مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: otmakani

دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىغا بېغىشلايمەن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78403
يازما سانى: 1309
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8865
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 456 سائەت
تىزىم: 2012-4-5
ئاخىرقى: 2014-7-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-6 11:20:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78403
يازما سانى: 1309
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8865
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 456 سائەت
تىزىم: 2012-4-5
ئاخىرقى: 2014-7-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-6 11:20:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


تولۇقلىما مەزمۇن (2014-5-2 01:04 AM):
نېمىشقا دوپپا كېيىۋالدىڭىز؟


بىرقانچە ھەپتە ئىلگىرى بىر نەۋرە ئاكام بەختكە قارشى قازا قىلىپ كەتكەن ئىدى، شۇ ئىشلار بىلەن يۈرگىنىمدە بانكا سىستېمىسىدا ئىشلەيدىغان بىر تونۇشۇم باشقىسىنى دېمەيلا بېشىمدىكى دوپپىنى كۆرۈپ: «نېمىشقا دوپپا كېيىۋالدىڭىز؟» دەپ سوراپ قالدى (ئادەتتىمۇ مەن دوپپىنى پەخىرلىنىپ تۇرۇپ كېيىۋالاتتىم)، بەلكىم بېلىمدىكى بۇلۋاغنى كۆرۈپ، بىرەر كېلىشمەسلىك بولغان ئوخشايدۇ دەپ سورىدىمۇ بىلمىدىم، ئەمما بۇ «نېمىشقا دوپپا كېيىۋالدىڭىز؟» دېگەن گېپىدىن دوپپا كېيىشنىڭ بۈگۈنكى كۈندە خارەكتېرى ئۆزگىرىپ كەتتىمۇ قانداق دېگەن قاراشقا كېلىپ قالدىم. دېمىسىمۇ بىرقىسىم كىشىلىرىمىز ھازىر ھازىغا بېرىشتىن ئىلگىرى دوپپىنى يانچۇقىغا قاتلاپ سېلىۋېلىپ، ھازىدارنىڭ ئائىلىسىگە كەلگەندە كېيىۋالىدىغان، ھازىدىن چىققاندىن كېيىن خۇددى بۇ سۆيۈملۈك دوپپىدىن نومۇس قىلغاندەك ئېلىۋېتىدىغان ئىشلار كۆپىيىپ قالغىلى تۇردى. ئوچۇقراق ئېيتقاندا بىزنىڭ مىللىي كىملىكىمىزنى ئىپادىلەيدىغان، سۆيۈملۈك ئۇيغۇرىمىزنىڭ تارىختىن بېرى ئەتىۋارلاپ، قەدىرلەپ، پەخىرلىنىپ كېيىۋاتقان دوپپىسى بۈگۈنكى كۈندە بىرقىسىملارنىڭ نەزىرىدە بىرەر يېرىم قېرىنداشلىرىمىزغا قازايى تەقدىر يەتكەندە ھازا تۇتۇش ئۈچۈن كېيىۋالىدىغان قارىلىق كىيىمىگە (مۇراسىم كېيىمىگە) ئايلىنىپ قالدى.
بۇنىڭدىن 20 يىل بۇرۇن مەن قوشنا كەنتكە ۋەلسىپىتكە مىنىپ، بىر خالتا بۇغداينى ئېلىپ قوشنا كەنتكە ئۇن تارتىپ كېلىشكە ماڭغان ئىدىم، بۇ چاغدا بېشىم يالاڭباش، كۆزۈم ئەزەلدىنلا ياز ئايلىرىدىكى كۈچلۈك قوياش نۇرىغا ئاجىز بولغاچقا قارا كۆزئەينەك تارتىۋالغان ھالەتتە كېتىۋاتقان ئىدىم، يول بويىدا تولۇقسىزدا ئۈچ يىل ئوقۇتقان سىنىپ مەسئۇلۇم ئۇچراپمۇ ئۈن- تىنسىز قاراپ تۇراتتى (ئەلۋەتتە ۋەلسىپىتتىن سالاملىشىش ئۈچۈن ئاتايەن چۈشكەن ئىدىم)، كۆرۈشۈشتىن ئەسەرمۇ يوق، يېڭى مەكتەپ پۈتكۈزگەن بولغاچقا ئۆزۈم سەل خىجالەت بولدۇم، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەكلا ئالدىرىغاچقا مېڭىۋەردىم، ئىشىمنى بالدۇرلا تۈگىتىپ قارىسام ئوقۇتقۇچۇم يەنە تۇرۇپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاتايەن ئالدىغا بېرىپ، سالام قىلدىم. ئوقۇتقۇچۇم بايا ئۈستى- بېشىمغا قاراپ مىنى پەقەتلا تونۇيالمىغانلىقىنى، تۇرقۇمدىن ئۇيغۇرنىڭ بىرەر ئالامەتلىرى كۆرۈنمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى، بۇ ماڭا قاتتىق تەسىر قىلدى، بۇنداق ئىشلار كەينى- كەينىدىن يۈز بىرىۋەردى (كوچىلاردا ماڭغاندا، سودا- سېتىق قىلغاندا)، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن شۇ كۈنلەردە مەلۇم بىر سەۋەب بىلەن خەنزۇلار كۆپرەك تۇرۇشلۇق ئورۇندا تۇرۋاتقان ئىدىم، ئەمما ھەرقانچە بولسىمۇ باشقىلارنىڭ مىنى بۇنچىلىك ئويلاپ قېلىشىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن. يېشىمنىڭ چوڭىيىشى، ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنى چۈشىنىش، ئىلمىي ھادىسىلەرنى بىلىش ئىقتىدارىمنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، بۇنىڭ تەكتىگە يىتىپ باردىم. كۆڭلۈمدە ئەشۇ ئىشتىن كېيىن قاتتىق ئويلىنىش- داۋالغۇش بولدى، شۇنىڭدىن كېيىن مەن ئۈرۈمچىدىكى قىسقا ئوقۇش ھاياتىمدىن باشلاپلا مىللىي خاسلىقنى يىتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىدىم، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، تەكلىپ ئوقۇتقۇچى بولۇپ، تۇنجى دەرس مۇنبىرىگە قەدەم قويغان كۈنۈمدە چىرايلىق بادام دوپپا كېيىشنى (يەنە شۇنداق نۇرغۇنلىغان تۇنجى كۈنلەردە بۇ قەدىرلىك ئىپتىخارىم بىلەن ئۆزۈمنى نامايەن قىلىشنى) ئۇنتۇپ قالمىدىم. شۇنىڭدىن بېرى مىنى ھىچكىم خەنزۇلارغا ئوخشىتىپ باقمىغان بولسىمۇ بىراق، دىلىمنى ئۇنىڭدىنمۇ غەش قىلىدىغان، ھەيرانۇ- ھەس قىلىدىغان ئىشلار ھازىرغا قەدەر ئۈزۈلمەي كېلىۋاتىدۇ. ئۇ بولسىمۇ گاھىدا «مەتۇكەنسىز»، «بىرەر قېرىندىشىڭىز قازا قىلىپ كەتتىمۇ»، «نېمانداق كېيىۋالىسىز بۇ نەرسىنى»، «ئېلىۋەتسىڭىز بولمامدۇ دوپپىڭىزنى»... قىسقىسى شۇنداق گەپلەردىن، شۇ گەپلەرنى قىلغان ئادەملەردىن شۇنداق بىزار بولدۇمكىن، ئەمما بۇ دوپپىنى قەدىرلەشنى، بېشىمدىن ئۈزمەي كېيىشتىن پەقەت بىزار بولۇپ قالغان يىرىم يوق. ئەڭ ئەپسۇسلىنىدىغىنىم، بىزنىڭ شۇنچىلىك بىچارىلىكىمىز، ئۆزىمىزدىكى مىللىي ئاڭنىڭ شۇنچىلىك ئاجىزلىقى بولۇۋاتىدۇ. ھېلىمۇ ياخشى، گەرچە بىز يوقۇرقىدەك بىرقىسىم ئاڭسىزلىق بىلەن ئېيتىلغان بىرقىسىم سەلبىي ھادىسىلەرنى كۆرۈۋاتقان بولساقمۇ زور كۆپ قىسىم قېرىنداشلىرىمىز بۇنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدەك نوپۇزلۇق ئورۇنلارمۇ بۇ ئەھۋالنى ھېس قىلدىمۇ بىلمىدىم، «مەدەنىيەت بوستانى» غا ئوخشاش بىر قىسىم پروگراممىلىرى ئارقىلىق بىزنىڭ دوپپا مەدەنىيىتىمىزنى تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ، دوپپىنى تەرىپلەۋاتىدۇ.
دوپپىدىن ئىبارەت بۇ مىللىتىمىزنىڭ پەخىرلىك كېيىمىنى (ئۇنى قەدىرلەپ كىيگەنلەرنى) ئۇنچىلىك كەمسىتمەيلى، ئۇنچىۋالا خاتا قاراشتا بولۇپ كەتمەيلى، ئەكسىچە يېشىمىزغا ماس ھالدا چىرايلىق دوپپىنى كېيىپ، پاكىزە- رەتلىك يۈرسەك، باشقىلار بىزگە قاراپ سۆيۈنسە (مەن دوپپا كىيىپ يۈرگەن كىشىلەرگە، بولۇپمۇ قىز- ئوغۇللارغا شۇنداق زوقلىنىپ قاراپ كېتىمەن، بولۇپمۇ چېچىنى تال- تال ئۆرۈپ چىرايلىق چىمەن دوپپا كېيىۋالغان قىزلارغا ). مانا مۇشۇنداق ئۆز ئارا زوقلىنىپ، قوللاپ- قۇۋەتلىشىپ ئۆتۈپ، ئىناق، مەدەنىي بولغان مۇھىت ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلسەك، پەرزەنتلىرىمىزمۇ بىزنىڭ مۇشۇنداق ئىلمىي ئادەتلىرىمىزدىن سۆيۈنۈپ چوڭ بولسا نېمىشقا بولمايدىكەن؟
بۇ يەردە كۆپچىلىكنىڭ ۋاقتىنى ئېلىپ ئۆز بېشىمدىن بىۋاسىتە ئۆتكۈزگەن بۇ بىرقاتار ھېكايىلەرنى بايان قىلىشتىكى مەقسىدىم ئېنىقلا، مىللىي مەدەنىيىتىمىزنىڭ بىر تەركىبى بولغان دوپپا مەدەنىيىتىمىزنى ياش ئەۋلادلىرىمىزغا بىلدۈرۈش، پەرزەنتلىرىمىزنى كىچىكىدىن تارتىپلا ئۆز مىللىي مەدەنىيەتلىرىمىز بىلەن كۆپرەك ئۇچراشتۇرۇش. بۇنداق مۇھىتنى ئەلۋەتتە كەڭ مائارىپچىلار باش بولۇپ ئورۇندىشى، ئۇنىڭدىن قالسا ئائىلىدە ئائىلە باشلىقلىرى (ئاتا- ئانا بولغۇچىلار) بىلدۈرۈشى كېرەك دەپ قارايمەن. ھەممىگە مەلۇم، دۇنيادىكى مەدەنىيىتى يوقۇرى دۆلەت- رايونلاردا ياشاۋاتقان، ئۇتۇق قازانغان مىللەتلەر ئالدى بىلەن ئۆز مەدەنىيىتىنى بالىلىرىغا كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا بىلدۈرىدۇ. شۇڭا بىزمۇ مانا مۇشۇنداق ئىلغار مەدەنىيەت ھاسىلاتلىرىدىن ئۈلگە ئېلىشىمىز كېرەك دەپ ئويلىدىم.
ۋاقتىمنىڭ قىسلىقى، ئاساسلىقى كۆپچىلىكنىڭ ۋاقتىنى ئېلىپ قويماسلىق ئۈچۈن يەنە كۆپلىگەن ئويلىغانلىرىمنى ئېيتىپ ئۆتمىدىم، شۇڭا تېمامنى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتۇرۇشقا مەجبۇرمەن. ئەۋلادلىرىمىز كىچىكىدىن تارتىپ ئۆز كىملىكىنى- مىللىي مەدەنىيىتىنى بىلىپ چوڭ بولسۇن! كەڭ مۇنبەرداشلارنىڭ، بولۇپمۇ مۇنبەردىكى مائارىپ ساھەسىدە ئەۋلاد تەربىيەلەش ئۈچۈن كېچە- كۈندۈز پايپېتەك بولۇپ جاپا چېكىۋاتقان كەڭ ئوقۇتقۇچى- ئۇستازلارنىڭ بۇ ھەقتە ئويلىنىپ بېقىشىنى سەمىمىي ئىلتىجا قىلىمەن.

مەنبە : روھلان تورى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش