ئەخمەد يوللىغان ۋاقتى 2013-5-10 11:38 AM
قايسى شەھەردىن؟
يۇپۇرغا ناھىيىسى ! ئەترەت باشلىقىدىن سورىدىم ، قەيەرنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرشى بۇ دېسەم ، ناھىيىنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرشى دەيدۇ .
ئەمسە ناھىيىدىن چۈشۈرگەن مۇداپىيە پۇلى يىغىش توغۇرلۇق ھۆججىتى بارمۇ دېسەم ، يوق دېدى .
پۇل تاپشۇرسام قۇلۇمغا مەندىن مۇداپىيە پۇلى يىققانلىق تالۇن يېزىپ بېرەمسىلە دېسەم ، ياق دېدى .
باشقا ناھىيىدىمۇ شۇنداق ئىش بارمۇ ؟ بىر مو يەرنىڭ سۇ ھەققى 100 يۈەن . ئېرىق ئۆستەڭ چېپىشقا ھاشار سېلىپ بىكارغا چاپىمىز ، ئادەم كۈچى بىلەن چېپىشقا بولمايدىغان يەرلەرنى تۇپا كولاش ماشىنىسى بىلەن چاپىدۇ ، ماشىنىنىڭ ھەققىنى يەنە دىھقانلاردىن يىغىدۇ ، شۇنداق تۇرسىمۇ يەنە ئامبار مۇداپىيە پۇلى دەپ بىزدىن نىمىشقا ھەق يىغىدۇ ؟
بىزدىن پۇل يىغىپ مۇداپىيە قىلمىسا ، ناھىيىنىڭ ئۈزىنىڭ مالىيەسىدە پۇل يوقمۇ ؟ سۇ قۇرلۇش ئىنشائاتى دېگەن مۇھىم تۈر تۇرسا يۇقۇردىن مەبلەغ ئاجراتمامدۇ ؟ قەيەرگە ئىنكاس قىلىشنى بىلمىدىم ، بايا بىر تورداش نۇمۇر قالدۇرۇپ قۇيۇپتىكەن ، ئۇلانمايدىغان نۇمۇر ئوخشايدۇ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا !UYGHURJAN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-10 12:19 PM