قانداق قىلغاندا ئاناتىل (ئۇيغۇرتېلى)نى يۈكسەلدۇرگىلى بولىدۇ
ئانا تىلنى يۈكسەلدۇرىش ئۇچۈن تۇۋەندكى بىر قانچە ئەھۋالغا سەلقاراشقا بولمايدۇ .
بىز ئانا تىلىمىز يەنى ئۇيغۇر تېلىنى راۋاجلاندۇرىمىز يۈكسەلدۇرىمىز دەيدىكەنمىز ئالدى بىلەن سانا ئەت ، تەتقىقاچىلىق ، ئىشلەپ چىقىرىش ، قاتارلىق بىرقانچە ئامىلغا دىققەت قىلىشقا ئەرزىدۇ .
ئالىدىن بىز ئولىشىدىغان مەسىلىلەر نىڭ مۇھىم بولغانلىرى كومپىيۇتېر ، تېلىفون ، كىيىم - كىچەك ، ھۈنەر - كەسىپ ، ئىشلەپ چىقىرىش تەتقىقاتتا سانائەتتە ساپ ئۇيغۇر تېلى ئارقىلىق چۇشەندۈرىشكە كۆڭىل بۆلىش .
بىرنچى . بۇلار نى قىلىش ئۇچۇن پاي قۇشۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرچە كۆمپيۇتېر يۇمشاق دىتاللىرىنى ئىشلەپ چىقىرىپ ھەر ساھەگە كىرەكلىك بولىدىغان ئۇيغۇرچە يۇمشاق دىتاللاارنىڭ ئەڭ يېڭى نەشرى ياكى ئەڭ يېڭى تەتقىقاتى بولغان ئۇيغۇرچە يۇمشاق دىتاللارنى مەيدانغا كەلتۈرىش ھەم ئۇيغۇرچە ئاتالغۇسى بىلەن تارقىتىش .
ئىككىنچى . يانفونلارنىڭ ئۇيغۇرچە ماركا ھەم ئەپلەرنىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرىنى تەرجىمە قىلىش ياكى ئەڭ يېڭى ئەپلەرنى ئىشلەپ چىقىپ ئۇيغۇرچە نامى بىلەن تارقىتىش ھەم كۆپ ئۇيغۇرغا بىلدۇرىش . شۇ ئارقىلىق تورغاچىقىشقا رىغبەتلەندۈرىش ئارقىلىق توربىلىملىرىنىمۇ ئىگىلەشكە شارائىت ھا زىرلاش شۇنداقلار ھەممە ئۇيغۇرنى بىلىم ئېلىشقا يىتەكلەش ئارقىلىقمۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشقىلى بولىدۇ .
بۇلارنى قىلىش ئۇچۇنمۇ پاي قۇشۇش ئارقىلىق تىز ئۈنىم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ .
ئۈچىنچى . كىيىم - كىچەك كىيىم كىچەك ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىنى يۈكسەلدۈرىش مۇمكىن بۇنىڭدا كۆپلەپ ئۇيغۇرچە ماركىلارنى مەيدانغا كەلتۇرىشكە تىرىشىش ماللارنىڭ سۇپىتى ۋەباشقا ئەھۋالاتلىرىدا ، سېتىپ چىقىرىش مەزگىللىرى بولسون ئىش قىلىپ ماركىنى ئۇيغۇرچە تونۇتۇش مەخسە قىلىنسا مۇئامىلە قىلغاندىمۇ ساپ ئۇيغۇرچە سۆز قىلسا ئەگەر باشقا مىللەتلەرگە تونۇشتۇرۇشتا شۇ مىللەتنىڭ تىلى ئارقىلىق ئۇيغۇرچە ماركىنى ھەم مەھسۇلاتلارنىڭ سىپتىلىقىنى چۇشەندۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرچە كىيىملەرنى تەرەققى قىلدۇرۇش -ھەم بازارلاشتۇرۇش ياكى خەلىقئارا لاشتۇرۇش
ئارقىلىقمۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشقىلى بولىدۇ .
بۇلارنى قىلىش ئۇچۇنمۇ پاي قۇشۇش ئارقىلىق تىز ئۈنىم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ ..
توتىنچى . يىزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىش . بۇمەھسۇلاتلارغىمۇ ئۇيغۇرچە ئىسىم قوللۇنۇش ئۇيغۇرچە ئىسمى بىلەن تونۇشتۇرۇش بۇمەھسۇلاتلارنىڭ پۇتۇن گەۋدىسىدىن تارتىپ كىچىك زاپچاسلىرىغىچە ئۇيغۇرچە چۇشەنچە بىرىش .
ئادەتتە كەتمەن ، ئوغاق ، ئارا ، گۇجەك قاتارلىققىچە ئۇيغۇرچە ئىسمى بىلەن ئاتاش يېڭىللىرىغا ئۇيغۇرچە ئىسىم قوللۇنۇش . ئارقىلىقمۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشقىلى بولىدۇ .
بۇلارنى قىلىش ئۇچۇنمۇ پاي قۇشۇش ئارقىلىق تىز ئۈنىم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ ...،،،
بەشىنچى . ھۇنەر - كەسىپ جەھەتلەردىمۇ ھەسسە قوشۇش بىرلىشىش قاتارلىق كەسىپنى تەرەققى قىدۇرۇپ سىپتىلىقىنى ئاشۇرۇپ بولسا ماركا قوللۇنۇپ ھەرمىللەت ساھەلىرىگە يۈزلەندۇرۇش ھەتتا خەلىقئاراغا يۇزلەندۇرىش ئارقىلىقمۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشقىلى بولىدۇ .
بۇلارنى قىلىش ئۇچۇنمۇ پاي قۇشۇش ئارقىلىق تىز ئۈنىم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ ...،،،
ئالتىنچى : ئائىلە سايمانلىرى تۇرمۇش بويۇملىرى ھەم شەخسى بويۇملارغىچە مەيلى چوڭ ياكى ئۇششاق بولىشىدىن قەتئى نەزەر ئۇيغۇرچە ئاتالغۇسى بىلەن ئاتاش يېڭىللىرىغا ئۇيغۇرچە ئىسىم قوللۇنۇش . يىمەك - ئىچمەك . ئىسىملرىنىمۇ ،كۆكتات ئىسىملىرىنىمۇ ، ئۆرپە - ئادەت شەكىللىرىنىمۇ چۇشەندۈرىشتە ئىش قىلىپ ھەممە جەھەتلەردە ئۇيغۇر تىلى چۈشەنچىسى بويىنچە باشقىلارغا ۋە بالىللىرىمىزغا چۇشەندۇرۈش جەھەتتىمۇ ئۇيغۇرچە ئىسمىنى تولۇق ئاتاش ئارقىلىقمۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشقىلى بولىدۇ .
يەتتىنچى . كۆپ تىللىق مەكتەپ ئېچىش ئارقىلىق ھەرمىللەت خەلقىنى ئۇيغۇر تىلى ئۇگىنىشكە رىغبەتلەندۇرگىلى ئۇيغۇر تىلى سىنىپلىرىنى ئېچىش ئارقىلىق ئۇيغۇرچە بىلىم ئېلىش ئارزۇسىدىكى ھەرمىللەت كىشىللىرىنىڭ تىل بايلىقلىرىنى تۇلۇقلاشقا ھەم ئۇيغۇر تىلىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ھەم ئۇيغۇر تىلىغا ھەسسە قوشۇشقا كۈرىنەرلىك مەنپەئەتى بار دەپ قارايمەن .
بۇلارنى قىلىش ئۇچۇن پاي ھەسسىدارلىق شىركەتلىرىنى كۆپلەپ قۇرۇشقا ھەتتا شىركەتلەرئارا ھەمكارلىق ئورنىتشقا توغرا كىلىدۇ .
بۇنداق قىلغاندا دۇنيا ساھەسىگە يۈزلىنىشكە ھەم ئۇيغۇر تىلىنى ھەرمىللەت خەلقىگە تونۇتۇشقا ھەسسە قوشۇشتا تىز ئۈنۈمگە ئىرىشكىلى ھەم ئۇيغۇر تىلىغا تىز سۇرئەتتە ھەسسە قوشقىلى بولىدۇ .
بۇلارنى قىلىش ئۇچۇن ھەممە كىشىلەر بىر كىشلىك ھەسسسىنى قوشىشى ھەم پاي چەكلەر قوشۇنى ھازىرلىشىمىزغا توغرا كىلىدۇ .
ۋاقىت ئىتىبارى بىلەن تەپسىلى يشىپ چۇشەندۇرىشكە مۇمكىن بولمىدى دوستلارنىڭ توغرا مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىدى قىلىمەن ..
2013 - يىلى 5- ئاينىڭ 1- كۈنى
http://bbs.bagdax.cn/thread-15834-1-1.html