مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: uzkui

ئۇيغۇر تارىخدىكى ئون مەشھۇر شەخسنى بىلەمسىز؟   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89178
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1195
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 120 سائەت
تىزىم: 2012-12-27
ئاخىرقى: 2013-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-12 11:10:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپپاق خوجىنى 10 مەشھۇرنىڭ ئىچىگە كىرگۈزگەنلىكىگە مېنىڭ باشقىچە پىكىرىم يوق. ئاشۇ مۇناپىقنى مۇشۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈپ، كېيىنكى ئەۋلادلارغا مەڭگۈلۈك ساۋاق قىلىپ قالدۇرۇش بىر ياخشى ئىش. ئەۋلادلىرىمىز ئاشۇ مۇناپىقنىڭ ئەپتى بەشىرىسىنى تېخىمۇ ئېنىق بىلىپ، كېيىنكى كۈنلەردە قىلغان ھەر بىر ئىشىنى ئۆز خەلقىگە زىيان سالماسلىق، يۇرتقا، دىنىغا ئاسىي بولماسلىق ئاساسىدا قىلىشنى ئۆگىنىدۇ. مەھمۇد قەشقىرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپنى ئۇيغۇر ھاياتىنىڭ يېڭى تەرتىپىنى بەلگىلىمىگەن دەپ كىم دەيدۇ؟ مەھمۇد قەشقىرى يالغۇز ئۇيغۇرتىلىنىڭ ھاياتىنى ئەمەس بەلكى پۈتۈن تۈرك تىلىنىڭ ئومومىي يۆنىلىشىنى بەلگىلىگەن. تاكى ھازىرغىچە تۈركىلوگىيە تەتقىقاتىنىڭ شەجەرىسى دەپ تەرپلىنىۋاتقان بۇ كىتاب ۋە مەھمۇد قەشقىرى پۈتۈن دۇنيا خەلقىگە ۋە ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىغا مەڭگۈلۈك ئىپتىخارلىق ۋە ئويغاتقۇ ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەقدىرىگە تەسىر كۆرسەتكىنى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تەقدىرىگە تەسىر كۆرسەتكەنلىك بولمامدۇ!؟
مەھمۇد قەشقىرىنىڭ تۈركىي تىللار دىۋانىلا ئەمەس يەنە ئۇنىڭ سەللە كىيىپ ساقال قويغان ئۇيغۇرغا خاس تۇرقىلا كېيىنكى ئەۋلادلارغا غايەت زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. كوسا ئەۋلادلار سەللىلىك، ساقاللىق، كۆزلىرىدىن شىجائەت ۋە باتۇرلۇق كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان مەھمۇد بوۋىمىزنى كۆرگىنىدە ئۇيغۇرنىڭ ئەزەلدىن مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرغا ساقال ۋە سەللىنىڭ نەقەدەر يارىشىدىغانلىقىنى، ساقال ۋە سەللىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇردا ئىمان شىجائىتىنىڭ ئاجىر بولىدىغانلىقىنى، ئەرلەرگە خاس سالاپەت ۋە ھەيۋىنىڭ ئىسلام ۋە بىلىمدىن كېلىدىغانلىقىنى ھەقىقىي تونۇپ يېتەلەيدۇ!!!
ئاماننىساخاننىڭ ئىككىنچى ئورۇنغا تىزىلىشى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئەۋلاد تەربىيەسىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: «ئۇيغۇر سەنئەت مىللىتى»، «ئۇيغۇرلار ناخشا-ئۇسۇلغا ماھىر»، «ئۇيغۇرلار نەغمە ناۋاچى» دېگەن ناملار ئاڭلىماققا قۇلاققا خوش ياقىدۇ. لېكىن ئىسلام بىلەن يۇغۇرۇلغان ئۇيغۇرغا، مەھمۇد بوۋىمىزغا، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ سۆزلىرىگە قارىساق، ئۇيغۇرنىڭ سەنئەتتىن بەكرەك ئىلىم-پەن، پەلسەپىگە، ئىجادىيەتكە ھېرىسمەن ۋە ماھىر ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. لېكىن ھازىر تېلۋىزور ۋە رادىيودىكى قويۇلىۋاتقان پىروگراممىلارغا قارايدىغان بولساق، ئۇ پىروگراممىلاردا كۆپىنچە بالىسىنى كىچىك تۇرۇپلا ئۇستا ناخشىچى قىلغان ئاتا-ئانا، كىچىك تۇرۇپلا ئۇسسۇلغا ماھىر بالا، كىچىك تۇرۇپلا تېلۋىزوردىكى ناخشىچىلارنى دوراشنى ئۆگەنگەن سەبىيلەر زىيارەت قىلىنىۋاتىدۇ. ئاشۇ زىيارەتنى كۆرگەن نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلار بىلىپ-بىلمەي سەنئەت ساھاسىنىڭ ئەڭ ئۇتۇق قازانغىلى بولىدىغان ساھە ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپ قېلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرغا ماس كېلىدىغان، ئۇيغۇرنى جاھانغا تونۇتالايدىغان كەسىپنىڭ ناخشا-ئۇسسۇل ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىۋاتىدۇ! بىراق مىڭ ئەپسۇس، ناخشا-ئۇسسۇل ھەرگىزمۇ ئۇيغۇرنى يۈكسەلدۈرەلمەيدۇ، ئۇيغۇرنى جاھانغا تونۇتالمايدۇ، ئۇيغۇر دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمايدۇ. ئۇيغۇر ئاللاھقا يۈزلىنىپ، ئىمان ئېتقادىنى ئاللاھقىلا بېغىشلىسا، ئاللاھتىن باشقا ھېچكىمدىن ئۈمىد كۈتمىسە، باشقىلارنىڭ ھەسەلدەك گەپلىرىگە ئىشەنمەي، ئاللاھنىڭ سۆزى ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۆزىگىلا ئەگەشسە، ئاندىن يۈكسىلەلەيدۇ، قۇدرەت تاپىدۇ ۋە جاھانغا تونۇلىدۇ!
تارخقا قارايدىغان بولساق، ھېچبىر مىللەتنىڭ ناخشا ئۇسسۇلى يوقاپ كەتكىنى يوق! ئاۋۇ ناخشا ئۇسسۇل مېنىڭ ئىدى دەپ دەۋا قىلىۋاتقان ھېچقانداق مىللەت يوق! ناخشا-ئۇسسۇلنى تالىشىدىغانلار ناھايىتى ئاز، لېكىن ئالىمنى، ئىلمىي كىتابلارنى، ئادىل پادىشاھلارنى تالىشىدىغانلار كۈرمىڭ.
ئاماننىساخان 12 مۇقامنى رەتلىمىگەن بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار ناخشا-ئۇسسۇللۇق ھاياتىنى داۋام قىلىۋىرەتتى. ئەمەلىيەتتە، ئاماننىساخاننىڭ تەكلىپى، ئابدۇرەشىتخاننىڭ قوللىشى ۋە پىلانلىشى ئاستىدا ۋۇجۇدقا چىققان ئۇ ئىشنى ئاپاق خوجا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن چىققان خوجىلار ئىزىنىمۇ قويماي ئۆچۈرۈپ تاشلىدى. تاكى مۇقامشۇناس تۇرداخۇن ئاكا زامانىغا كەلگۈچە 12 مۇقام ئون ئىككى ئالەمدە چاڭ-توزاندەك چېچىلىپ يۈردى.
ئاماننىساخاندەك ئادەتتىكى «ئېتىز غەزەلخان»نىڭ پۈتۈن سەئىدىيە خاندانلىقدىكى چېچىلىپ يۈرگەن ناخشا-ئۇسسۇلنى رەتلەپ، كىتاب قىلىپ تۇرغۇزالىشى ۋە ئاشۇنداق چوڭ تۈرنى تاماملىيالىشى ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. مەسىلەن: ھازىر جوڭگودا خەلق ئىچىدىكى ئەلنەغمە نومۇرلىرىنى رەتلەپ تاماملاش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلماقچى دەپ قارايلى. ئۇلارنى ھەر قايسى جايلارغا بېرىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، تېكىستلىرىنى خاتىرىلەپ، ئاۋاز ۋە سۈرەتنى سىنغا ئېلىپ، كىيىم-كېچەكلىرىنى سىزىپ ۋە ئارخىپ قىلىپ تۇرغۇزۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا مۇكەممەل بىر كىتاب قىلىشقا قانچىلىك مەبلەغ، قانچىلىك ئادەم كۈچى، قانچىلىك ۋاقىت، قانچىلىك زېھىن، قانچلىك تەشكىللەش ۋە پىلانلاش ئىقتىدارى كېتىدۇ؟ ئەقلى بار ئادەم بىلەلەيدۇ، ئاماننىساخان بۇنداق چوڭ ئىشنى دۇنياغا قايتا تۆرەلسىمۇ ھەرگىز قىلالمايدۇ. بۇنداق چوڭ ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن پەقەت ئابدۇرەشتخاندەك دانا، دۆلەت ئىشلىرىنى پىلانلاش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارى يۇقىرى ئادەملەر روياپقا چىقىرالايدۇ.
ئاماننىساخاننى ئىككىنچى ئورۇنغا تىزىشنى مەقسىتى شۇكى، ئاماننىساخاندىن پەخرلىنپ، سەنئەتكە چىڭ يېپىشىپ، مەۋجۇتلۇق ۋە تەرەققياتنى سەنئەتكە باغلايدىغان ئادەم ۋە تەپەككۇرنى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت!

ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
tunjikar0999 + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
kaysar008 + 300 ئوخشاش كوزقاراشتا مەن.
uzkui + 20 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 330   باھا خاتىرىسى

بار دەپ تۆكمە،يوق دەپ كۆپمە!

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79
يازما سانى: 4100
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19602
تۆھپە نۇمۇرى: 1591
توردا: 874 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-12 11:18:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەخمەتجەن قاسىم خەلىقنى،مىللەتنى ئويلاپ سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولغان.توغرا چۈشىنىشكە بولمايدىغان يىرى يوق،بۇنى كاللىسى بار ھەر قانداق ئادەم بىلىۋالالايدۇ.

ئىتلار قاۋاۋېرىدۇ،كارۋان يولىغا مېڭىۋىرىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94696
يازما سانى: 153
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 299
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 135 سائەت
تىزىم: 2013-4-11
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-12 11:27:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
abdulahad7 يوللىغان ۋاقتى  2013-5-11 11:56 PM
ماقۇل    ماكمۇت  قەشقرى

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ،
ئابدۇرەشتخان ،
ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر،
زوردۇن سابىر،
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر،

دىموكىراتىك دۆلەتتە ھوقوق ئالمىشىدۇ ، مۇستەبىت دۆلەتتە دەۋىر ئالمىشىدۇ ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94696
يازما سانى: 153
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 299
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 135 سائەت
تىزىم: 2013-4-11
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-12 11:29:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
abdulahad7 يوللىغان ۋاقتى  2013-5-11 11:56 PM
ماقۇل    ماكمۇت  قەشقرى

ھەئىە مەھمۇت قەشقەرى

دىموكىراتىك دۆلەتتە ھوقوق ئالمىشىدۇ ، مۇستەبىت دۆلەتتە دەۋىر ئالمىشىدۇ ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94696
يازما سانى: 153
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 299
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 135 سائەت
تىزىم: 2013-4-11
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-12 11:33:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
فىزىك يوللىغان ۋاقتى  2013-5-11 10:44 PM
ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر .
مەن ماۋۇنى قىستۇرۇپ قوياي تېمىڭ ...

رەھمەت سىزگە

دىموكىراتىك دۆلەتتە ھوقوق ئالمىشىدۇ ، مۇستەبىت دۆلەتتە دەۋىر ئالمىشىدۇ ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94696
يازما سانى: 153
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 299
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 135 سائەت
تىزىم: 2013-4-11
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-12 11:41:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
terikqi يوللىغان ۋاقتى  2013-5-12 12:48 AM

ئويلىنىۋاتامسىز تىزراق بۇلۇڭ كىيىن قالماڭ يەنە

دىموكىراتىك دۆلەتتە ھوقوق ئالمىشىدۇ ، مۇستەبىت دۆلەتتە دەۋىر ئالمىشىدۇ ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94696
يازما سانى: 153
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 299
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 135 سائەت
تىزىم: 2013-4-11
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-12 11:42:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەنسارى. يوللىغان ۋاقتى  2013-5-12 01:36 AM
نىمشېھىتنىڭ مەرھۇم ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ۋاپاتىغا ئات ...

يوللاڭ ئەمسە بىزمۇ كۆرۈپ باقايلى پىخسقلىق قىلماي

دىموكىراتىك دۆلەتتە ھوقوق ئالمىشىدۇ ، مۇستەبىت دۆلەتتە دەۋىر ئالمىشىدۇ ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10177
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9526
تۆھپە نۇمۇرى: 443
توردا: 1784 سائەت
تىزىم: 2010-9-13
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-12 11:47:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزىڭلار ئابدۇرشىتخان بولمىسا ئاماننىساخان 12 مۇقامنى رەتلەپ چىقاممايتى دەپ .ئۇنداق بولمىغان بولسا بۇنداق بولمايتى.سەن ئويدەئولتۇرۇپ تالاغا چىقمىغان بولساڭ ماشىنا سوقۋەتمەيتى  دىگەندەك گەپلەرنى قىلىپسىلەر .بۇنداق گەپلەرنى قلىش ياخشى ئەمەس .ھەممە ئادەم ئۆز بېشىغا پۈتۈلگىنىدىن قېچىپ قۇتىلاممايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94696
يازما سانى: 153
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 299
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 135 سائەت
تىزىم: 2013-4-11
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-12 11:48:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
atux-0908 يوللىغان ۋاقتى  2013-5-12 02:24 AM
بۇغراخان بىلەن ئاپاقنىڭ ئارىسىدا بىرمۇ مەشھۇرلىرىمىز  ...

بارلىكىن ھەمىسىنى تىزىپ كەلسەك ئۈچ -تۆت كىتاپ پۇتۇپ قىلىشى مۇمكىن .

دىموكىراتىك دۆلەتتە ھوقوق ئالمىشىدۇ ، مۇستەبىت دۆلەتتە دەۋىر ئالمىشىدۇ ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94696
يازما سانى: 153
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 299
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 135 سائەت
تىزىم: 2013-4-11
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-12 11:50:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nazila998 يوللىغان ۋاقتى  2013-5-12 08:22 AM
مەن « دۇنيادىكى 100 مەشھۇر كىشى » دىگەن كىتاپنى ئوقۇغان  ...

سىزگىمىۇ رەھمەت

دىموكىراتىك دۆلەتتە ھوقوق ئالمىشىدۇ ، مۇستەبىت دۆلەتتە دەۋىر ئالمىشىدۇ ...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش