yodobashi يوللىغان ۋاقتى 2013-5-2 02:25 PM
بۇ فىلىمنى ئېسىمدە قېلىشىچە شىنجاڭ تېلىۋىزىيىسى 5-چانى ...
توغرا شۇنداق ئىدى. تەرجىمە دېگەندە تامامەن توغرا ياكى خاتا دېگەن گەپ يوق، ئاندا ساندا ھالدا تەرجىمانلارنىڭ ھېسياتى يۇغۇرۇلغان بولىدۇ. بىلىگ تورىنىڭ بۇ فىلىمنى تەرجىمە قىلىشتىكى مەقسىتى بىرىنچىدىن بۇ فىلىمنىڭ راستىنلا ئىنتايىن زور ئەھمىيىتى بار دەپ قارىغان، ئىككىنچىدىن بولسا تەرجىمانلىرىمىزنىڭ قابىلىيىتىنى سىناش ئۈچۈن ئىدى. بۇ فىلىمنى تەرجىمە قىلىش ۋاقتى ئالدى كېيىن بولۇپ 4ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت كېتىپ قالدى. تەرجىمانلىرىمىزنىڭ ئەمگىكىنى بىكارغا كەتمەسلىكى ئۈچۈن كەڭ قېرىنداشلارنىڭ ھۇزۇزىغا سۇندۇق. ئەيىپ ئالمىغايسىلەر. ئەڭ چوڭ مەقسىتىمىز بولسا تورداشلارغا ياخشى بولغان ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەش خالاس.