 |
 |
 |
 |

دوپپا


نۇر چاقناتقان سەنئەت بابىدا، ئۇيغۇرۇمنىڭ گۈل تاجى دوپپا. ئەكىس ئەتتى ئۇيغۇر قولىدا، چىن تەبىئەت ئوبرازى دوپپا.
قول-ھۈنەرۋەن ئۇيغۇر سەنئىتى، چىۋەرلىكنىڭ ئىسپاتى دوپپا. تەبىئەتنى سۆيگەن ئۇيغۇرنىڭ، مەدەنىيەت مىراسى دوپپا.
ئەنئەنىدۇر ئەجدات قالدۇرغان، ۋەكىل بولماس مەنسەپ ئورۇنغا. بەخش ئېتەر ئىللىق كەيپىيات، ماس كېلىدۇ بارچە سورۇنغا.
زەپ يارىشار ئۇيغۇرغا دوپپا، دىنىي زاتقا، قېرى-ياشقىمۇ. يەنە جەنۇپ شىمال ئايرىماس، كىيەلەيدۇ باھار قىشتىمۇ.
تېپىلمايدۇ جاھاندا ئەسلا، قېرى-ياشقا ئورتاق كەلگىنى. مۇجەسسەملەپ بارچە گۈزەللىك، سەنئەت كەبى تۇيغۇ بەرگىنى.
ئۇيغۇر دوپپا ئۇيغۇر كىملىكى، ۋەكىل بولار مىللىي خاسلىققا. دوپپا-ئەتلەس ئۇيغۇرغا خاستۇر، ئۇيغۇر قىزى ئۇزۇن چاچلىققا.

ئەجداتلىرىم قالدۇرغان دوپپا، ئۇيغۇرۇمنىڭ شانلىق پەخىرى. ھۈنەرۋەنلىك كەسپىدە پىشقان، ئەجدادىمىز ئەقىل جەۋھىرى.

چىۋەر ھۈنەر گۈزەل دوپپىلار، چەكتى ئۇيغۇر يۈرەك تارىسى! بۇ ھاياتتا ئارمىنىم پەقەت، بولۇش ئۇيغۇر دوپپا ۋارىسى!




مەنبە: بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ دوپپا بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن!
نازىگۈل 2013-يىل 5-ئاينىڭ 5-كۈنى
|
 |
 |
 |
 |
|