tax1 يوللىغان ۋاقتى 2013-5-6 05:05 PM
مېنىڭچە، بۇ لايىھەلەر ياخشى چىقىپتۇ. بىراق باھاسى بەك ...
ئىلكىتاپ . ۋە تىلىفۇندىكى سۈرەتلەر ئىشلىمىگەن ھالەتتە زەرەت ، يەنى توك ھالىتىدە تۇرىدۇ ، بۇنىڭغا قارتا ئالىملارنىڭ پەتىۋاسى بارئىدى . بىراق ماۋۇ قاپتىكى بولسا ئاشكارە بولغان خەت شەكلى . بۇنداق شەيئىلەرنى ھاجەتخانا قاتارلىق ئۇرۇنلارغا ئىلىپ كىلىشكە بولمايدۇ ، بەزىلەر ئەرەپچە خەتقۇ ئاللاھنىڭ قەلبىمىزدە ئۇلۇغلىغاندىكىن بولمىدىمۇ دىيىشى مۇمكىن ، شۇنداق ئۇ ئەرەپچە خەت بىراق ئوخشىمايدىغان يىرى ، ئۇ ياراتقۇچىمىزنىڭ ۋە بىزنىڭ پەيخەمبىرىمىز مۇھەممەد مۇستاپا سەللەلاھۇ ئەلەھىسالامنىڭ مۇبارەك ئىسمى ، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد (س ئە ۋ ) سەللەممۇ . ‹‹مۇھەممەدۇررەسۇلۇاللە ›› دىگەن خەت ئۇيۇلغان مۆھىرىنىمۇ ھاجاتخانىغا كىرگەندە قۇلىدىن ئىلىۋېتىپ كىىر گەن ئىكەن ، ئەجىبا بۇ ئۇلۇغ زات قىلغىنىغا بىز پەتىۋا چېقىرامدىمىز ................... بىلىمىم تايىنلىق بولغاچقا مۇشۇنچېلىك سۆزلىيەلىدىم ، قالغىننى تەپسىلى بىلىدىغانلار تۇلۇقلىۋاتساڭلار
بۇ قاپقا نىسبەتەن مىنىڭ تەكلىۋېم ، شۇ ئاللاھ . مۇھەممەد ، دىگەن ئىسىملارنى ئىشلەتمىسەڭلا ، ھەممىمىز تىلىفۇننى ، قانداق يەردە ئىشلىتىغىنىمىزنى بىلىمىز ، تىلىفۇن دائىملا ئادەمنىڭ قۇلاق تۇۋېدىن چۈشمەيدىغان نەرسە ئەمەس بەزىدە يەردە ، بەزى كورپىلەرنىڭ ئۇستىدە ھەتتا بەزىدە يوتقانلىرىڭلارنىڭ ئىچىدە ، دىگەندەك نۇرغۇن يەرلەردە يۈرىيدۇ ، جۇملىدىن مەنمۇ گاھىدا تىلىفۇنۇمنى كارۋېتىمنىڭ ئاستىدىن ياكى ، يوتقىنىمنىڭ ئىچىدىن تاپىمەن ، كەچتە ياتقاچ ، ئۇندىدار ، ۋە مۇڭداشقۇمنى ، بىر ئايلىنىۋېتىپ ئاندىن ئۇخلايمەن ، بۇنداق قىلىدىغانلار دىمىسەممۇ نۇرغۇن ، شۇڭا ئامال بالا ئەمەس قەتئى ئىشلەتمىسەڭلا ، ئىسلامى نەرسىلەرنى چېكقارماقچى بولساڭلا ، نۇرغۇن ئىسلامى رەسىملەر بار شۇلارنى چېقارساڭلا بۇلىدۇ ، ئاۋۇ ھۆسنىخەت بەك ياخشى چېقىپتۇ . ئىككىنجىسى . بىلىم بايلىق ئول گادايلاشمايدىغان ، قاراقچى ،ئوغرى ھەم ئالالمايدىغان>> دىگەن خەتمۇ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hushwah تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-6 06:04 PM