق ئىش بىزنىڭ يۇرتتىمۇ يۈز بەرگەن يەنە كېلىپ بىزنىڭ ئۇرۇق تۇققانلار ئچىدە.ھېلىقى مارالبېشىنىڭ چوڭقۇرچاقتا يەر تەۋرىگەن يىلى قايسى يىل بولغىيتى شۇ چاغدا مېنىڭ نەۋرە ئاچامنىڭ يولدىشى چوڭقۇرچاققا ئىشلىگىلى بارغان ئۇ شۇ يەردە ئىشلەۋاتقان مەزگىلدە ئۇ يەردە يەر تەۋرەپ نۇرغۇن ئادەم قازا قىلدى ھەم بىر قانچەجەىسەتنىڭ ئىگىسى چىقمىدى شۇنىڭ بىلەن ساقچىلار يۇرت يۇرتلارغا خەۋەر قىلىپ چوڭقۇرچاققا ئىشلىگىلى بېرىپ قايتىپ كەلمىگەن ۋە ئىز دېرىكى بولمىغانلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بۇ يەرگە كېلىپ جەسەتلەرنى تونۇۋالسۇن دەپ خەۋەر قىلدى ،نەۋرە ئاچامنىڭ يولدىشىمۇ قايتىپ كەلمىگەنتى شۇڭا قېيىنئاتا قېيىنئانىللىرى بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ئەسىرەپ چوڭقۇرچاققا بېرىپ ئۇ جەسەتلەرنى تونۇپ باقماقچى بولۇدۇ ھەم ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر جەسەتنى بىزنىڭ ئوغلىمىز شۇكەن دەپ يۇرتقا قايتۇرۇپ كېلىپ يۇيۇپ تاراپ نامىزىنى چۈشۈرۈپ يەرلىككە قويۇدۇ ،ئۇلار ئوغلىنىڭ 3 كۈنلۈك نەزىر ئېشىنى بېرۋاتقاندا ئۇلارنىڭ ئوغلى كىرىپ كېلىدۇ بۇلار بۇنى كۆرۈپ ھەم ھەيران بولۇدۇ ھەم خۇشال بولۇدۇ بۇ ئوغۇلمۇ جامەئەت بىلەن كۆرۈشۈپ ئەھۋاللاشقاچ ئۆزىنىڭ نەزىر ئېشىغا ئېغىز تېگىدۇ بۇ ئادەم ھازىرمۇ ھايات ناھايتى خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۋاتىدۇ ................بۇ ئوغۇلنىڭ ئاتا ئانىسى جەسەتنى خاتا تونۇۋاپتىكەن