ئامېرىكا: كېررىينىڭ موسكۋا سەپىرىدىكى ئاساسى نىشانى سۈرىيە مەسىلىسى
روسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ 5-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى پاترىك . ۋېنتىرنىڭ 5-ئاينىڭ 2-كۈنى كۆرسىتىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېرىي ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولغان ۋاقىتتا، سۈرىيە مەسىلىسى بولسا روسىيە بىلەن ئامېرىكا ئىككى تەرەپ سۆھبەتلىشىدىغان ئەڭ ئاساسلىق تېمىغا ئايلىنىدىكەن.
پاترىك . ۋېنتىر ۋاشىنگتوندا ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىندا : «كېيىنچە مۇلاھىزە قىلىنىدىغان ئەڭ ئاساسلىق مەسىلىلەر، مەسىلەن سۈرىيە، ئىران ۋەG8 يۇقىرى دەرىجىلىكلىرى مەسىلىسى. سۈرىيە مەسىلىسى بولسا ئەڭ مۇھىم بولغان مەسىلىلەرنىڭ بىرسى، ئۆتۈپ كەتكەن ئىككى يىل ئىچىدە، ئامېرىكا بىلەن روسىيىنىڭ مەزكۇر مەسىلىگە بولغان كۆز قاراشلىرىدا ئىختىلاپ كۆرۈلدى، بىز بۇ مەسىلىلەرنى تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا مۇلاھىزە قىلماقچى بولدۇق» دەپ كۆرسەتكەن.
پاترىك . ۋېنتىرنىڭ يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا كۆرسىتىشىچە، ئامېرىكا بىلەن روسىيە سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى «قوللاش ۋە قورال بىلەن تەمىنلەش» مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بارىدىكەن ھەمدە ۋاشىنگىتون بۇ مەسىلە خۇسۇسىدا موسكۋا تەرەپتىن گۇمان قىلىدىكەن.
پاترىك . ۋېنتىرنىڭ يەنە كۆرسىتىشىچە، ئامېرىكا كېيىنچە سۆھبەتتە ئاساسلىق سىياسى يول ئارقىلىق سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىنى تەشەببۇس قىلىدىكەن. «مېنىڭ قارىشىمچە، سىياسى ئىسلاھات بولسا قانلىق توقۇنۇش ۋە زوراۋانلىقنى ھەل قىلىدىغان ئەڭ ياخشى ئۇسۇل».
سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىمىيىلىك قورال ئىشلىتىش مۇمكىنچىلىكىگە نىسبەتەن، پاترىك . ۋېنتىر پەقەت روسىيە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
پاترىك . ۋېنتىر ئەڭ ئاخىرىدا يەنە : «بىز يەنىلا ھەر خىل مۇرەككەپ ئەھۋاللارنى ئويلىشىمىز، شۇنىڭ بىلەن تەڭ ھازىرقى ئەھۋاللارغا كۆڭۈل بۆلىمىز» دەپ كۆرسەتكەن.
http://www.nur.cn/news/2013/05/119049.shtml