!UYGHURJAN يوللىغان ۋاقتى 2013-4-28 11:07 PM
نەق كۆڭلۈمدىكى گەپلەرنى يېزىپسىلە . بىزنىڭ ناھىيىدە بى ...
مەن ئىشلەيمەن دەپ يۈرۈپ، بىزنىڭ ناھيىدە سىز يۇقۇردا تىلغا ئالغاندەك دھقانلاردىن قوغداش پۇلى يىغىدغان ئىشلارنى ئانچە ئۇقۇپ كەتمەيدىكەنمەن .ئەمما شۇنى ئېنىق بىلمەن بۇ يىل 1-ئايدا مەن ئىشلەۋاتقان يىزدا مەلۇم بىر كەنتتە ئىككى دېھقان دادۇينى باقمىز دەپ يېتىپ ،كىچىچە مەشتىن ئىس چىقىپ كىتىپ ئۇلار كۈمۈر گازىدىن زەھەرلىنپ قېلىپ تاس قالدى ھاياتىدىن ئايرلىغىلى .ئۇلارنى ناھيلىك دوختۇرخاندىمۇ قۇتقۇزالماي 12- دوختۇرخانغا جىددى يۆتكەپ ھاياتنى مىڭ تەستە قۇتقۇزۇپ قالدى .ئەمما ھەر ئىككلسى ھازىرغىچە سالامەتلگى بۇرۇنقى ھالەتكە كىلىپ بۇلالماي ،دىھقانچىلىق ئىشلىرنى قىلالماي ئۈيدە ئارام ئېلىۋىتىپتۇ .مىنى ئەڭ ئېچىندۇرغىنى شۇ ئىش يۈز بەرگەندە يىزلىق ھۈكۈمەتنىڭ شۇجىسى بۇ ئىككەيلەننى جىددى قۇتقۇزۇشنى ئېيتىپ ساراسىمگە چۈشكەن ،ھەرئىككلى دېھقاننىڭ تۇرمۇشى ھەقىقەتەن نامرات بولغاچقا شۇ دادۇيگە يېڭىدىن شۇجى بولغان بالا ئادەم قۇتقۇزۇش ھەممدىن مۇھىم دەپ ئويلاپ ئۆز يېنىدىن 10000 يۈئەن پۇل چىقرىپ بۇ ئىككەيلەننى ۋىلايەتلىك دوختۇرخانغا ئاپىرىپ داۋلاتقان .بۇ پۇلمۇ بىر -ئىككى كۈندىلا تۈگەپ يەنە پۇل تاپشۇرۇشقا توغرا كەلگەچكە ئەھۋالنى يېزغا ئىيتسا ھىلقى نىمە كىتشتىن قەتئىنەزەر دەرھال دوختۇرخانغا ئاپىرىپ قۇتقۇزۇڭلار دىگەن خەنزۇ شۇجى بۇ ئىشقا قىلچىمۇ يېقىن كەلمەي ئۇلارغايېزا مالىيسىدىن بىر پۇڭمۇ ئاجىرتىپ بەرمىدى . دادۇي ئامانلقنى قوغدايمىز دەپ زھەرلەنگەن بۇ بىچچارلەر يەنلا ئۆز پۇلىغا داۋالاندى . ھېلقى كادىر بالنىڭ تۈلەپ تۈرغان پۇلمۇ يا دادۇي مالىيسىدىن يا يېزامالىيسىدىن بىرلمەي ئوتتۇردا ھەل قىلنماي تۇرۋاتىدۇ .مەن ئويلۇدۇم ئەگەر ئۇلاردا يۇقۇرغا ئەرىز قىلالغۇدەك جۇرئەت بولغان بولسا بۇ ئىككسنىڭ ھۇقۇق -مەنپەئەتى چۇقۇم قوغدىلاتتى .ئۇنداقتا بۇ ئىككى دېھقاندا نىمە ئۈچۈن ئەرىز قىلغۇدەك جۈرئەت يوق ؟ بۇ ھەممەيلەن بىر ئويلۇنۇپ بېقىشقا تىگىشلىك مەسلە .مەن ھەر قىتىم مۇشۇ ئىشنى ئويلىسام بەكلا ئاچچقىم كىلىدۇ . ئەجىبا بۇلارنىڭ دوختۇرخاندا داۋالانغان ئىختىزادى زىينى ،داۋالنىش جەريانىدا ئىشتىن قېلىش زىينى ، ۋە رۇھى زىيانلرىنى كىم ۋە قايسى ئۇرۇن ئۇستىگە ئالىدۇ دەپ .
بۇ ئىشتا دھىقانلارنى دادۇينى قوغدايسە دەپ بۇيرۇق چۈشۈرگەن يىزلىق ھۈكۈمەتنىڭ ھېچقانداق مەسئۇلىيتى يوقما ؟ بۇ ئىشتا يىزلىق ھۈكۈمەت ۋە دادۇي ئاز -تۇلا جاۋاپكارلقنى ئۈستىگە ئېلىش كىرەكمۇ -يوق ؟
مەن قانۇننى ئانچە چۈشەنمەيدىكەنمەن شۇڭا بۇ سۇئالنى قايتا -قايتا كاللامدا ئويلىساممۇ پەقەت جاۋاپ تاپالمىدىم شۇڭا قانۇن ئۇرۇنلىردا ئىشلەيدىغان مۇنبەرداشلار بولىسا يۇقۇرقى مەن دىگەن ئەھۋاللارغا قارتا ئاز -تۇلا چۈشەنچە بىرشڭلارنى چىن دىلمدىن ئۈمۈت قىلمەن ، سىلەرنىڭ بەرگەن جاۋابىڭلاردىن ئۇلار ئۆز -ھۇقۇق مەنپەتنى قوغداشنىڭ يۇلنى تېپىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا گۈلچىنا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-29 11:49 PM