ئۆل يوللىغان ۋاقتى 2013-5-3 05:11 PM
مۇشۇ خوتەندە باي بىلەن كەمبەغەلىنىڭ پەرقى بەك چوڭكەن .. ...
ئاغىنە غۇلجىدا دەريا بۇيىدا بايلار كوچىسى بىلەن خەنزۇ بازىرىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى ئۇيغۇرلار مەھەللىسىنى سېلىشتۇرما قىلىپ باق، باي نامراتلىق پەرقى دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدە بار. بايلىق تىرىشقانلارغا، يولى، ئېپى ۋە رىزقى بارلارغا مەنسۇپ. بايلىقى بارلارنى تىللاپ، نامراتلارنى سۆكۈشكە ھېچكىمنىڭ ئاساسى يوق.
يەنە بىرى ئاغىنە غۇلجىغا بارسام رامىزان ئېيىدا كۈپ كۈندۈزدە خەلق مەيدانىنىڭ قىزىل بايراق تەرىپىدا قاتارى يول بويلاپ 100 دەك ئۇيغۇر غۇلجا ئەركىكى ھاراق، پىجۇ ئىچىپ ئولتۇراپتۇ، ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىدا مىغ مىغ ئادەم،بۇنىڭغا قاراپلا، غۇلجىلىقلار ئىمانسىز، دىندىن چىققان ئادەملەركەن دېسەك توغرا بولامدۇ‹ ھەممە يۇرتتا ئازدۇر كۆپـتۇر يامان ئادەت ياكى ئىشلار بار، شۇنداق ئادەملەرمۇ مەۋجۇت. بۇنىڭلىق بىلەن بىر پۇتۇن يۇرتقا باھا بېرىش ئەقلى كالتا، نادان، بىلىمسىز كىشىنىڭ ئىشى.
مەيلى غۇلجا ياكى خوتەن ۋە ياكى ئۈرۈمچى بولسۇن ھەممىسى ئۇيغۇر ئېلى، يۇرت ئايرىش، مىللەتنى بۆلۈپ، نىزا پەيدا قىلىش، پاسىق ئادەملەرنىڭ ئىشى. شۇڭلاشقا مىللىتىمىز ئىچىدىكى ئىتتىپاقلىققا تەسىر يۈتكۈزمەيلى. ئارتۇقچىلىقنى قوللاپ، كەمچىلىك، نۇقسانغا ئىلمىي قارايلى !