رۇستەم قاراسۇ ئىجادىيتى
<بايرام مۇناسىۋتى بىلەن>
ئانىلارغا
ئانىلارنىڭ بايرىمى بۈگۈن،
ئايىغىغا باش قويماق كېرەك.
ئامان بولسۇن شۇ مىھرىبانلار،
ئانىلارغا تېلەيمەن تېلەك.
ھاياتلىقنىڭ ھەر دوقمىشىدا،
پەرزەنىت ئۈچۈن رىيازەت چەككەن.
ئاقارماستىن قۇندۇز چاچلىرى،
شۇ ۋەجىدىن قېرىلىق يەتكەن.
تەنگە داۋا كىسەلگە شىپا،
شور تونورغا ياققان زاغرىسى.
ئەجرى ئۈچۈن دەستە گۈل سۇنسۇن،
ئانىلارنىڭ يۈرەك باغرىسى.
لايىقىدا بولمىدى نەزمەم،
كەچۈرۈڭلار بار بەلكىم كىمى.
قالدى چالام ئەمما تىلىكىم،
ئامان بولسۇن ئانىلار جىمى.
رۇستەم قاراسۇ ...ئاتۇش
كېچىڭىز
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا rustorahbar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-11 08:17 PM