خەتتاب يوللىغان ۋاقتى 2013-5-2 07:54 PM
ئاقسۇ شەھرىگە بىرىپ ئىرىشكەن تەسىراتىم .خەنزۇ بىسىپ كى ...
شۇنداقمۇ؟ قارىغاندا سىز ئاقسۇ ھەققىدە ھېچقانچە چۈشەنچىگە ئىگە ئەمەسكەنسىز، قەشقەر بىلەن سېلىشتۇرۇپسىز، قەشقەرنى مەنمۇ بەش قولدەك بىلىمەن، دەرۋەقە، قەشقەرمۇ ياخشى ماكان، بىراق قەشقەر خېلى خېلى جەھەتتە( بۇنى ئېچىپ دىسەم زىدىيەتلىك پىكىر باشلىنىپ كەتمىسۇن، ئۆزىڭىز چۈشىنىۋېلىڭ، ) ئاقسۇغا ھەرگىز يەتمەيدۇ، راس، قەشقەردە ئۇيغۇرلار جىق، بىراق ئۇيۇشۇشچانلىق ئاز، ئاقسۇ دا دەر ۋەقە خەنزۇلار جىق، بىراق بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلىرىمىز شۇنچە كۆپ خەنلەر بىلەن بىر گە ياشاپ تۇرۇپمۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ خاسلىقى مەدىنىيىتى ئەنئەنىسى ۋە ئۆرپ ئادىتىنى خەنلەرگە قۇربانلىق قىلىپ بەرمەي ئىزچىل ساقلاپ كەلمەكتە، " بىكارچى ئادەملەر بېسىپ كېتىپتۇ" دەپسىز، كۆڭلىڭىزگە كەلمىسۇن قېرىندىشىم ، بۇ جەھەتتە ئاقسۇ قەشقەرنىڭ قولىغا سۇ قۇيۇپ بېرەلمەيدۇ.... مەن قەشقەردە بەش يىل تۇرۇپ نۇرغۇن ئىجانى ھەم سەلبى تەسىراتلارغا ئىگە بولغانمەن.
ئۇنى دەيمىز بۇنى دەيمىز ، بىر يۇرتنى بىر يۇرتقا سېلىشتۇرۇپ ئۆزگە يۇرتنى تۆۋەن كۆرۈش توغرا ئەمەس! ھەممىسى ئۆز يۇرتىمىز، ھەر بىر يۇرتىمىزنىڭ ئۆزىگە خاس ئەۋزەللىكى بولىدۇ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا happy123 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-3 02:44 PM