زۇلئاي يوللىغان ۋاقتى 2013-4-29 08:23 PM
مۇشۇ بىر جۈملا سۆزنىلا يادىلىۋالغاندەك ، نەگىلا قارى ...
ھا..ھا..ھا سىز ماڭا «پادىشاھنىڭ يېڭى كىيىمى» دېگەن چۆچەكتىكى راست گەپ قىلىدىغان بالىنى ئەسلەتتىڭىز، ھازىر بالىلار موشۇ بىر جۈملە سۆزنى شۇنداق يادلىۋالغان ئىدىكى، خەلقئارا ئائىت تېمىلا بولسا، ئۆزىنى كۆرسىتىۋېلىش ئۈچۈن دەپ باقىدۇ، پىكىر قىلىپ ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى دەپ باقمايدۇ...
ئىت يىلىدىن ئېشەك يىلىغىچە مەنپەئەت، مەنپەئەت دېگەن سۆزنى تەكرارلاۋېرىدۇ، ئەگەر ئامېرىكىغا راستىنلا مەنپەئەت لازىم بولسا قۇدرەتلىك ئارمىيىسى بىلەن ھەر قانداق بىر دۆلەتنى بويسۇندۇرالايدۇ، ھېچكىم بىر نېمە دېيەلمەيدۇ...
ئىراق ئۇرۇشىنى نېفىت ئۈچۈن دېدى، لېكىن ئىراق نېفىتىنى ھازىر ئامېرىكا ئەمەس جۇڭگو قېزىۋاتىدۇ؛
مەنپەئەت ئۈچۈن بولسا ئامېرىكا يۈگۈرۈپ بېرىپلا تارتىۋالسا كىم نېمە دېيەلەيتتى، ئامېرىكىنى ئۇنداق قىلىۋېتىمىز، مۇنداق قىلىۋېتىمىز دېگەن ساداممۇ 20 نەچچە كۈندە كۈلى كۆككە سورۇلدىغۇ؟
يۇقىرىقى گەپنى تولا تەكرارلايدىغان تورداشلار كۆپىنچىسى ماقالىدە زادى نېمە دېيىلگىنىنى ئۇنچە ئۇقۇپ كەتمەيدۇ، شۇڭا چېرچىل 60 نەچچە يىل بۇرۇن دېگەن گەپنى تەكرارلاۋېرىدۇ، ئۆزى پىكىر قىلمايدۇ، ئاتتىن چۈشسىمۇ ئۆزەڭگىدىن چۈشمەپتۇ دېگەندەك باشقىلاردىن قالماي بىر نېمە دەپ باققۇسى كېلىدۇ...
مىسرانىمدا يۇمۇرلۇق بالىلار بەك كۆپ دېسە....