gawda يوللىغان ۋاقتى 2013-5-12 09:51 AM
كىتاپ مېنىڭ قانداق ساتقىم كەلسە شۇنداق ساتىمەن،يول ك ...
گەپ ئېغىر كەلگەن ئوخشىمامدۇ خوجايىن ئەپەندى؟ «كىتاپ مېنىڭ قانداق ساتقىم كەلسە شۇنداق ساتىمەن،يول كۆرسەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ» بۇ گەپلىرىڭىزنى قانداق چۈشىنەي ئەمدى؟
بىزنىڭ كۆپ قىسىم كىتابچىلىرىمىزدا مانا سىزگە ئوخشاش ئىدىيە بولغاچقا، بىزنىڭ ئۇيغۇر كىتابچىلىقىمىز تەرەققىي قىلمىغان. 150يۈەنلىك كىتابنى 130يۈەندىن ساتقىنىڭىز زىيان تارتىپ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلغىنىڭىزكەن-دە؟ ئۇنىمۇ كۆزۈم كۆرگەن. لېكىن، كىتابلارنىڭ باھاسىنى ئۇنداق چۈشۈرۈپ سېتىش بۇ تەرەپلەردە ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال بولغاچقا ئۇ باھا ھەقتە توختالغۇم كەلمىگەن. ئىشىنىمەنكى، 130يۈەنگە ساتسىڭىزمۇ ئۆزىڭىزگە يېتەرلىك ھالدا پايدا ئالالايسىز. چۈنكى نەشرىياتتىن بىۋاستە ئەكەلدۈرگەن ياكى كىتابنى توپ تارقاتقۇچى كىتابخانىلاردىن ئەكەلدۈرگەن كىتابلار 50%باھاسىغا يەتمىگەن ھالدا قولغا كېلىدۇ. (بۇنى مەن ئۈرۈمچىدىكى بىر شەخسىي كىتابخانىدا ئاڭلىغان) دېمەك، كىتاب قانچە بۇرۇنقى كىتاب بولغانسىرى، ئۇ كىتابلارنىڭ كىتابچىلارنىڭ قولىغا كېلىش باھاسى شۇنچە تۆۋەن بولىدۇ. (ئەگەر بىرنەچچە رەت قولدىن-قولغا ئۆتمىگەن بولسىلا) شۇڭا، بىزنىڭ كىتاب سودىگەرلىرىمىز ئاز پايدا ئېلىپ ، كۆپ سېتىشنى ئويلىشىشى ۋە سىناق قىلىشى كېرەك. چۈنكى، بىرنەچچە كىتابنى يۇقىرى باھادا سېتىۋالغانغىلا بىر قېتىمدا باي بولۇۋالغىلى ياكى ئېلىشقا تېگىشلىك پايدىنىڭ ھەممىنى ئېلىۋالغىلى بولمايدۇ. ئەگەر يەنە پىكرىڭىز بولسا ئاڭلاشقا تەييارمەن. لېكىن، كىتاب سودىگىرىگە خاس ھالدا ئىلمىي پىكىر قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.