مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: توقماق

قاسىم سىدىق:شەكىل نەزەريىسى بىزگە نىمە قىلىپ بىرەلەيدۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1705
يازما سانى: 510
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1440
تۆھپە نۇمۇرى: 564
توردا: 433 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-6 11:51:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەگەر ئالەم ئىزچىل دەۋر قىلىپ ۋاقىت جەھەتتە باشلىنىشى يوق دىيىلسە ، بۇ ئالەم ئىزچىل ھالدا مەۋجۇت ئىدى دىگەنلىك بولۇپ قالىدۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئالەمنىڭ يېشىمۇ چەكسىز چوڭ  بولىدۇ . ئەگەر چەكسىز نۇرغۇن ئىشلار قاتارى بولۇپ ئۆتكەن بولسا ، بىز نىمە ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ ھازىرقى مۇشۇ ۋاقىتتا ياشاۋاتقانلىقىمىزنى بايقايمىز ؟
ياكى ئالەم مەڭگۈلۈك ۋاقىت ئىچىدە ئىزچىل تۈردە جىمجىت ھالەتتە بولۇپ ، پەقەت يېقىنقى چاغلارغا كەلگەندىلا ئاندىن تۇيۇقسىز ھەركەتلەنگەنمۇ ؟
(ماڭا تور ئادرىسىنى ئەۋەتمەي ئۆز ئاغزىڭىز بىلەن چۈشەندۈرگەن بولسىڭىز ياخشى بۇلاتتى)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 3651
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14422
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3698 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-7 12:26:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاياتلىق بىلەن «ئالەم» ئىككىسى ئىككى ئۇقۇم.ھاياتلىق دەۋرى ئالەمنىڭ ناھايتى قىسقا بىر پەيىتىدىن ئىبارەت.يەنى ھاياتلىق ھاياتلىق شەرىتلىرىگە ماس ئالەم بەلۋىغىدىلا مەۋجۇت بولىدۇ.بىز پەقەت ھازىرقى بىر قىتىملىق ئالەمنىڭ ھاياتلىق بەلۋىغىدىلا مەۋجۇتمىز،ئىزچىل كېڭىيىپ -تارىيىدىغان غەيرى ھاياتلىق دۇنياسى بىلەن ماس قەدەمدە ساقلانمايمىز،بىز ئالدىنقى بىر قىتىملىق ھاياتلىق ئالىمىدە قولغا كەلتۇرۇلگەن بىلىملەرنى قوبۇل قىلالمايمىز،كىيىنكى كىلىدىغان ئالەمگە ئۇز بىلىملىرىمىزنى قالدۇرالمايمىز.ھەرقىتىملىق دەۋرىلىكتە ھەممە يېڭىدىن باشلىنىدۇ.
ئەپسۇس،سىز ئولىنىشلارغا ئۈچ بولۇپ كەتكەن ئوخشايسىز،مەن ھەممىنى باشقىدىن يېزىپ تەكرارى ئەمگەك قىلىپ چۈشەندۈرۈپ بولالمەيمەندە:

.....................
ئالەمنىڭ بىر كۈنى "يەر شارى ۋاقتى" غا نىسبەتەن ئېيتقاندا 80مىليارد يورۇقلۇق يىلى دەپ مۆلچەرلەشكە بولىدۇ. بۇنداق مۆلچەرلەشنىڭ ئاساسى شۇكى، بىرىنچى، ئالەمنىڭ ھازىرغىچە بولغان يېشى 10مىليارد يىلدىن يۇقىرى 20مىليارد يىلدىن تۆۋەن دەپ قارىلىدۇ؛ ئىككىنچى، ھاياتلىق پەقەت ئالەم شارىنىڭ ھاياتلىق بەلۋېغىدا مەۋجۇد بولالايدۇ. ھالبۇكى، ھاياتلىق بەلۋىقى بولسا ئالەمنىڭ مۆتىدىل بەلۋىقى بولۇپ، بۇ بەلۋاغنى ئالەم كۈنىنىڭ ئوتتۇرىسىدا دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. ئالەم كىڭەيگەنچە تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكى ئۇچۇن ھاياتلىق بەلۋېغى تولىمۇ چەكلىك بولىدۇ. «ھاياتلىق بەلۋېغى» نىڭ "ئالەم سائىتى" دىكى ئورنى بىر مىنۇت ياكى ئۇنىڭدىنمۇ تۆۋەن بولۇشى مۇمكىن. بۇ بەلباغنىڭ باشقا نۇقتىلىرىدا يەر شارى تىپىدىكى ھاياتلىق شەكىللىرىگە ئوخشاپ كېتىدىغان ياكى پەرقلىق بولغان ھاياتلىق شەكىللىرى ۋە ئىنسانىيەت تىپىدىكى ئالىي دەرىجىلىك ھاياتلىق شەكىللىرىنىڭ مەۋجۇد بولۇش ئېھتىماللىقنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. «ئالەم ئادەملىرى» نىڭ يەر شارىغا كەلگەنلىكى ھەققىدىكى ھەرخىل خەۋەرلەرنى پۈتۈنلەي يالغان دېيىشكە ھەرگىز بولمايدۇ.  چۈنكى«ھاياتلىق بەلۋېغى»دا ھاياتلىقنىڭ شەرت-شارائىتلىرى ئوخشاش دەپ قاراشقا بولىدۇ.

ئالەم كېڭەيگەنچە زىچلىق كېمىيىپ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ بارىدۇ، ئاخىرى بېرىپ ئالەمدىكى بارلىق ماددا زەررىچە ھالىتىدە ئالەمگە تەكشى تارقالغان چەككە يېتىدۇ. مانا بۇ ئالەمنىڭ مەنفى قۇتۇپى-ئالەمنىڭ زىمىستانىدۇر. بۇ پەيتتىكى ئالەم سائىتىنىڭ ئورنى 12بولۇپ بۇ ھالەت ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملىشىدۇ دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ ۋە تەدرىجىي ھەرىكەت ئەگىرلىگى① تۈپەيلىدىن ئالەم بىر مەركەزگە يونۇلۇپ تارىيىش سەپىرىنى باشلايدۇ. ئالەمنىڭ تارىيىش سەپىرىدە يەنە بىر كۈن ئىچىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق "ھاياتلىق پەسلى" شەكىللىنەمدۇ-يوق؟ قايتىش سەپىرىدە يەنە قۇياش سىستېمىلىرى (يۇلتۇزلار سىستېمىلىرى) يەر شارىغا ئوخشاش پىلانىتلار شەكىللىنىدۇ دەپ قارالسا مۇنداق ئېھتىماللىقنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. بۇ ھالدا ئالەم بىر كۈندە ئىككى قېتىم «ھوسۇل» ئالغان بولىدۇ.  
    يەنە بىر ئېھتىماللىق شۇكى قايتىش سەپىرىدە زەررىچىلەر ھېچقانداق ئاتوم، مولېكۇلا تۇزلىشى شەكىللەندۈرمەي شۇ پىتى بىر نۇقتىغا يىغىلىشى ۋە ئاندىن يىغىلىش لىمېت چەككە يەتكەندە «ئىپتىدائىي ئوت شارى» غا ئايلىنىشى مۇمكىن. ئالەمنىڭ بۇ پەيتى ناھايىتى قىسقا بولۇپ، ئاندىن ئۇشتۇمتۇت پارتىلاپ ئىككىنچى قېتىملىق دەۋرلىك سەپىرى - ئالەمنىڭ يىڭى بىر  كۈنى باشلىنىدۇ. دېمەك، ئالەمنىڭ بىر كۈنىدە شۇنچە كۆپ دىنامىكىلىق ۋە ھاياتلىق ھادىسىلىرى يۈز بېرىدۇ ۋە تاماملىنىدۇ.
..........................
تولۇقى بۇ يەردە:


http://www.kayinat.com/bbs/forum ... 0972&extra=page%3D2 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-7 12:36 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 3651
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14422
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3698 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-7 12:38:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
فىزىك يوللىغان ۋاقتى  2013-5-6 11:51 PM
ئەگەر ئالەم ئىزچىل دەۋر قىلىپ ۋاقىت جەھەتتە باشلىنىشى  ...

بۇ ئىىكىسىدىكى مەزمۇنلارنى ۋە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋاقتىنى سىلىشتۇرۇپ بېقىڭا:


ئالەمنىڭ بىر كۈنى "يەر شارى ۋاقتى" غا نىسبەتەن ئېيتقاندا 80مىليارد يورۇقلۇق يىلى دەپ مۆلچەرلەشكە بولىدۇ. بۇنداق مۆلچەرلەشنىڭ ئاساسى شۇكى، بىرىنچى، ئالەمنىڭ ھازىرغىچە بولغان يېشى 10مىليارد يىلدىن يۇقىرى 20مىليارد يىلدىن تۆۋەن دەپ قارىلىدۇ؛ ئىككىنچى، ھاياتلىق پەقەت ئالەم شارىنىڭ ھاياتلىق بەلۋېغىدا مەۋجۇد بولالايدۇ. ھالبۇكى، ھاياتلىق بەلۋىقى بولسا ئالەمنىڭ مۆتىدىل بەلۋىقى بولۇپ، بۇ بەلۋاغنى ئالەم كۈنىنىڭ ئوتتۇرىسىدا دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. ئالەم كىڭەيگەنچە تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكى ئۇچۇن ھاياتلىق بەلۋېغى تولىمۇ چەكلىك بولىدۇ. «ھاياتلىق بەلۋېغى» نىڭ "ئالەم سائىتى" دىكى ئورنى بىر مىنۇت ياكى ئۇنىڭدىنمۇ تۆۋەن بولۇشى مۇمكىن. بۇ بەلباغنىڭ باشقا نۇقتىلىرىدا يەر شارى تىپىدىكى ھاياتلىق شەكىللىرىگە ئوخشاپ كېتىدىغان ياكى پەرقلىق بولغان ھاياتلىق شەكىللىرى ۋە ئىنسانىيەت تىپىدىكى ئالىي دەرىجىلىك ھاياتلىق شەكىللىرىنىڭ مەۋجۇد بولۇش ئېھتىماللىقنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. «ئالەم ئادەملىرى» نىڭ يەر شارىغا كەلگەنلىكى ھەققىدىكى ھەرخىل خەۋەرلەرنى پۈتۈنلەي يالغان دېيىشكە ھەرگىز بولمايدۇ.  چۈنكى«ھاياتلىق بەلۋېغى»دا ھاياتلىقنىڭ شەرت-شارائىتلىرى ئوخشاش دەپ قاراشقا بولىدۇ.
.........
*2009. يىل 5. ئاينىڭ 1. كۈنى.   بۇلاق دادامتۇدا يېزىلدى

*تولۇقى بۇ يەردە:
http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=20289
شەكىل نەزەريىسىنىڭ يۇقۇرقى پەرىزىنى تۇۋەندىكى بۇ خەۋەر قوللايدىكەن.
*

这一天文新发现18日被刊登在《科学》周刊的网站上。研究报告称,在一个名为开普勒-62的行星系统的“宜居带”中发现两颗行星,这里温度条件适宜,理论上其表面可保有液态水,有少许大气,甚至可能有生命存在。NASA开普勒望远镜项目首席科学家博鲁奇说:“这是我们到目前为止发现的最适合居住的行星”,位于太空中的“宜居带”意味着它们表面可能有液态水,而水是生命存在的必要条件。如果行星距离恒星太近,上面温度太高,海洋可能沸腾;如果太远,海洋就会被冻结。这两种情形都不适合生命存在

2013-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۇنىدىكى خەۋەر.،

*تولۇقى بۇ يەردە:
http://news.sciencenet.cn/htmlnews/2013/4/277016.shtm بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-7 12:39 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 3651
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14422
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3698 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-7 12:42:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
فىزىك يوللىغان ۋاقتى  2013-5-6 11:51 PM
ئەگەر ئالەم ئىزچىل دەۋر قىلىپ ۋاقىت جەھەتتە باشلىنىشى  ...

ماددى ئالەمنىڭ ھەركىتى مۇتلەق بولىدۇ،ئۇنىڭ جىم تۇرىدىغان ھەرقانداق پەيتى يوق. مانا بۇ قاراش شەكىل نەزەريىسىنىڭ ئۆزۆل- كېسىل مەۋقەسى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-7 12:44 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1705
يازما سانى: 510
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1440
تۆھپە نۇمۇرى: 564
توردا: 433 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-7 12:44:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چوڭ پارتىلاش مودىلىنى چەتكە قاقتىڭىزغۇ ؟ .
ھازىر ھەممە چوڭ پارتىلاش مودىلىنى قوللايدۇ . مىنىڭچە بۇ سىزگىمۇ ئايان ھەم كىشىنىمۇ قايىل قىلىدۇ . چوڭ پارتىلاش مودىلىنىڭ كىشىنى قايىل قىلىشىدىكى سەۋەب ئالەم ئىلگىرى مەلۇم بىر چاغدا باشلانغان دەپ قارايدۇ ، خاۋكىڭنىڭ كىتابىدىمۇ مۇشۇنداق مەزمۇنلار بار . ئىلىم-پەن نۇقتىسىدىن بۇ قاراش پۇت دەسسەپ تۇرالايدۇ . چوڭ پارتىلاش مودىلىنىڭ ئاڭلىماققا ئادەمنى قايىل قىلىشىدىكى سەۋەب تېردونامىكىنىڭ ئىككىنچى قانۇنى بىزگە شۇنداق بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ .
سىز ئالەم دەۋرىيلىك جەريانىدىكى تېردونامىكىلىك تەمپۇڭلۇقنى قانداق چۈشەندۈرىسىز ، تەبئىي پەنچىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئايان ، تەرتىپلىك  تەرتىپسىزلىككە ئورۇن بوشىتىشى كېرەك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1705
يازما سانى: 510
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1440
تۆھپە نۇمۇرى: 564
توردا: 433 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-7 12:46:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە تېخى ئىنىقسىزلىق پىرىنسىپىنىمۇ چەتكە قاقىدىكەنغۇ بۇ نەزەرىيە ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 3651
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14422
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3698 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-7 12:54:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
فىزىك يوللىغان ۋاقتى  2013-5-7 12:44 AM
چوڭ پارتىلاش مودىلىنى چەتكە قاقتىڭىزغۇ ؟ .
ھازىر ھەممە ...

چەتكە قاقمايمىز،شەكىل نەزەريىسى چوڭ پارتىلاشنى دەۋرى ئالەمنىڭ بىر پەيتى دەپ قارايدۇ.


قاسىم سىدىق:چوڭ پارتىلاش ئىنىرىتسىيسى

http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=15329

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-7 12:54 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 3651
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14422
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3698 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-7 01:04:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
فىزىك يوللىغان ۋاقتى  2013-5-7 12:46 AM
يەنە تېخى ئىنىقسىزلىق پىرىنسىپىنىمۇ چەتكە قاقىدىكەنغ ...

ئىنىقسىزلىق پىرىنسىپى ئەمدى پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغان بولدى:

ھېزىنبېرىگ «ئېنىقسىزلىق پىرىنسىپى»مۇناسىۋىتى بىلەن بىرنەچچە ئېغىزگەپ

قاسىم سىدىق

1



  2012- يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۇنى(بۇگۇن) پەن-تىخنىكا تورى ياپۇنيىلىكلەرنىڭ تەجىربىدە ئېنىقسىزلىق پىرىنسىپىغا خىلاپ ھادسىنى بايقىغانلىغى ھەققىدە خەۋەر بەردى،بۇخەۋەر شەكىل نەزەريىسى ئۇچۇن تولىمۇ ئەھمىيەتلىك كاتتا خۇشخەۋەر.
شەكىل نەزىريىسى ئېنىقسىزلىق پىرىنسىپىنىڭ فىزىكىلىق مەسىلە بولماي،بىلىش نەزىريىسى خاراكتىرلىك مەسىلە ئىكەنلىگىنى،زەررىچىنىڭ تىزلىگى،ھەركەت مىقدارى ۋە ئورنىنى بىرلا ۋاقىتتا ئېنىق بىلىشنىڭ مۇمكىنلىگىنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن،ئەگەر يۇقۇرقى خەۋەر شۇنداقلا ۋاچ.گورزادىيان،روگىر.پىنروزلارنىڭ ئالەمنىڭ دەۋرىلىگى ھەققىدىكى بايقاشلىرى ۋە نېتىرۇنو تەجىربىسى مۇئەييەنلەشتۇرۇلسە شەكىل نەزەريەسى تۇپ مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىدە پىرىنسىپ جەھەتتىن  تەجىربە ئاساسىغا ئىگە بولدى دىيىشكە بولىدۇ.ئەلبەتتە 29-تىئورىما تەجىربىسى سالاھىيەتلىك ئورۇنلار تەرىپىدىن قايتا ئىشلىنىپ دەلىللىنىشى كىرەك.

2



ھەقىقى مەنىدىكى ئاساسى زەررىچە_«ئېن»نى ھەر قانداق ئۇسۇل بىلەن  بېۋاستە كۇزىتىش مۇمكىن ئەمەس،دەپ قارايمەن،ھېچبولمىغاندا يىقىن كىلەچەكتە شۇنداق.«ئېن»لارنىڭ ھەركەت جەريانىنى كۇزۇتۇش،ئۇزىنى كۇزۇتۇشكە قارىغاندا بۇرۇنراق ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن.چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ياۋرۇپا يادرۇ تەتقىقات ئورنىدىكى ئالىملار چوڭ تىپلىق يادرۇ سوقۇشتۇرۇش ئۈسكىنىسىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق، ئالەمنىڭ چوڭ پارتىلىشىغا بەكمۇ ئوخشۇشۇپ كېتىدىغان سۇرەتلەرنى تارتىۋالغان بولۇپ ،ياۋرۇپا يادرۇ تەتقىقات ئورنىنىڭ باياناتچىسى كىرىستىن سوتتون ([Christine Sutton) «بىز زەررىچىلەرنىڭ قالدۇرۇپ قويغان ئىزى ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ھەرىكەت جەريانىنى كەلتۈرۈپ چىقاردۇق، زەررىچىلەرنىڭ ئۆزىنى بولسا ئەسلا كۆرگىلى بولمايدۇ»دېگەن.ئەلۋەتتە،ئۇلارنىڭ كۇزەتكىنى «ئېن»نىڭ ھەركەت جەريانى ئەمەس .«ئېن»غا نىسبەتەنمۇ ئەھۋال شۇنداق ،بۇ مەسىلە كۇنتەرتىپكە قويۇلسا،شەرىت-شارائىتلار پىشىپ يىتىلگەندە ئاندىن
«ئېن»لارنىڭ پەقەت ھەركەت جەريانىنىلاكەلتۇرۇپ چىقىرىش مۇمكىن.ھەقىقى مەنىدىكى ئاساسى زەررىچە(«ئېن»)نى تىپىش پۇتكۇل زەررىچىلەر فىزىكىسىنىڭ ئەڭ ئاداققى غايىسى،ئەلۋەتتە.

Explosions in the sky: These images track the movement of particles during experiments at CERN, and could give some idea of how the Big Bang may have looked


Eye-popping: When particles collide at the speed of light n a vacuum colder than -271 Celsius, they put on a spectacular show of light, heat and movement that form complex and often intricate patterns



Read more: http://www.dailymail.co.uk/sciencetech/article-2021122/The-Big-Bang-pictures-Scientists-produce-images-particle-explosions-similar-greatest-galactic-light-show.html#ixzz2M0AU118u
Follow us: @MailOnline on Twitter | DailyMail on Facebook
http://www.dailymail.co.uk/sciencetech/article-2021122/The-Big-Bang-pictures-Scientists-produce-images-particle-explosions-similar-greatest-galactic-light-show.html


ياۋرۇپا يادرۇ تەتقىقات ئورنىدىكى ئالىملار چوڭ تىپلىق يادرۇ سوقۇشتۇرۇش ئۈسكىنىسىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق، ئالەمنىڭ چوڭ پارتىلىشىغا بەكمۇ ئوخشۇشۇپ كېتىدىغان سۇرەتلەرنى تارتىۋالغان.


3

  يىقىنقى يىللاردىن بۇيان خەلقئارادا مەيدانغا كەلگەن يىڭى بايقاشلار شەكىل نەزەريىسنىڭ پەلسەپە -لوگىكىلىق ئاساسلىرىنىڭ ۋە تەتقىقات رامكىسىنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالايدىغانلىغىنى،تەپەككۇر يۇلىنىشىنىڭ توغرا ئىكەنلىگىنى كۇرسەتتى.شەكىل نەزەريىسنىڭ ئىلگىرلەپ تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدىغان تېما ئىكەنلىگىدە ئىختىلاپ بولمىسا كىرەك دەپ ئۇيلايمەن.بۇ خىل تەتقىقاتنىڭ ئومۇمەن ئۇچ كونكىرىت قەدەم باسقۇچى بار:
1.مىكرۇ دونيا-زەررىچىلەر دۇنياسى تەتقىقاتى.ھاسىلى زەررىچىلەر  (تۇزۇلۇشكە ئىگە زەررىچىلەر)جەدىۋىلى تۇرغۇزۇپ چىقىش.دەسلەپتە«ئېن»نىڭ ھەجىمى ۋە باشقا فىزىكىلىق قىممەتلىرىنى بەلگىلىۋىلىپ،ئاندىن ھاسىلى زەررىچىلەرنىڭ مۇتلەق ھەجىمى،كۇرۇنمە ھەجىمى شۇنداقلا باشقا فىزىكىلىق مىقدارلىرىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىش.بۇ ئىزدىنىشنىڭ دائىرىسى دەسلەپكى قەدەمدە ئېندىن پىرۇتۇن ۋە ئىلىكتىرۇنغىچە بولىدۇ.ئىلىكتىرۇننىڭ شار شەكىللىك زەررىچە ئىكەنلىگى ھەققىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرى بىزنىڭ زەررىچلەرنىڭ ھەجىمى ۋە شەكلى ئۇستىدىكى ئىزدىنىشلىرىمىزغا ئىلھام بېغىشلايدۇ.ئېنىقسىزلىق پىرنسىپى ۋە ئىلىكتىرونغا ئائىت بۇ يىڭى نەتىجىلەر شەكىل نەزەريىسىنىڭ «يورۇقلۇقنىڭ ماھىيتى زەررىچە،دولقۇنلۇق خۇسۇسىيەت زەررىچىنىڭ ھەركەت شەكلى»دىگەن پىرىنسىپال مەۋقەسىنىڭ تۇغرىلىغىدىن بىشارەت بىرىدۇ.بۇ يەردە يەنە فىزىكىنى بىرلىككە كەلتۇرۇشنىڭ ئىمكانيەتلىرى ئۇستىدىكى دەسلەپكى تەسەۋۋۇرلارغىمۇ ئىرىشەلەيمىز.بۇ غايىلەرنى رىيالىققا ئايلاندۇروشتا «مۇتلەق ھەجىم»،«كۇرۇنمە ھەجىم»ئۇقۇملىرى شەكىل نەزىرييىسىنىڭ ئۇزىگە خاس يادرولۇق نەتىجىسى ۋە يىڭى قورالى .«ئېن»بىزنىڭ نەزەريە بىنارىمىزنى ۋوجۇتقا چىقىرىشتىكى ئېلېمىنتار كىسەك.
ھەر بىر نۇقتىدا «ئېن»ۋە«ھاسىلى زەررىچىلەر»نىڭ ھەركەت شەكلى ۋە شەرىتلىرى ئۇستىدە ئىزدىنىش نەزىريىمىزدىكى موھىم ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى.

ئىلىكتىروننىڭ شار شەكلىگە ئىگىلىگى بايقالدى

十年研究发现电子是近乎完美球形


2. ئالاقىدار تەجىربە لايىھىلىرىنى لايىھىلەش.مۇمكىن بۇلغانلىرىنى ئىشلەپ سىناپ كۇرۇش، ئۇزىمىز ئىشلەشكە ئىقتىدارىمىز يەتمەيدىغان،غەلىبە قىلىش ئىھتىماللىغى يۇقىرى بولغان تەجىربە لايىھىلىرىنى ئىقتىدارى بار ئورۇن ۋە شەخىسلەرنىڭ ئىشلىشىنى قولغا كەلتۇرۇش يوللىرى ئۇستىدە ئىزدىنىش.
3.ئەڭ زۇرۇر،تەخىرسىز خىزمەتلەرنىڭ بىرى شەكىل نەزەريىسىنىڭ زۇرۇرى بولغان ماتىماتكىلىق كەلتۇرۇپ چىقىرىش خىزمىتىنى ئىشلەش.زۇرۇرى فورمۇلا،تەڭلىمىلەرنى مەيدانغا كەلتۇرۇش.ئىپادىلىرنى بىكىتىپ چىقىش قاتارلىقلار.

4


بۇ تەتقىقات نۇرغۇن كۇچ تەلەپ قىلىدۇ.لىكىن،شەكىل نەزەريىسى تۇلىمۇ ئاددى نەزەريە.ئۇنىڭ ئاددىلىغىنى كۇزدە تۇتقاندا بۇ نەزەريىنى(تەجىربە ئايرىم مەسىلە) ئۇيغۇر تىلى مۇھىتىدا غەلبىلىك تاماملاش تامامەن مۇمكىن ،دەپ قارايمەن.
ئۇزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش،تەتقىقات سۇرئىتىنى ۋە ئىزچىللىغىنى يوقۇرى كۇتۇرۇش نۇقتىسىدىن قارىغاندىمۇبۇ تەتقىقاتقا كۇپرەك ئۇيغۇر زىيالىلىرى قاتناشسا پايدىلىق ئىدى،لىكىن،ھەر خىل سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن رىياللىق غايىدىكىدەك بولمايۋاتىدۇ.بۇ خىل ئەھۋال داۋاملىشىۋەرسە بەزى پۇرسەت ۋە ئىمكانىيەتلەر قولدىن كىتشى تەبى.شۇڭا،بۇ تەتقىقاتقا قاتناشقان تولمۇ ئازسانلىق ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ بۇتەتقىقاتقا كۇپرەك ئۇيغۇر كەسىپ ئىگىلىرىنى جەلىپ قىلىشتىن باشقا، قىرىنداش مىللەتلەردىن كەسىپ ئىگىلىرىنى جەلىپ قىلىش ئۇچۇنمۇ تىرىشچانلىق كۇرسىتىشىنى ئۇمىت قىلىمەن.

تەتقىقاتقا قاتنىشىشنى خالايدىغانلار بۇ تىمىنىڭ ئاستىغا ئىنكاس ياكى ماڭا ئۇچۇر قالدۇرسا بولىدۇ.
2012.1.18

مۇناسىۋەتلىك ئۇلىنىشلار:

1. چوڭ بايقاش، جىددىي تەشەببۇس

مەنبەنى ئەسكەرتىپ كۇچۇرۇشكە بولىدۇ.

مەنبە:

http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=8341&page=1&extra=#pid24762

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-7 01:05 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 3651
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14422
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3698 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-7 01:11:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
فىزىك يوللىغان ۋاقتى  2013-5-7 12:44 AM
چوڭ پارتىلاش مودىلىنى چەتكە قاقتىڭىزغۇ ؟ .
ھازىر ھەممە ...

دەۋرى ئالەم تىرمۇ دىنامىكا قانۇنلىرىغا خىلاپ ئەمەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 3651
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14422
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3698 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-7 11:13:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

"فىزىكىنىڭ قىياپىتىنى يېڭىلايدىغان يەتتە چوڭ تەجىربە"دىن تەسىرات

http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=21824&extra=page%3D1


فىزىكا نەزەريىلىرىنىڭ قىيىنچىلىقتا قالغانلىغى،يېڭى تەجىربە نەتىجىلىرىنىڭ فىزىكىنىڭ قىياپىتىنى يېڭىلايدىغانلىغى  بەرھەق.
1.پەرۋەردىگار زەررىچىسى بىۋاستە ئىسپاتقا ئىرىشەلمىدى.ئىرىشكەن تەقدىردىمۇ ئۇ بەرىبىر ھەقىقى مەنىدىكى ئاساسى زەررىچە ئەمەس.ئۇلچەملىك مودىل مىكرۇ دۇنيانى تەسۋىرلەشتە چەكلىمىلىككە ئىگە.
2.چوڭ پارتىلاشنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى تەپسىلاتى ئىنىق ئەمەس.ئۇنىڭ تەپسىلاتنى ئىنىق بىلىش ئۆچۈن غەيرى نۇقتانىڭ رۇشەن تەپسىلاتى بولىشى كېرەك.
3.كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەريىسىنىڭ تولۇق،بېۋاستە ئىسپاتقا ئىرىشمىكەنلىكى پاكىت.
4.«غۇۋا ماددا» ئىنىق،بېۋاستە ئىسپاتقا ئىرىشمىدى.غۇۋا ماددا مەۋجۇت ئەمەس دەپ قارىغۇچىلارمۇ ئاز ئەمەس.
5.نىترونۇنىڭ ئاجىز ئۇزئارا تەسىردىن باشقا تەسىرلەرگە قاتنىشىدىغانلىغى بايقالمىدى.بۇ ئۇزئارا تەسىر ئىدىيىلىرىگە نىسبەتەن ياخشى خەۋەر ئەمەس.
6.كۋانىت نەزەريىسى بىلەن نىسبىلىك نەزەريىسىنىڭ بوشۇق(ماكان)نۇقتىسىدىكى توقۇنۇشىنى پەقەت يېڭى بىر نەزەريە ئارقىلىقلا ھەل قىلىغىلى بولىدۇ.ئىككىسىنى بىۋاستە بىرلەشتۆرگىلى بولمايدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-7 11:14 AM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش