3-ئايدا خۇاۋېي نىڭ 8813 س نى ئالدىم ،يىڭى چىققانكەن . ئىكرانى4.5 سۇڭ ، ھەممە ئىقتىدارى تولۇق ، تورغا چىقسا سۇرئىتى شۇنداق تىز ،ھازىرغىچە بەك رازى مەن بۇ تىلفۇندىن.
لىكىن پەقەپ تىلگىرافنىڭلا كارتىسىنى قوللايدىكەن ،مەيلى ئەمەسمۇ ،ھازىر تىلگىرافنىڭمۇ بەك قولايلىققۇ ؟؟ باھاسى 200 يۇئەن ،100 يۇئەننى تىلفۇن پۇلى قىلىپ ئۇرۇپ بىردىكەن. لىكىن ھەر ئايدا 60 يۇئەنلىك تىلفۇن ھەققى(سۆزلىشىش،تورغا چىقىش ھەمممىسى ئىچىدە) تۆلىشىڭىز كىرەك ،مۇشۇنداق قىلىپ 1200يۇئەن تىلفۇن ھەققى ئىشلەتسىڭىز ئاندىن تىلفۇن ھاقىقىي تۇردە سىزگە مەنسۇپ بۇلدىكەن . ئەسلى مەنمۇ تىلفۇن ئالاي دەپ تۇرغان ،بۇ ئۇچرىشىپ قالدى ،قارىسام بىزدەك ئوقۇغىچىلارغا بەك ماس كىلدىكەن. شۇڭا مۇشۇنىلا سىتىۋالغانتىم،باشقىنى ئالاي دىسەم 1500يۇئەن ئەتراپىدا پۇل خەجلەيتتىم دە، ماۋۇنىڭدا خۇددى ئايغا بۆلۈپ تۆلىگەندەكلا بۇلدىكەن،بۇرۇن تىلگىرافنىڭكىنى ئىشلىتىپ باقمىغان ،شۇڭا باشتا سەل ئىككىلەنگەن، لىكىن مانا ئىككى ئاي بولۇپتۇ ،تىلفۇنغا خەجلىگەن پۇلۇم بۇرۇنقىدىن جىق ئازلىدى . خالىغانچە تورغا چىقالايمەن (ھەققى تۆۋەنكەن)......بۇ بەلكىم شىنجاڭلاردىمۇ بولىشى مۇمكىن، تىلفۇن ئالاي دەپ ئويلىشىۋاتقان تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن مۇشۇلارنى دەپ قويدۇم. تىلگىراف تىلفۇنلىرىنى ساتىدىغان يەرلەرگە كىرىپ سۇرۇشتۇرۇپ باقارسىلەر ....
ئېلانچىدەكلا گەپ قىلىپ كەتتىمغۇ
كۆپچىلىككە پايدىسى تىگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دەپ ئويلاپ سۆزلەپ قويدۇم