مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: jelwa

سىز ئوغۇللار دائىم شۇنداقمۇ؟   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90131
يازما سانى: 314
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 579
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 492 سائەت
تىزىم: 2013-1-16
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-7 10:56:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياز كىلەر كەلمەي قاچان قىش كىلەر دەپ كىتىۋاتىمەن زادى.سوغۇقتىن  قورقۇپ بولسىمۇ يىپىشار ئىدى.بۇ يولداشلىرىمغا مىنىڭ غەلىتە كۆرۈنۈپ كىتىدۇ تىخى .ئىسسىمىدىڭمۇ؟ دىسە،تاس قالىمەن تىرىكىپ ئايلىنىپ قالغىلى

مەن بىر نازۇك گۈل،ئەگەر سەن مىنى پاك مۇھەببىتىڭ بىلەن سۇغىرىپ تۇرمىساڭ،مەن خازان بولىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90131
يازما سانى: 314
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 579
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 492 سائەت
تىزىم: 2013-1-16
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-7 10:58:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
jelwa يوللىغان ۋاقتى  2013-5-7 08:44 PM
مەن تىخى كىچىك بولغاچقا بۇ ئەسەردە خاتا يىزىپ قۇيغان ي ...

ئاپپاق قىز كىچىكلىكنى باھانە قىلماڭ ھە

مەن بىر نازۇك گۈل،ئەگەر سەن مىنى پاك مۇھەببىتىڭ بىلەن سۇغىرىپ تۇرمىساڭ،مەن خازان بولىمەن.

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 4546
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 994
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 4301 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2014-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-7 10:58:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kosowluk يوللىغان ۋاقتى  2013-5-7 10:15 PM
ھەي  ھەي.....................   
  يۇقىردا  دىگەندەك  قىزلارنى  ئۆز ...

كوسۇۋلۇق تۈركىيە كىنۇرلىنى بەكلا كۆردىكەنسىزدە ھە؟؟؟؟بۇ جاھان تېڭى تېڭى بىلەن ...

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80808
يازما سانى: 2578
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11565
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1552 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2015-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-7 11:00:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جەمىيەتتىكى داشقاللار

Made in Answer

ياخشى دوست-بىباھا گۆھەر

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18074
يازما سانى: 775
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11525
تۆھپە نۇمۇرى: 373
توردا: 2271 سائەت
تىزىم: 2010-11-19
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-7 11:03:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلە مەنمۇ ئۇزاق مەزگىل ئويلانغان ھەم تەپەككۈر قىلغان، يۈرۈگۈم پىژىلدىغان مەسىلە.


  مىللەت ئۇرۇشتا يوقالمايدۇ، ياد بىرەر قەۋم بىزنى مىڭ يىللاپ بېسىپ ياتسىمۇ يوقالمايدۇ، پەقەت ئېتىقادىنى يوقىتىپ، ئەيشى ئىشرەت ۋە كەيپ- ساپاغا بېرىلگەن دەۋردىلا روھى زەيىپانىلىشىپ، بىر مىللەتنى تىرەپ تۇرغان مىللىي ئېتىقاد كۈچى ئاجىزلاپ بۇ مىللەت ئاسانلا ئۆزىنى ئۆزى نابۇت قىلىدۇ ھەمدە تىزلا باشقىلارغا قوشىۋېلىنىدۇ.

  ھەقىقەتەن تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى نۆۋەتتىكى ياش قىز- يېگىتلەرنىڭ مۇھەببەت قارشىدا زور بۇرۇلۇش بولدى.  ئاتالمىش ‹ شاش › ‹ شۇشەن ›  ‹ ئاخسا ›  دولقۇنى ئەۋج ئېلىپ، كىشىلەر مۇبەھەببەت دېگەن ئۇلۇغ نەرسىگە ئېشەنمەس ياكى گۇمانسىراش تۇيغۇسىدا بولۇپ قالدى.

     ئۇيغۇر مىللىتىدا تارىخىدا مۇھەببەتلىشىپ توي قىلىش ھادىسى ئاساسەن يوق ئىدى. تارىختا مەيلى يايلاقتا ياشايلى ياكى تۈزلەڭلىكتە ياشايلى، مەيلى بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغان دەۋرىمىزدە بولسۇن ، ياكى ئىسلام دىنىغا كىرگەندىن كېيىن بولسۇن، بىز ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يېگىت قىزلىرى تويدىن بۇرۇن ئاساسەن بىر- بىرىنى چۈشىنىشمەيدۇ، كۆرۈشۈشمۇ ئاز ساندا كۆرۈلگەن، پەقەت توي قىلغاندىن كېيىن، نىكاھتىكى خاسىيەت تۈپەيلى ئاستا ئاستا چۈشىنىشىپ، تويدىن كېيىن مۇھەببەتلىشىش ئۇيغۇرلاردا مۇتلەق يۇقىرى نىسبەتتە ئىدى. زىنا، ئاجرىشىش ئاساسەن مەۋجۇت ئەمەس ئىدى.  
ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئاتالمىش مۇھەببەت ئەركىنلىكى ھەمدە تىنىچ ئۆزگەرتىش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە ئازراقلا ئېڭى يېتىلگەن باشلانغۇچ سەۋىيەدىكى ئوقۇغۇچىلاردىن باشلاپ ئوتتۇرا ياشتىكى ئائىلىسى بارلارغىچىمۇ مۇھەببەت، ئاشنا ياكى زىنا ئەۋج ئالدى ياكى شۇنداق بولۇشقا قاراپ ماڭدى. مۇھەببەتلەشكەنلەر پەقەت مۇھەببەتلەشسىلە مەيلىتى ، يۈرەكلىك ھالدا زىنا قىلىپ، بەزى ئوغۇل دوستلىرىمىز ھاراق بۇتۇلكىسىنى سانىغاندەك  قىزلىقى بارىدىن مانچە، يولى ئۇچۇقتىن مانچە دەپ پەخىرلىنىدىغان،   ھازىرقى جەمئىيەتتە ساق قىز قالمىدى، قىزلارمۇ شاش ئوغۇللارغا ئامراق، ئويناچى ياتاقچى، دىباچى ئاخسا ئوغۇللارنىڭ يېنىدا يۈزلەپ قىزلار، يۇۋاش يۇمشاق، ئېسىل يېگىتلەر بويتاق، مانا بۇ ئىسپات، شۇڭا شاشراق بۇلايلى.ياشايلى، ئوينايلى، بىرە قۇساق، ئىككى قۇساق  دېگەندەك پۈچەك ئەقىدە ئازدۇر كۆپتۇر ئومۇملاشتى.

    چاۋاك ئىككى قولدىن چىقىدۇ. ئەلۋەتتە قىزلارنىڭ بۇزۇلۇپ، كوچا كويلاردا شاپاق نەقى ياكى ئەۋرەز يولىغا ئايلىنىشىدا ئۆزىنى ئەركەك دەپ سانىغان يېگىتلەرنىڭ مۇتلەق مەسئۇلىيتى بار.  قىزلارنىڭ ئىپپپەت ھەم پاكلىققا، تېنىنىڭ، روھىنىڭ پاكلىقىغا ئەھمىيەت بېرەلمەسلىكى، ياخشى كۆردۈمغۇ ، مۇھەببىتىمغۇ، ئەرزىيدىغۇ دېگەندەك پۈچەك ، ھېسسىي تۇيغۇلار بىلەن پاكلىقىنى تەقدىم قىلىشى ۋە ياكى نىكاھسىز بىرگە بولۇشى ، كېيىن يېگىتلەرنىڭ ئىپپىتىنى ساقلىيالمىغان بۇ قىزنى تاشلىۋېتىشى، قىزلارنىڭ ئوغۇللارنى ۋىجدانسىز، غورۇرسىز دەپ قاقشىشى تەكرار تەكرار يۈز بېرىۋاتقان مەسىلە.     

    بىر مىللەت خوتۇن قىزلىرىنىڭ كوچا كويلاردا باھاسىنىڭ چۈشىشى، شۇ مىللەت ئەركەك زاتىلىرىنىڭ غورۇرى پەس، روھى زەئىپانە، مەسئۇلىيەتسىز ، ئىنساپسىزلىقى سەۋەپچى بولىدۇ.  ئاللاھ تائالا  ئايال زاتىنى ئەركىشىنىڭ بىر قوۋۇرغىسىدىن ئېلىپ ياراتقان، ھەم ئىسلامىمىزدىمۇ ئاياللارنى باشقۇرۇش، قوغداش، بېقىش ھوقۇقى ۋە مەسئۇلىيتىنى ئەرلەرگە يۈكلىگەن. شۇنداق بولغان ئىكەن، بىر مىللەت ئەركەكلىرى خوتۇن - قىزلىرىنىڭ كوچىغا چىقىپ قېلىشىنىڭ ئەڭ ئاۋالقى سەۋەبچىسى.  
   تارىختىن بۇيان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەركەك زاتىلىرى  خوتۇن- قىزلىرىنى يات ئۇرۇقلارغا تارتۇق قىلىش، قۇدىلىشىشنىمۇ نۇمۇس دەپ ھېسابلايتتى. ئۇرۇق ئەۋلادى قىرىلىپ تۈگىشىگىمۇ رازى ئىدىكى، خوتۇن قىزلىرىنى بەزىلەردەك قۇدىلىشىمىز دەپ جان ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ستېىپ بازارغا سالمايتى، قوغدايتتى، ئاسرايتتى.
           
بىر مىللەت خوتۇن قىزلىرى،  قوۋمىنىڭ بېشغا كۈن كەلسە ئۇنى قوغداش، ئاسراش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش، جان پىدا قىلىش، ئەركەك زاتىلەرنىڭ يۈكسەك مەسئۇلىيتى ۋە قېچىپ بولالمايدىغان مەجبۇرىيتىغۇ؟
  
   بىز بىر مىللەت كىشىلىرنىڭ ھەممىسىنى ئۆزگەرتىپ قوغداپ بولالمايمىز، لېكىن ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ قوغداپ قېلىشقا تامامەن كۈچىمىز ھەم ئىمكانىيتىمىز يېتىدۇ. ئائىلىدە ئاچا- سېڭىللىرىڭىزنى، تالادا ئۇرۇن- تۇغقانلارنى،  جەمئىيەتتە سىز يېگىتلىك لەۋزىڭىز بىلەن سېنى سۆيىمەن جېنىم  دېگەن سۆزىنىڭ ھالاللىقىغا ئەمەل قىلىپ، سۆيگەن يارىڭىزنىڭ قىزلىق ئىپپىتى ۋە پاكلىقىنى قوغداپ قالالىسىڭىز ھەمدە ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇنى ھالاللاپ نىكاھقا ئېلىپ، يېگىتلىك جاسارىتىڭىز بىلەن ئەل جامائەت ئالدىدا ئۇچۇق ئاشكارا ئالدىم دەپ پەخىرلىنىپ، ئەرلىك ھەيۋىڭىز بىلەن ئايالنى بويسۇندۇرۇپ، ئائىلە قۇرغاندىن كېيىن پەرزەنتىڭىزنى ئەخلاقلىق ۋە ئىپپەتلىك، ئېىقاتلىق ۋە ئىلىملىك قىلىپ تەربىيلىسىڭىز   مۇشۇ ئەڭ چوڭ تۆھپە...  ئەجابا بىر جان ئىگىسى بۇنى قىلالماسمۇ؟ بىر ئەركەك زاتىنىڭ قۇلىدىن بۇ كەلمەسمۇ؟

    بىزنىڭ ئوغۇللاردىن نەپرەتلىنىدىغان ، قاخشايدىغان يولىمىز ھەم خاتا،،قىزلارنى ئۇنداق بۇنداق ئىپەتسىز، بۇزۇق ئۇ بۇ دەيدىغان يولىمىزمۇ خاتا...جەمئىيەتكە چۈشكەن راك ھۈجەيرىسىنى يىلتىزىدىن قۇرۇتۇش كېرەك. ئەمما بۇنى ئۇچۇق ئېچىپ دېمەيمەن. بىزنى يېتەكلەپ، مېڭىۋاتقان ئىدىيە بىلەن ئائىلە ۋە مەكتەپ ، جەمئىيەت تەربىيسى بىرلىككە كەلمىگەن، پىكىر ئېقىمى قارشى. ئىدىيە بىرلىككە كەلمىگەن، روھ قاغىجىرغان، تەپەككۇرى قالايمىقانلاشقان ئەلنىڭ تەقدىرى قانداق بولماقچى؟ ئېھ، بۈيۈك خانلىقلىرىمىز....ھەي، بولدىلا ،،،مۇشۇ يەردە ئىنكاسنى ئاخىرلاشتۇراي.

بىر قوشۇق تۇز بىر قازان ئاشقا تېىتىيدۇ. « كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ». « سۇغا سالساڭ سۇ كۆتۈرمەس مىسقال تۆمۈرنى، ئالتۇن بېرىپ ئېلىپ بولالماس قالغان كۆڭۈلنى». « لەيلىنىڭ جامالىنى كۆرۈشكە مەجنۇننىڭ كۆزى كېرەك»

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86794
يازما سانى: 420
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1507
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 428 سائەت
تىزىم: 2012-11-3
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-7 11:04:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاساسلىق سەۋەب دىننى ئېتقادنىڭ سۇسلىقى............         

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92979
يازما سانى: 650
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2140
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1064 سائەت
تىزىم: 2013-3-9
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-7 11:10:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇمەسئۇلىيەتنىڭ ھەممىسىنى ئوغۇللارغا ئارتىپ قويۇش سەل بىر تەرەپلىمە بولۇپ قالدىمۇ قانداق؟

يەنە بىر ئىش ،سىز قانداق ئادەملەر بىلەن ئارلاشسىڭىز شۇنۇڭغا لايىق ئادەملەر بىلەن ئۇچىرشىش ئىمكانىيىتى بولۇدۇ .(قاسساپنىڭ قاسساپ دوستى بار ›دىگەندەك.  

ئەمدى سىز ئەخلاقلىق ،ماڭسا ئۆزىنىڭ ئىزىدىن باشقا يەرگە قارىمايدىغان قىزلار بىلەن ئارلىشىپ بىقىڭ ھەم ئۇلار بىلەن باردى-كەلدى قىلغان ئوغۇللارنى كۆرۈڭ . مانا شۇ ۋاقىتتا جەمىيەتتە قانچىلىك ئىسىل يىگىتلەرنىڭ بارلىقىنى بىلىپ قالىسىز.

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
sewdaye + 40 ما گەپ نەخ جايىدا گەپ .
diyarm + 10 ئىسىل ئىنكاس

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88840
يازما سانى: 298
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 923
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 310 سائەت
تىزىم: 2012-12-20
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-7 11:17:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
         نۇپۇسنىڭ كۆپۈيىشىگە ئەگىشىپ نۇمۇسىمىز ئازلاۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى سوتسىيالىستىك ئەخلاق تەربىيسىنىڭ نەتىجىسى،ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئەخلاق قۇرۇلمىسى يىمىرىلىپ بولدى،ھازىرچە دۆلەتكە ئانچە تەسىر كۆرسىتەلمەسلىكى مۇمكىن،ھازىرقى ھوقوقلۇق خەنزۇلاردا ئاز بولسىمۇ ئىتىقات بار،  بىراق  ھازىرقى ئەۋلات خەنزۇ ئەۋلاتلىرىدا ئىتىقات يوق ،90 يىلنىڭ ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى دۆلەتنىڭ سىياسى ،ئىجتىمائى ،ئىقتىسادى ھوقوقىنى قولغا ئالغاندىلا ،دۆلەتنىڭ ئەخلاق قۇرۇلمىسى قالايمىقانلىشىدۇ.بىر دۆلەت ئەخلااقسىز قەد كۆتۈرەلمەيدۇ.ھەرقانداق ئىتىقاتسىز دۆلەت ھامان يىمىرىلىدۇ،بۇ پەقەت ۋاقىت مەسلىسى.
    ئەمدى بىزدىكى ئەخلاق كېسىلىگە كەلسەك ،بۇ بىر خەلىق ئارالىق مەسلە.ھەممە ئىشلار نۇر جەمىيتىنىڭ پىلانى بويىچە مېڭىۋاتىدۇ.لىكىن ئۇيغۇرلاردىكى ئەخلاق ھەرگىز يىمىرىلگىنى يوق، بۇ پەقەت مائارىپنىڭ يىتەرسىزلىكىدىن بۇلۇۋاتقان ئىشلار……
        

ئۇيغۇر بولساڭ باتۇر بول،بولمىسا يوق بول!

ھىسياتقا تەسلىم

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66365
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6356
تۆھپە نۇمۇرى: 1038
توردا: 909 سائەت
تىزىم: 2011-11-22
ئاخىرقى: 2013-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-7 11:17:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

گۈلنى قۇلىىدا تۇتۇپ پۇراۋاتقان كىشىگە قارىغاندا،گۈلنىڭ پۇرىقىنى يىراقتىن پۇراۋات كىشى گۈلگە بەكرەك تەشنا كىشىدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94621
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1105
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 809 سائەت
تىزىم: 2013-4-10
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-7 11:25:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەسئۇلىيەتتىن قاچمايمىز،بىز ئوغۇللاردىممۇ بار،ئەمما ئۇنداق مۇتلەقلەشتۇرۋەتمەڭ،ھەممىسى ئوغۇللاردا دىمەڭ،بۇ ھەقتە بىر ئومۇر تالاش تارتىش قىلساقمۇ نەتىجە چىقمايدۇ،ئاشۇنداق ئوغۇللار ھەقىقەتەن بار،ئەمما ھەممىسى ئەمەس،سىلەر قىزلادىنمۇ سوراپ باققۇم بار،نىم دەپ ئاشۇنداق ئوغۇللارغا كانىدەڭ چاپلىشىپ ئىمانى بار ،ۋىجدانى بار مەسئۇلىيەتچان ئوغۇلارنى ياراتمايسىلەر؟ئوزىچە مەتۇ،ئىدىيىسى قالاق،زاماننىڭ كەينىدە قالغان دىگەندەك گەپلەر بىلەن شۇنداق ئىسل ئوغۇللارنى رەت قىلالايسىلەر،ئەمما ئاشۇنداق ناكەس ئوغۇللارنىڭ شىرىن-شىكەر گەپلىرىگە بەرداشلىق بېرەلمەي ئوزۇڭلارنى تۇگەشتۇرۋالىسىلەر،ھېچكىم سىلەرنى ھېچقانداق ئىشقا زورلىمايدۇ،مەجبۇرلىمايدۇ،بەزى ئىشلارغا مەجبۇرلىغان تەقدىردىمۇ سىلەردە ئوزۇڭلارنى قوغداش،ئاسراش،قەدىرلەش ئېڭى بولدىكەن چۇقۇم ئۇنداقلارنى رەت قىلالايسىلەر،ئەمما بەزى قىزلار ئۇنداق ئوغۇللاردىن ئوزىنى تارتالمايدۇ،نۇرغۇن مەسئۇلىيەتچان ئەركەكلىرىمىز بار،بەلكىم ئاشۇنداق يىگىتلىرىمىز ئوزىنىڭ سويگۇنىگە بىرەر ۋاق ناماز ئوتەش،ئۇيغۇرغا،مۇسۇلمانغا لايىق كىيىم كىيىش،ئوزىنىڭ ئىززىتىنى ساقلاش ئوزىگە سادىق بۇلۇش ،باشقا ئوغۇللاردىن مۇناسىۋېتىنى ئۇزۇش تەلىپىنى قويسا نۇرغۇن قىزلارغا خۇش ياقماسلىقى،ئەركىنلىكىنى بوغۇۋالغان،ئىشلىرىغا ئارلىشىۋالغان قاتارىغا چىقىشى مۇمكىن،مۇشۇنچىلىك ئاددى تەلەپلەرنى قاندۇرالمىغان قىزلاردىن ۋاپا كىلەرمۇ سىلەرچە؟بۇنداقلارغا چىرايلىق سوزلەپ يولغا ئەكىرىش كېرەك،شۇڭا بۇ يەردە بىر بىرىمىزدىن ئاغرىنىشنىڭ ئورنى يوق،ھەممىمىز ئوزىمىزنىڭ ئەتراپىدىن باشلىساق،سىڭىللىرىمىزدىن،ئاچىلىرىمىزدىن،ھېچ بولمىغاندا ئوزىمىز سويگەن ئاشۇ ئوغۇل -قىزلاردىن باشلىساق،بولمىغان يىرىنى ۋاقتىدا تۇزۇتىشىگە،ئوزگەرتىشىگە ياردەم  قىلساق بۇلىدۇ. ئوزۇڭلار سويگەن ئادەمگە سادىق بولالىساڭلار،بۇنداق يوللۇق تەلەپلەرنى ئورۇندىساڭلار ئەتراپىمىزدا بۇنداق قىزلارنىڭ قەدىرىگە يىتىدىغان يىگىتلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس،گەپ ئوزەڭلەرنىڭ تاللىشىدا،قۇرۇق گەپنى جىق قىپ قويدۇم،تىما ئىگىسى رەنجىمەڭ.تىمىڭىزغا رەخمەت.

http://xadiman.tawarim.com/   تاۋارىم شادىمان بالىلار دۇنياسىغا قەدەم تەشرىپ قىلىڭ،ئوماقلىرىڭىزنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشى بوپ قالغۇسى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش