http://wenku.baidu.com/view/106e9dd326fff705cc170a4b.html
بۇ ئادىرىستىكى ماقالىدە ئانار پوستى تەركىبىدە بار بولغان خمىيلىك تەركىبلەر چۈشەندۈرۈلگەن . سىز سورىغان ئۈسۈملۈك ئىشقارى ئوخشىمىغان تىمپىراتۇرا شارائىتىدا مۇنداق ئۈچ خىل ئەھۋال يۈز بىرىشى مۇمكىن 1.ئۈسۈملۈك ئىشقارى بار بولغان ھاۋادىكى ئوكسىگىن تەرپىدىن ئوكسىدلىنىپ ئالدىھىد تۈرىدىكى ماددىلارغا ئاخىرىدا ماس ھالدىكى ئورگانىك كېسلاتاغا ئايلىنىپ كىتىشى مۇمكىن . يەنە ھاسىل بولغان كېسلاتا بىلەن ئۈسۈملۈك ئىشقارى ئېستىرلىشىش رىئاكسىيىسى ھاسىل قىلىشى مۇمكىن 2. مۇلىكۇلا ئىچىدىن سۇ يۇقۇتۇپ تۇيۇنمىغان كاربۇنھىدىرىتلارنى ھاسىل قىلىشى ۋە بۇ ھاسىل بولغان كاربۇنھىدىرىت باشقا تەركىبلەر بىلەن رىئاكسىيەگە كىرىشىپ كىتىشى مۇمكىن .يەنە ھەرئىككى مولىكۇلا ئۈسۈملۈك ئىشقارى بىر مۇلىكۇلا سۇ يۇقۇتۇپ ئېفىر تۈرىدىكى ماددىلارنى ھاسىل قىلىپ قۇيۇشى مۇمكىن .بۇلاردىن خالىغان بىرسى ياكى ھەممىسى يۈز بىرىش ئېىتىماللىقى بار .
زادى قانداق ئۆزگۈرۈش بۇلىدۇ . قانداق تەسىرگە ئۇچرايدۇ دىگەننى بىلىش ئۇچۇن سىز ماتىريال كۈرۈپ خېمىيىلىك تەركىبىنى بىلگەندىن كىيىن بۇ تەركىبلەردە قانداق فونكىسىئۇنال گوروپپا بارلىقىنى ئېنىقلاڭ .گوروپپىغا قاراپ تۇرۇپ ئۆزگۈرۈش جەريانىغا بىرقەدەر ئېنىق ھۈكۈم قىلغىلى بۇلىدۇ ..ناۋادا سىز ئۇرۇمچىدە بولسىڭىز .شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋىرسىتتى خېمىيە فاكۇلتىتىدىكى دىلفىگار مۇئەللىمنى ئىزدىسىڭىز بۇلىدۇ .. 2001 -يىلى ئۇقۇش پۇتتۇرىدىغان ئۇقۇغۇچىلار بۇ ئۇقۇتقۇچىنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئانار پوستى توغرىسىدا ئۇقۇش پۇتتۇرۇش ماقالىسى يازغان ...