مەشرەپ نامانگاندا تۇغۇلغان. شۇ يەردە مەدرىسە تەربىيەسى ئالغان. كىيىن ئەينى دەۋىردە ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئىلىم مەركىزى بولغان قەشقەرگە ئاتلىنىپ، «شەرقنىڭ ھىدايەت يۇلتۇزى» دەپ تونۇلغان ھەزىرتى ئاپپاق غوجامنىڭ ھۇزۇرىغا كىلىپ ئۇنىڭغا مۇرت بولغان. ئىنسان ئازغۇچىدۇر. مەشرەپ ئاپپاق غوجامنىڭ كىنىزەكلىرىدىن بىرىگە كۆيۈپ قېلىپ، ئىشپەش تاتىشقىنى مەلۇم بولغاندىن كىيىن ئاپپاق غوجام ئۇنى ھوزۇرىدىن قوغلىۋەتكەن ۋە ئۇنىڭغا بەلىخدا ئۆلىدغانلىقى توغۇرلۇق بىشارەت بەرگەن.
ھەرگىزمۇ تېمىدا دىيىلگەندەك ئاپاق غوجامنىڭ مۇرۇتلىرىنى، سوپىلارنى تىللاپ شىئېر يازغانلىقى ئۈچۈن ھەيدەلگەن ئەمەس. مەشرەپ ئۆزى بىر سوپى تۇرسا سوپىنى تىللاپ شىئر يازامدۇ
. لىكىن ئۇنىڭ مىسرالىرىدا ھاۋايى ھەۋەسكە بىرىلىپ كەتكەن بىر قىسىم سوپىلارنى تىللاپ يازغىنى راسىت. ھەممە سوپىنى ئەمەس.
دەرھەقىقەت، مەشرەپ غوجامنىڭ ھۇزۇرىدىن قوغلانغاندىن كىيىن قەلەندەرلىك ھاياتىنى باشلاپ بۇخارا، سەمەرقەنىد، ئىستانبول، مەككە، مەدىنە قاتارلىق جايلارنى كەزگەن ۋە ئاخىرىدا ئەۋلىيا غوجامنىڭ بىشارەت بەرگىنىدەك بەلىختە قەتىل قىلىنغان.
مەشرەپ توغرىسىدا تېخىمۇ ئىنچىكە چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشنى خاھلايدىغانلار ئىسھاق باغىستانىينىڭ «تەزكىرەئى قەلەندىران» دىگەن ئەسىرىگە مۇراجەت قىلىڭلار. يەنە «قىسسەئى مەشرەپ» ناملىق ئەسەرمۇ بار.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tahirbeg تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-18 08:50 PM