مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: uyol

يۇپۇرغا ھاكىمىنىڭ جاۋاب خېتى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84479
يازما سانى: 178
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 580
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 102 سائەت
تىزىم: 2012-8-29
ئاخىرقى: 2015-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-19 12:41:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھاكىم خېلى ئەستايىدىل سەمىمى ئادەمكەن ،  ۋاقىت چىقىرىپ  مۇشۇ تېمىغا  جاۋاپ خەت يېزىپتۇ ! مۇشۇ ئۈزى بۇ بىر ئەستايىدىل ،ساپالىق ئادەم ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىدۇ .  ئىلگىرى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتۇكۇمدا ئىشلىگەن بولسا قانۇ ن بۇيىچە ئىش تۇتۇپ ، سىياسەتنى قانۇننىڭ ئۈستىگە قۇيۇۋالماي كىسىپ ئىشلىيەلەيدۇ ؟ ئاقسۇنىڭ ۋالىسىمۇ  ئۈرۈمچىدىن مارالبېشىغا ھاكىم بۇلۇپ ، خەلىقنىڭ ھالىغا يىتىپ تىزلا ئۈسۈپ باش ۋالى بولغان ، ھازىرقى مۇاۋىن رەئىس جارۇللا ھېسامدىنمۇ ،يۇپۇرغا ناھىيىسىگە ھاكىم بۇلۇپ ئۈسۈپ ھازىرقى ئورنىغا چىققان .





mahmat بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-19 06:40:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
mahmat بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-19 06:42:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

جېنىم قىزىم مېنىڭ بارلىقىم.

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6279
يازما سانى: 1169
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 14154
تۆھپە نۇمۇرى: 890
توردا: 5664 سائەت
تىزىم: 2010-8-13
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-20 11:12:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ھاكىمنىڭ خەت قالدۇرغىنىدىن ھەم ھەيران قالدىم ھەم خۇش بولدۇم، مەنمۇ يوپۇرغىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولۇپ تولۇقسىزنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن قەشقەرگە كۆچۈپ كەلگەنىدۇق. يوپۇرغا مېنىڭ كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن ماكان. «بولىدىغان زىرائەت كۆكىدىن مەلۇم» دەپتىكەن كونىلار. مەن دەسلەپتە ھاكىغا يېزىلغان خەتنى كۆرگەندە كۆڭلۈمدە بۇ خەتنى  يازغاننىڭ پايدىسى يوق، ھاكىم شۇنداق ئالدىراش تۇرسا مۇنبەرگە كىرىپ بۇنى كۆرۈپ ئولتۇرمايدۇ ھەر قانچە بولسىمۇ دەپ ئويلايتتىم، لېكىن جاۋاب خەتنى كۆرۈپ ھاكىمغا قارىتا ھۆرمىتىم قوزغالدى، ھاكىم بۇ خەتنى ناھايىتى سەمىمىيلىك بىلەن  يېزىپتۇ، شۇڭا قەيسەر ھاكىمنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن خەلق ئۈچۈن ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىشلارنى تېخىمۇ كۆپ قىلىپ، ئامما ئويلىغاننى ئويلاپ، ئامما ئالدىرىغانغا ئالدىراپ، بۇنى ئەمەلىي ھەرىكىتىدە كۆرسىتىپ، خەلققە چىن دىلىدىن «خەلقىم» دەپ كۆيىدىغان، خەلقمۇ «غەمگۈزارىمىز» دەيدىغان ياخشى ھاكىم بولۇپ، يوپۇرغىدا يېڭىچە كەيپىيات بەرپا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئەر-خوتۇنلار بىر-بىرىگە مەرھەممەت ۋە مۇھەببەت نەزىرى بىلەن قاراشسا، بىر-بىرىگە مۇھەببەت ئىزھار قىلىشسا پۈتۈن گۇناھلىرى بارماقلىرى ئارىسىدىن تۆكۈلۈر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77212
يازما سانى: 721
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5839
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 260 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2015-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-20 08:01:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن يوپۇرغا ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى قەيسەر قېيۇم بولىمەن
  
 ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتىلىك ئاكا ياخشىمۇ سىز؟ سىزنىڭ جاۋاپ خەت يازىغنىڭزدىن سۆيۈندۈم.ھەمدە خۇشال بولدۇم.كونلاردا چىشىڭنىڭ باردا گۆش يە دېگەن بىر ھېكىمەتىلىك سۆز بار. شۇڭا بۇ ھاياتىڭىزدا كىيىنكىلارگە قانداق قاندا تەسىر قالدۇرسىز؟قانداق ئىزلارنى ۋە قانداق قىلىپ بۇ خەلقىنڭىزگە ياخشى ئىش قىلىپ بىرەلەيسىز؟بۇنى كىيىنكى تۇرمۇش ھاياتىڭىزدا ۋە قەلبىڭىزگە باغلىق.شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مېنىڭ سىزگە مۇنداق بىر قانچە تەكلىپ بەرمەكچى بولۇۋاتىمەن.چۈنكى سىزدەك بىر ناھىيە باشىلىقنىڭ توردا بۇنداق جاۋاپ خەت يازغىنى ئار ئىدى.  
   تەكلىپلەر:
   ئۇزۇڭىزنى ئەڭ ئاددى بىر ئادم دەپ بىلىپ ،مەنمۇ بۇ دۇنىيانىڭ مېھمنىنى،ئاللاھ ماڭا بۇ مېھنەتنى مەن زېمىنغا تۈرەلمەس چاغدا بىشانەمگە بىرىپتىكەن دەپ بىلىپ،ئۆز ئەجىرىڭىز بىلەن ياشاپ ھەشەمەتلىك قوغلاشىماي،بىر ۋاق تاماقنى يىمىگەنگە ئىنسان ئۆلمەيدۇ(ئاچ يۇرۇش پەيغەمبىرمىزنىڭ سۈنىنى) شۇ تاماق يىمىگەن پۇلغا ئاز بولسىمۇ كىتاب سېتىۋېلىپ ئۆز مائارىپىڭىزىغا كۈچ چىقارسىڭىز ...تۇلۇق ۋە تۇلۇقسىزدىكى ئۇقۇغۇچىلارنى ساۋاتىلىق قىلسىز...سىز ھامان ئۈغۈز پۇشىتى بولغاندىكىن كەڭ مائارىپنى كەڭ تەشىۋىق قىلىڭ،رادىئۇ -تېلىۋىزىيىەدە بارلىق ئۇقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىدە سىزنىڭ نامىڭىز ياڭرسۇن.
   تەكلىپ ھۆكۈمەتنى ناھىيىگە چۈشۈرۋاتىقان ياردەم پۇلنىدىنمۇ بولسا يەنە مائارىپقا ۋە سەھىيەگە ئىشلەتسىزڭىز.
   ئانا تىلغا ئەھىمىيەت بەرسىڭىز. چۈنكى قانۇندا ئانا تىل ئۇقۇتۇش ئېنىق بەلگىلەنگەن. بۇ جەرىياندا سىز يەنە ئۇقۇش پۇتۇرۇپ كەلگەن بالىلارنى ئىشىقا ئورۇنلاشىتۇرۇشىنى تىزلەتسەڭىز...
   يۇپۇرغىدا يېزا مائارىپىغا ئەھمىيەت بەرسىڭىز...ھەممە ئۇقۇشسىز قالغان ئۇقۇغۇچلارنى ئۇقۇتۇپ ساۋاتلىق قىلش،بۇ ئەڭ چوڭ ساۋاپ ئىش.قالغان گەپنى مۇنبەرداشلاردىن ئاڭلىغايسىز..مەن شۇنچىلىك تەكلىپ بىرەي.

ئاخىرىدا ئائىلڭىزگە بەخىت،ئۆزڭىزىگە سالامەتلىك تىلەيمەن....ئاللاغا ئامانەت....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92263
يازما سانى: 126
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 242
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 61 سائەت
تىزىم: 2013-2-25
ئاخىرقى: 2014-10-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-23 10:52:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممە ئادەم ئوخشاش بولمايدۇ ،ئاۋۋال مەسلىنى ئىنكاس قىلىپ كۆرۇپ باقمامسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2215
يازما سانى: 255
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9253
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 60 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2014-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-28 05:40:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداق كادىرلا دېھقانلارغا ماھىل بولسا ،غوجاكىمىزنىڭ چىشىغا تىگىپ قالامىكىن دەيمەن ،  بولسا ھاكىم ئىشلىرىڭىنغا  ئۇتۇق تىلەيمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78910
يازما سانى: 350
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3851
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 58 سائەت
تىزىم: 2012-4-16
ئاخىرقى: 2014-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-1 11:24:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھاكىمكا مەنمۇ يۇپۇرغىدىن  بۇ تىمىغا جاۋاپ خەت يازغانلىقىڭىزدىن بەكمۇ سۇيۇندۇم  بىزنىڭ يۇپۇرغىغا سىزدەك ئادەمنىڭ ھاكىم بولغانلىقى بەكمۇ ياخشى بوپتۇ  مەن يۇپۇرغىدا تۇرمىغانلىقىم سەۋەپلىك ھازىر قى ئىشلارنى بىلمەيمەن شۇڭا ئۇزۇندىن بىرى ساقلىنىپ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشىڭىزنى ئۇمۇت قىلىمەن

مىسكىن ئاي

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85981
يازما سانى: 555
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2132
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 326 سائەت
تىزىم: 2012-10-12
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-1 11:52:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راستىنلا سۆيۈندۈم ھەم تەسىرلەندىم..... !! مەن بىر ئاساسى قاتلام دا خىزمەت قىلىۋاتقان مەمۇرى خادىم .ئوقۇش پۈتتۈرگىلى ئەمدى بىر يىل ، خىزمەتكە چۈشكىلى ئەمدى يېرىم يىل بولدى. بىراق نۇرغۇن مەسىلىنى بايقىدىم، شۇنداقلا  بىزنىڭ ناھىيىلىك ھاكىم بىلەن ئىلمى بىر پىكىرلىشىشنىمۇ ئويلىدىم بىراق...بىزنىڭ ھاكىمنىڭ  مەندەك بىر تۆنۆگۈن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىققان، تەجىربىسى يوق «سويمىچاق» نىڭ  ئوچۇق خېتىنى كۆرۈپ ئولتۇرغىلى نەدىمۇ چولىسى بولسۇن..... بىزنىڭ تۇرغۇن ھاكىممۇ مۇشۇنداق پات پات پۇنبەر ئارىلاپ ئاممىنىڭ چىن ساداسىغا بىر قۇلاق سېلىپ باققان بولسا نەقەدەر ياخشى بولاتتى ھە...... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   happy123 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-1 11:56 AM  


كۈلكىللىرىمگە كۆز تەگمىسۇن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش