ھاياجان بىلەن پىكىر قىلىش ھىچنىمىگە ئەسقاتمايدۇ . بىلىشىڭلار كېرەككى ، ھەر قانداق نەرسىنىڭ ئىككى تەرىپى بولىدۇ . چىۋىننى مىسالغا ئالساق : ھەممىمىز مەينەت ، مىكروپ تارقىتىدۇ ، كېسەل يۇقتۇرىدۇ ... دەپ يىرگىنىمىز . ھالبۇكى ، ئەگەر ئاشۇ مەينەت چىۋىن بولمىسا بىز ياشاۋاتقان يەر شارى ئىنسانلار چىقارغان ... لار دەستىدىن نەپەس ئالغىلى بولمىغۇدەك ھالەتتە سېسىقچىلىق ۋە مەينەتچىلىككە تولۇپ كىتەتتى .
قارا مېھمان مەسلىسىگە كەلسەك : يۇقىرىدا كۆپچىلىكنىڭ ئىنكاسلىرىغا قارىغاندا ئۇيغۇردىكى قارا مېھمان مەسلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى بىر بولسا يامان كۆرۈش ، ( نىمە سەۋەبتىن يامان كۆرىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ ) بىر بولسا مەنسىتمەسلىك ( ھەسەتتىن ) ئىپادىسىنى بىلدۈرگەن . ئەمەلىيەتتە ، ھەر قانداق نەرسىنىڭ ، بولۇپمۇ كومپىيۇتېر ۋە باشقا ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ تېخنىكىسىنى ئىگىلەش ئۇنداق ئوڭاي بولمىسا كېرەك . تېخنىكىدا ھەمە ئىش ئاساسەن باشلانغۇچ سەۋىيەدىن باشلاپ ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ . يۇقىرىدا تېما ئىگىسى قېرىندىشىمىزغا بەزى ئىنكاسچىلار يوق نەرسىنى پەيدا قىلىش تەلىپىنى قويۇپتۇ . بۇ تەلەپنى ھازىرچە سەل ئارتۇق ، كېتىپتۇ دىيىش كېرەك . چۈنكى ، ئۇيغۇرلار ئىنتېرنېت تۇرمۇشىغا كىرگىلى بەك ئۇزۇن بولمىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپىنچە پروگرامما تىلى ئېنگلىز ۋە خەن تىللىرىدا . ۋەھالەنكى ، ئانا تىلى ئېنگلىز ۋە خەن تىلى بولمىغان ئۇيغۇر قارا مېھمانلىرىنىڭ بۇنچىلىك سەۋىيەگە يىتەلىشىمۇ ناھايتى كۆپ تىرىشچانلىق بىلەن بولىدىغان ئىش .
يەنە بىر جەھەتتىن ، قارا مېھمانلارنىڭ بۇزغۇنچىلىق خاراكتىرىنى ئالغان قىلمىشلىرىنى قۇۋۋەتلىمەيمىز . ئەمما ، ئۇنىڭ قىلغانلىرىنىڭ مىللەتنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كىلىش - كەلمەسلىكىگە قارايمىز . مېنىڭ بىلىشىمچە ، گېپسون 2 قاتارىدىكى قارا مېھمانلار
www.konqak.com ۋە
www.hayattoli.com ... قاتارلىق مۇنبەرلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ ، ئەقىدە ئوغرىلايدىغان ۋە بۇزۇقچىلىقنى تەرغىپ قىلىدىغان بۇ زىيانداش مۇنبەرلەرنى نورمال ئېچىلالماس قىلىۋەتكەنىدى .
يەنە بىر نۇقتىدىن قارىغاندىمۇ ، مىللەت تەرەققىياتىنىڭ يۈكسىلىشىگە نىسبەتەن مىللەت ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئۇچۇر - ئالاقە سېستىمىسىغا دۈشمەنلەرنىڭ تۈرلۈك قىلتاق ۋە قاپقانلىرىنى ۋاقتىدا بايقاش ۋە يوچۇقلارنى ئىتىش ، دۈشمەنلەنىڭ ئۇچۇر سېستىمىلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ۋە ئۇلارنى پالەچ قىلىپ ، دۈشمەنلەر بىلەن بولىدىغان رىقابەت ( ئېنتىرنېت جېڭى ) تە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەش ئۈچۈن ، چوقۇمكى ، تېخنىكىسى ياخشى ، پىشقان خاككىرلارغا مۇھتاج بولىمىز . ۋەھالەنكى ، بىخ ھالىتىدە تۇرغان ئۇيغۇر خاككىرچلىقىغا مۇشۇنداق پوزىتسىيە تۇتساق ، مەسلىنىڭ بىر تەرىپىنىلا كۆرۈپ ، پايدىلىق تەرىپىنى ئىنكار قىلساق ياخشى بولامدۇ ؟!