yurkimzida يوللىغان ۋاقتى 2013-5-11 11:11 AM
يېقىندا بىرسىدىن نىمىشقا ھەقنى تۇنۇپ تۇرۇپ ،ياخشى يام ...
ئەسسالامۇئەلەيكۇم قېرىندىشىم ئىنكاسىڭىزدىن قانداق ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى چۈشەندىم.مەئسىيەتلەرئارىسىدا تۇرۇپ،ئەشۇ ئۈلۈمدىن غاپىل ئاياللارغا ھەق توغرىسىدا نەسىھەت قىلغىنىڭىز ئۈچۈن سىزدىن ئاللاھ رازى بولسۇن.پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇبارەك ھەدىسلىرىدە ئاتا-ئانىلار پاسىق،ئاسىي،ھەتتا مۇشرىك بولسىمۇ ياخشىلىق قىلىشىمىزنى ئېيتقان.بىراق ئاللاھقا،رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ئاسىيلىق قىلىش جەھەتتە ھېچكىمگە ئتائەت يوق.ھازىرقى بىر قىسىم قىز-ئاياللارنىڭ كۇفرىدا ئەزۋەيلەپ كېتىشىدە بىر قىسىم ئاتا-ئانىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى بار.يەنى غاپىل ئانىلار دەييۈز ئاتىلارنىڭ قىزلىرىنى،ئاياللىرىنى كۇفرىدىن توسمىغانلىق گۇناھى ئاتا-ئانا،ئەر بولغۇچىغىمۇ شۇ پېتى كېلىدۇ.ئاللاھنىڭ رازىلىقىدىن بەندىنىڭ رازىلىقىنى (يالاڭباش بۇلۇش،ھايۋان سۈپەت كىيىنىش،غەيرى دىندىكىلەرگە ئوخشاپ قېلىش جەھەتتەھەتتا ئاتا-ئانا بولسىمۇ )چوڭ بىلگەنلەر
ئۇچۇق ئازغانلاردۇر.
بىرقىسىملارنىڭ بىرياقتىن ناماز ئۇقۇپ،بىر ياقتىن يەنە يېرىم-يالىڭاچ،يالاڭباش يۈرىشى نامىزىنىڭ قۇبۇل بولمىغانلىقىنىڭ روشەن دەلىلى.[ناماز گۇناھلاردىن تۇسىدۇ»-دېگەن قۇرئانىمىز.دىمەك ئۇنداق رىياكارلارنىڭ نامىزى مەقبول بولمىغان.شۇڭا ئەمەلىيىتىگە تەسىر كۆرسىتەلمىگەن.قاچانىكىى بۇلارنىڭ نامىزى دەرگاھى ھەققە ئۆرلىسە،(ئاللاھنىڭ رەھمىتىگەئېرىشسە)بىركىم نەسىھەت قىلمىسىمۇ ئۆزلىكىدىن چاچلىرىنى ،ۋە باشقا ئەۋرەتلىرىنى يۆگەيدۇ.بىرقىسىملاردەك ئىمانى كىكىرتىگىنىڭ ئاستىغا ئۆتمىگەنلەر مانا بىز ئاخىر زامان ئۈممەتلىرىنىڭ سۈپىتى.