a.sayrami يوللىغان ۋاقتى 2013-5-2 12:41 AM
مىللىي كارخانىلرىمىزنى ئەمەلىي ھەركىتىمىز بىلەن قولل ...
مىڭيول كەنتىگە سەپە
[2012-07-10] كېلىش مەنبەسى:جۇڭگو رادىيو تورى شىنجاڭ رئۇيغۇرچە قانىلى
( ساياھەت خاتىرىسى )
« قەشقەر گېزىتى»مۇخبىرى : ئابدۇشۈكۈر راشىدىن
مىڭ يول، تۆشۈك تاغ ۋە تۈمەن دەرياسىنىڭ باش ئېقىنى ھەققىدىكى تارىخىي ھېكايە ۋە رىۋايەتلەر ئۇزۇندىن بۇيان مېنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بۇ ھېكايە- رىۋايەتلەرنىڭ شاھىدى بولغان كونىشەھەر ناھىيە مۇش يېزا مىڭيول كەنتىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالماي كەلگەنىدىم.
گۈزەل مىڭيول مەنزىرىسى
6- ئاينىڭ 21-كۈنى كونىشەھەر ناھىيە لەڭگەر يېزا كاندىر باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇدىرى نۇرمەمەت ئابدۇكېرىمنىڭ دەل مىڭيول كەنتىگە بىرگە بېرىپ ساياھەت قىلىپ كېلىش ھەققىدىكى تەكلىۋىنى ئاڭلاپ ئالەمچە خۇشاللىققا تولدۇم ھەم سەھەر ئۈرۈمچى ۋاقتى 6دە سەپەرگە ئاتلىنىدىغانغا كېلىشتۇق. شۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك، بۇ كۈنى كېچە ماڭا ئىنتايىن ئۇزۇن بىر كېچە بولدى. ئەتىسى سەھەر كېلىشىۋالغىنىمىز بويىچە 30 نەچچە كىشى بىرلىكتە مەنزىلگە يول ئالدۇق. بۈگۈن سەپەرداشلارنىڭ روھى ھالىتى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر بىر جۈملە سۆزىدىن مىڭيول كەنتىنىڭ تەرىپى تېمىپ تۇراتتى.
گۈزەل مىڭيول مەنزىرىسى
گۈزەل مىڭيول مەنزىرىسى
ئالاھەزەل ئىككى سائەتكە يېقىن يول يۈرگەندىن كېيىن قەشقەر شەھىرىدىن 60 كىلومېتىر كېلىدىغان مىڭيول كەنتىگە قەدەم باسقانلىقىمىزنى ئۇقتۇق. دەرۋەقە كەنت يولى بىر قەدەر جاپالىق بولسىمۇ، كەيپىمىز ياخشى بولغاچقىمىكىن، سەپىرىمىزگە ئانچە تەسىر كۆرسەتمىدى. ئەمما، بۇ كەنتكە ئىلگىرى بىر قانچە قېتىم كېلىپ باققان بىرەيلەننىڭ تونۇشتۇرىشىچە، بۇ يەردە داۋاملىق ئۇشتۇمتۇت يامغۇر يېغىپ، پات- پات كەلكۈن كېلىپ ، بىر قىسىم ئاۋارىچىلىقلارنىڭ بولۇپ تۇرىدىغانلىقىنى، بۈگۈن تەلىيىمىزنىڭ ئوڭدىن كەلگەنلىكىنى بىلدۇق. كەنت كىرىش ئېغىزى كەڭ كەتكەن تاشلىق ساي، ساي باغرى تارام- تارام ئېقىۋاتقان قىزىل ئېقىن ، غەرپ تەرىپى ئانچە ئىگىز بولمىسىمۇ، ئاستى ياپ-يېشىل ، ھەر خىل چارۋىلار يايلاپ تۇرغان جەننەتەك چىرايلىق ياداڭ تاغ، شىمال تەرىپى بولسا ئاستى رەڭگا رەڭ گۈل-گىياھ، ئورمانلىق بولۇپ، نېرىراقتا كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان تۆشۈك تاغ مەنزىرىسىگە تېخىمۇ ھۆسىن قوشۇپ تۇرىدىكەن.
ساياھەتچىلەر ئېلەنگۈچ ئۇچماقتا
گۈزەل مىڭيول مەنزىرىسى
بىز ئولتۇرغان ئاپتومۇبىل دەل مىڭيول كەنت ئېغىزىغا جايلاشقان « مىڭيول دۆڭكۆۋرۈك شادلىق ئارامگاھى »دەپ ۋېۋىسكا ئېسىلغان بىر مەنزىرىلىك نۇقتىغا كېلىپ توختىغاندا، بۇ مەنزىرە نۇقتىسى ئىچكىرىسىدىكى بىرنەچچە ئېغىزلىق كونا خام كېسەكلىك قورودىن بىر جۈپ دېھقان ئەر-ئايال يۈگۈرەپ چىقىپ ، ئالاھىدە سالام سائەت بىلەن بىزنى كۈتۈۋالدى. ئۇلارنىڭ ئىللىق مۇئامىلىسى ۋە مۇلازىمىتىدىن ئۇلارنىڭ بۇ مەنزىرە نۇقتىسىنىڭ خوجايىنلىرى ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇراتتى.
ساياھەتچىلەر ناخشا ئېيىتىپ كۆڭۈل ئاچماقتا
ساياھەتچىلەر مىڭيول دەريا ساھىلىدا ساياھەتتە
يول ئېغىزى، دەيا قېنى شۇنداقلا تۆپىلىككە بىر دانە گۈزەل مەنزىرە ماي بوياق ئەسىرىنى ئېسىپ قويغاندەكلا، گۈزەللىكى نامايان بولۇپ تۇرىدىغان بۇ ئورۇن شۇنچىلىك گۈزەل ۋە ھاۋالىق بولۇپ،بۇ يەردە ئالاھىدە سايە تاشلاپ تۇرغان نەچچە يۈز يىللىق سۇۋادان ۋە قاپاق تېرەك، جىگدە، سۆگەت، ئۈجمە ، ئۆرۈك دەرەخلىرى بەئەينى بىر پارچە تەبىئەت لېرىكىسىنىڭ ئۆزى ئىدى. كىرىش ئېغىز تەرىپى ئىگىز، قورو ئىچى پەلەمپەيسىمان ھويلىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى سېلىنغىنىغا ئۇزۇن يىل بولغان ئەنجان تام ، 100 نەچچە يىللىق قاپاق تېرەككە ئېسىلغان ئېلەڭگۈچ بۇ يەرنى تېخىمۇ سىرلىقلاشتۇرغان بولسا، يۇقىرىدىن تۆۋەنگە، ئەگرى- بۈگرى يىلان باغرى ئېرىقچە ۋە نولاردىن سەكرەپ ئېقىپ، نو ئېغىزىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان كىچىك سۇ چاقپىلىكىنى ئايلاندۇرۇپ ئاققان قىزىل سۇ مەنزىرىسى ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ۋاللىدە بىر خىل ئىللىق ۋە ئازادە سېزىمغا ، سەبىي بالىلىق ھېسسىياتىغا چۆمدۈرەتتى. غەرپ تەرىپىدىكى خام كېسەك بىلەن قوپۇرۇلغان كىچىككىنە قەدىمىي ئاشخانا، ھويلا ئىچىگە ئەپچىلگىنە قىلىپ سېلىنغان شور ئوچاق ۋە شور تونۇر... مەيلى نېمىگە نەزەر سالماڭ بۇ يەردىكى ھەر بىر نەرسە بۇ يەرنىڭ قەدىمىي تارىخى ، بۇ يەردە ياشاپ كەلگەنلەرنىڭ مەدەنىيىتى ، ياشاش ئۆرپ--ئادەتلىرىدىن ئۇچۇر بېرىپ تۇراتتى. بىز يۈك- تاقلىرىمىزنى چۈشۈرۈپ ، بۆككىدە قەدىمىي جىگدە سايىسىغا راسلانغان سۇپىغا ئورۇنلىشىۋالغاندىن كېيىىن، ئىستىخىيىسىز ھالدا 10نەچچە مو كۆلەم چامىسىدىكى قورو، باغ ۋە باغ ئارقىسىدىكى كەڭ كەتكەن دەريا ساھىلى، سايلىق، ئىكىن ۋە يايلاق مەنزىرىلىرى ، ئورمانلاردىن زوقلانغاچ،زوق-شۇق بىلەن چاقچاقلاشقاچ خاتىرە سۈرەتكە چۈشتۇق، بەزىلەر ھاياجاندىن ناخشا ئېيتىشقان، شېئىر-قوشاق توقۇشقان بولدى. بەزىلەر دەريا بويىغا چۈشۈپ ئۆزئارا سۇ چېچىشىپ بالىلىق قىلىشقان بولدى. دېمىسىمۇ، رىۋايەتكىلا ئوخشايدىغان بۇ مەنزىرىلىك تەبىي كەنت ھەقىيقەتەنمۇ گۈزەل ۋە جەلپكار ئىدى.
گۈزەل مىڭيول مەنزىرىسى
بىز بىر ۋاق مېززىلىك تائامدىن كېيىن، بۇ مەنزىرە نۇقتىسىدىن ئانچە يىراق بولمىغان تاغ باغرى ئەتراپىنى ساياھەت قىلىپ كېلىشكە ئاتلاندۇق. سايلىق ئىچىدە تاغ تەرەپتىن چۈشكەن مۇزلۇق قىزىل سۇ تارام- تارام ئېقىن ياساپ ئېقىپ تۇراتتى. تاغ باغرىدىكى يېشىلچىلىقتا ھەر خىل رەڭلەردىكى قوي ۋە ئۆچكىلەر يايلاپ تۇراتتى، دەريا ساھىلىدىكى يايلاق ۋە قىچىزارلىقتا رەڭگا- رەڭ قىچا گۈلى ۋە ياۋا گۈللەر ئېچىلغان بولۇپ،ئۇنىڭدىن تارالغان خۇش ھېدلار ئادەمنىڭ دېمىقىنى يارسا، سوغۇق تاغ شامىلى دىلنى يايرىتاتتى. ئوتلاقلاردا ئوتلاۋاتقان قوزىلىق قوي- ئۆچكىلەر، موزايلىق كالىلار، تەخەيلىك ئېشەكلەر، توپ- توپ غاز ۋە ئۆدەكلەر ، سۇ بويىدا ۋىچىرلىشىپ سايرىشىۋاتقان ، تۇمۇچۇق، تورغاي، سۇندۇكلار، ئۈنلۈك ئاۋازدا قىچقىرىۋاتقان ياۋا توخۇ، كەكلىكلەر، سېغىزخانلار، گۈللەرنى پەرۋانە بولۇپ ئايلىنىۋاتقان ھەر خىل رەڭدىكى كېپىنەكلەر، ھەسەل ھەرىلىرى، يىڭناغۇچلار ، تېخىمۇ نېرىراقتىكى قەدىمىي سېرىق سۆگەت سايىسدا بىخىرامان چاكۇم ئويناپ ئولتۇرغان بىر توپ غۇبارسىز دېھقان بالىلىرى ئادەمنى رىۋايەت قوينىغا سۆرەپ كىرەتتى.
ئىمام ياقۇپ سۇ چاقپەلىكىنى رېمۇنت قىلماقتا
ئىمام ياقۇپ تونۇر كاۋىپى پىشۇرماقتا
مەن بۇ يەردىكى ئاق كۆڭۈل، ساددا ، مېھماندوست دېھقانلار بىلەن يېقىن دوستلاردەك سىردىشىپ كۆڭۈم باشقىچىلا ئېچىلىپ قالدى ھەمدە ئانچە ئۇزۇنغا بارمىغان سۆھبەت داۋامىدا بىرمۇنچە نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم.. مىڭيول كەنتى يىپەك يولىدىكى مۇھىم بىر ئۆتەڭ بولۇش سۈپىتى بىلەن تارىختا ئۆتكەن شاھ-پادىشاھلار ۋە بەگلىكلەرنىڭ نەزىرى چۈشكەن، نامى بار تارىخىي كەنتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ يەردە ئۇيغۇر، قىرغىز، ئۆزبېك، خۇيزۇ قاتارلىق تۆت مىللەتتتىن تەركىپ تاپقان 140 نەچچە ئائىلىلىك، 600 گە يېقىن نوپۇس، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن . يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سەيلە- ساياھەتچىلىك ئىشلىرى جانلانغانلىقتىن، بۇ كەنتتىكى تۆت ئائىلىلىك دېھقان كەنتنىڭ تەبىئىي شارائىتى ۋە ئەۋەللىكىنى چىقىش قىلىپ ئائىلە ساياھەتچىلىكىنى يولغا قويغان بولۇپ، ئائىلە ساياھەتچىلىكى تەدرىجىي گۈللىنىپ، يىلدا كۈتۈۋالىدىغان ساياھەتچىلەر سانى 50 مىڭدىن ئاشقان.
بۇ كەنتتە ئولتۇرۇشلۇق ئىمام ياقۇپ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى دېھقانچىلىق ۋە باقمىچىلىق بىلەنلا شۇغۇللىناتتۇق، ھازىر كەنتىمىزنىڭ تەبىئىي ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ئائىلە ساياھەتچىلىكىنى يولغا قويغان ئىدىم. يىلدا 10 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالىمەن، قىلىدىغان كىرىمىممۇ يىلسېرى ئاشتى. بىز بۇ يەرگە كەلگەن ساياھەتچىلەرنى ئارام ئالىدىغان ئورۇن، ھەر خىل تائام شۇنداقلا ئاشخانا سايمانلىرى بىلەن تەمىنلەيمىز. ھازىر تاماق تۈرلىرىمىزدىن قوي، ئوغلاق ، ئۆدەك، توخو كاۋاپلىرى، شورپىسى، قېتىق، قايماق، سۈت ، تۇخۇم ۋە باشقا كۆكتات قورۇمىرىلى بار. مەيلى ئۇلار بىزگە تەييارلاپ بېرىشكە بۇيرۇتسۇن ياكى ئۆزلىرى ئېلىپ كەلسۇن بىز ئوخشاشلا ئۇلارغا ئەلا مۇلازىمەت قىلىمىز. مەن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن، ئوغلۇمنى ساياھەت ۋە ئاشپەزلىك كەسپىي مەكتەپلىرىگە ئەۋەتىپ تەربىيەلەپ كېلىشنى ئويلىشىۋاتىمەن. كەنت كومىتېتىمۇ بىزنىڭ ئائىلە ساياھەتچىلىكى ئىشلىرىمىزغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ، بىر قىسىم مەبلەغ ئاجرىتىپ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشۇمنى ساياھەتچىلىككە باپ مىللىي ئۇسلۇبتا لاھىيىلەپ بەردى. بۇ قۇرۇلۇش يىل ئاخىرىغىچە تاماملىنىپ بولۇشى مۇمكىن. مەن بۇلتۇر ئائىلە ساياھەتچىلىكىگە تايىنىپ 10مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدىم، بۇ يىل ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك كىرىم قىلىشقا كۆزۈم يېتىدۇ.
ئوقۇش :130 قېتىم
مەسئۇل مۇھەررىر :ھەجەرگۈل